يۈزىگە دانىخورەك چىقىپ قالغاندا قانداق گىرىم قىلىش كىرەك ؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 9806:ئادەم ئۆگەندى

      داغ سەپكۈندىن باشقا،  دانىخورەكمۇ گىرىم  قىلىشتا دۇچ  كىلىدىغان  بىر  چوڭ  سىناق ،  ھەتتا  چولپانلارمۇ بۇنىڭدىن  مۇستەسنا  ئەمەس .

    دانىخورەك  يوقىغاندىن  كىيىنمۇ ئىزى  قالىدىغان  بۇلۇپ،  گىرىم قىلمىغاندا بەكلا  چېنىپ  قالىدۇ . شۇڭلاشقا  بۈگۈن  بىز بۇ  يەردە دانىخورەك چىقىپ  قالغاندا قانداق  گىرىم قىلىش  توغۇرلۇق كۆپچىلىك  بىلەن  پىكىر  ئالماشتۇرۇپ باقايلى !

(1) تىرىمىزنىڭ قۇرغاقلىشىپ  كەتمەسلىگى  ئۈچۈن ، گىرىم قىلىشتىن  ئاۋال سۇ تۇلۇقلاش  مەلھىمى  ئىشلىتىمىز.

(2) ئاقارتىش  مېيىنى دانىخورەك  ياكى  ئىزى  قالغان  ئورۇنغا چىكىپ تەككۈزگەندىن  كىيىن  نەم  ھالەتتىكى ماي  سۈرۈش  بۇلۇتىدىن  پايدىلىنىپ تەكشى  سۇۋايمىز؛ ماينى  سۈرگەندە يۈزىمىزنىڭ  ھەممە  يىرىگە قېنىق  سۈرىۋىلىشتىن قەتئى  ساقلىنىشىمىز  كىرەك، بۇنداق  بولغاندا تىرىمىزدىن ھاۋا  ئۆتۈشمەيلا  قالماي،  يۈزىمىز  نىقاب  تاقىۋالغاندەك  كۈرۈنۈپ  قالىدۇ .

(3)ئاقارتىش  مېيىنىڭ  سىڭىشلىك  بۇلۇشىغا ئالاھىدە  دىققەت قىلىشىمىز،  يىنىك  ئۇرۇپ  تۇرۇپ  تۇلۇق  سىڭدۈرىشىمىز  كىرەك  .

 (4)ماي  سۈرۈش چوتكىسىدىن پايدىلىنىپ،  يۈزىمىزگە يىنىك  ھالەتتە  ئۇپپا  سۈرىمىز .

(5) ئالدى  بىلەن  سېرىق  رەڭلىك ئەڭلىكنى يۈزىمىزنىڭ دانىخورەك ياكى  داغ  بار ئورنىغا  يىنىك  سۈرۈپ،    ئۇنىڭ  ئۈستىگە سۇس  شاپتۇل  چىچىكى ئەڭلىكنى  سۈرۈيمىز .

 

(6) سۇس قۇڭۇر  رەڭلىك كۆز  ئەڭلىكنى قاپاق  ۋە  ئاستى  قاپاققا سۈرۈيمىز،  ھەمدە  قاش  ئۇپىسى ئورنىدا  ئىشلەتسەك،  گىرىمىمىز  تېخىمۇ چىرايلىق  چىقىدۇ .

(7)كىرپىك  قىسقۇچ  ئارقىلىق كىرپىكىمىزنى  ئىگىۋىلىپ،  لاكنى  تەكشى  ھالەتتە سۈرسەك،  جەلپ  قىلارلىق تال -تال  كىرپىككە  ئىرىشەلەيمىز .

(8) لەۋ گىرىمى  ئىشلەتكەندە ، ئالدى بىلەن يۇمشاق  قەغەزدە لىۋىمىزنى  سۈرتىۋىتىپ، ئاپلىسىن  رەڭلىك  لەۋ  سورۇقى  سۈرۈيمىز؛ ئاخىرىدا گىرىم  پالىكۇچىنى سۇس  شاپتۇل  چىچىكى ئەڭلىككە  تەككۈزۈپ، لىۋىمىزنىڭ  ئەتراپىنى  بىر قۇر  ياسىساق،  چىرايلىق  لەۋ  گىرىمىمىز  پۈتىدۇ .

 

ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئاپتور ھوقۇقى شىنجاڭ تەمزات مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىگە تەۋە بۇلۇپ، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ قانۇنى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!

 

友情提示:作品版权归新疆塔穆扎提文化传播有限公司所有,抄袭转载者必究法律责任!

 

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号