ئاياللار ھەر كۈنى يېسە، قورۇققا قارشى تۇرۇپ، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر
7 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 18570:ئادەم ئۆگەندى

 ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئاياللار كۈندىن كۈنگە قېرىشقا باشلاپ، يۈزدىكى قورۇقلار كۆپىيىدۇ. تېرىنىڭ بالدۇر قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كۈندىلىك تېرە ئاسراش، قوغداشتىن سىرت، يەنە يېمەكلىك بىلەن تېرە ئاسرىشى، قورۇق پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.


قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىك1: ئالما

ئامېرىكىدا كۈندە بىر ئالما يېگەنلىك، دوختۇردىن يىراق تۇرغانلىق دەيدىغان ئەقلىيە سۆزى بار. ئالمىنىڭ تەركىبىدە  سېللۇلوزا، ۋىتامىنC ۋە قەنت بولۇپ، تېرىدە قاپارتما پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تېرىنىڭ پارقىراقلىقىنى ساقلايدۇ. ئالما يەنە ئورۇقلاشنىڭ ياخشى ياردەمچىسى بولالايدۇ.

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىك2: قېتىق

قېتىقنىڭ ھەزىمگە پايدىسى بولۇپ، ئۈچەي يولى يۇقۇملىنىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىمۇنىتېت كۈچىنى ئۆستۈرىدۇ. ئادەتتىكى كالا سۈتىگە سېلىشتۇرغاندا، قېتىقنىڭ ياغ تەركىبى تۆۋەن، كالتسىي مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، يەنە مول ۋىتامىنB2 قاتارلىقلار بار. بۇ ئىلمېنىتلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان پايدىسى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، سەمىرىشتىن ئەندىشە قىلمىسىمۇ بولىدۇ.

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىك3: شاكىلات

شاكىلات قىزلارنىڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان يېمەكلىكى. شاكىلات كىشىلەرنى دەماللىققا ھاياجانلاندۇرىدۇ. چۈنكى شاكىلاتنىڭ تېنىچلاندۇرۇش رولى بولۇپ، ئۇنىڭ پۇرىقى ۋە تەمى كىشىلەر چوڭ مېڭىسىنىڭ خوشاللىق مەركىزىي نېرۋىسىنى غىدىقلاپ، كىشىلەرنى خوشاللاندۇرىدۇ. كەيپىيات ياخشىلانسا، كىشىمۇ تەبىئىيلا قېرىمايدۇ.

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىك4: پۇرچاق ئۇيۇتمىسى (دۇفۇ)

بېلىق، راك تۈردىن باشقا، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى ئاقسىلنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك كېلىش مەنبەسى. شۇنىڭدەك، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردە ئىزوفلاۋوندىن ئىبارەت خىمىيەتلىك ماددا بولۇپ، كۈچلۈك بولغان ئانىلىق ھورمۇننىڭ ھەرىكەت بوشلۇقىنى ئازايتىدۇ. ئەگەر سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇشتىن ئەنسىرىسىڭىز، دائىم پۇرچاق تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىپ بېرىڭ.

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىك5: پالەك

پالەك ئاياللاردىكى قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بەدەن ساپاسىنى كۈچەيتىپ، تېرىسىنى ياخشىلاپ، زەھەر چىقىرىپ ھەمدە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغداپ، كەيپىياتىنى تەڭشەيدۇ. تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقتىن يىراقلاشتۇرىدۇ. پالەكتىكى يوپۇرماق كىسلاتاسى بولغۇسى ئانىلار ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يېتەرلىك يوپۇرماق كىسلاتاسى تولۇقلىغاندا، يېتىلىشى بىنورمال بوۋاق تۇغۇلۇشتىن ساقلانغىلى، يەنە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ئاق قان كېسىلى، تۇغما يۈرەك كېسەللىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىك6: بەرەڭگە

بەرەڭگە ئائىلىدىكى دائىم ئۇچرايدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى. بەرەڭگە كۆپ يەپ بەرگەندە قۇرغاققا مايىل ئىسسىقلىق، قەۋزىيەت قاتارلىقلارنى پەسەيتىدۇ، يەنە ئاشقازان-تالنى قۇۋەتلەپ، قۇۋەتنى ئاشۇرۇپ، ئۈچەينى نەمدەپ، كۆز خالتىسىنى يوقىتىدۇ. بەرەڭگە ياپراقچىسىنى كۆزگە چاپلىغاندا، كۆز خالتىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号