
مېنىڭ نۇرغۇن دوستلىرىم قەھۋە ئىچىشنى ياقتۇرىدۇ، بەزى دوستلىرىم ياقتۇرمىسىمۇ، قەھۋەنىڭ روھلاندۇرۇش رولى بولغانلىقتىن، ئۆگىنىش ۋە خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئىچىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بىراق كۆپ ساندىكى دوستلىرىم قەھۋەنىڭ پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەرەپلىرىنى كۆپ بىلمەيدىكەن. شۇڭا بۈ ساۋاتنى شۇنداق دوستلىرىمغا تەييارلىدىم.
پايدىسى : ئامرىكا ئالىملىرىنىڭ يېقىندا 100 خىلدىن ئارتۇق يېمەكلىك ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەجرىبىسىدىن، قەھۋە تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلارنىڭ باشقا ئىچىملىك ۋە كۆكتات، مېۋە- چىۋىگە قارىغاندا يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان، ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار زىيانلىق ئەركىن رادىكاللارنىڭ تازلىنىشقا ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا دائىم قەھۋە ئىچىپ بەرگەندە جىگەر ۋە ئۈچەي راكى ۋە ئىككىلەمچى دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

قەھۋە ئىچىشنىڭ زىيىنى:
1.تۇغماسلىققا سەۋەب بولىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، قەھۋە ئىچىش ئادىتى بار 104 ئايال ئارىسىدىكى 50 ئايالدا تۇغماسلىق كېسىلى بارلىقىنى بايقىغان.
2. يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ.
ئامېرىكا بوستون ئۇنىۋىرسىتېتى ئاممىۋى سەھىيە ئىنىستىتۇتىدىكى تېببىي مۇتەخەسىسلەر ھەركۈنى بەش ئىستاكاندىن ئارتۇق قەھۋە ئىچىدىغان ئاياللاردا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى پەيدا بولۇش خەۋىپىنىڭ 70 پىرسەنت ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان.

3. سۆڭەك شالاڭلىشىشقا سەۋەب بولىدۇ.
ئامېرىكا بوستون ئۇنىۋىرستېتىدىكى تەتقىقاتچىلار 980 ئايالنى تەتقىق قىلىپ، ھەر كۈنى ئىككى ئىستاكان ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ قەھۋە ئىچىدىغان ئاياللارنىڭ يانپاش سۆڭىكى ۋە ئومۇرتقا سۆڭىكىنىڭ زىچلىقىنىڭ نىسبەتەن تۆۋەنلىكىنى، ھەم بۇ زىچلىق دەرىجىسىنىڭ ئىچكەن قەھۋەنىڭ مىقدارى ۋە ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
4. ھامىلدار ئايالنىڭ قەھۋە ئىچىشى ھامىلىگە پايدىسىز.
ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى دوختۇرلار بوغاز ئاق چاشقانغا ئادەم ھەر كۈنى ئىچىدىغان قەھۋەنىڭ نىسبىتىدە يېمەكلىك بەرگەن. نەتىجىدە بوغاز چاشقان غەيرىي چاشقان تۇغقان. شۇڭا ھامىلدار ئاياللارنىڭ قەھۋەدىن يىراق تۇرغىنى ياخشى.
5 . ھامىلدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىمى يىغىندا كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا ھامىلدار ئاياللار قەھۋەنى كۆپ ئىچسە بالىنىڭ ئەقلىي قابىليىتىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق
بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك
ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم
ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى
بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال
توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号