
قان ئازلىق بولسا سەۋەبى ئېنىق بولمىغان چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھېموگلوبىن (قان رەڭ ماددىسى) نورمال بولغان ئاياللارمۇ بەزىدە قاتتىق چارچاش ھېس قىلىدۇ. ئادەتتە قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆمرى 120 كۈنگە يېتىدىغان بولغاچقا، ھېموگلوبىن (قان رەڭ ماددىسى) نىڭ مىقدارى بەدەندىكى يېقىنقى مەزگىللەردىكى تۆمۈرنىڭ تولۇق ياكى كەملىكىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، قىزىل يىلىكتىكى تۆمۈر زاپىسلا قاندىكى تۆمۈرنىڭ ئەڭ سەزگۈر كۆرسەتكۈچىسى ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئادەم بەدىنىنىڭ تۆمۈر قوبۇل قىلىنىشىغا نىسبەتەن سەزگۈرلۈكى ناھايىتى يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر يېمەكلىكلەردىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارى يېتەرلىك بولمىسا، ھېموگلوبىن (قان رەڭ ماددىسى) نىڭ مىقدارى تۆۋەنلەشتىن بۇرۇنلا بەدەننىڭ چارچاشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ. شۇڭا ئاياللار يېمەكلىكلەردىكى تۆمۈر مىقدارىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاياللار تۆمۈر تولۇقلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ جىسمانىي كۈچ-قۇۋۋىتى، كەيپىياتى ۋە دىققىتىنىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ياخشىلىنىش بولىدىكەن. گۆش ۋە ئىچكى ئەزالاردىكى ھېموئىرون ئاسان سۈمۈرۈلىدىغان بولغاچقا، ئاياللارنىڭ تۆمۈر تولۇقلىشىغا ناھايىتى باب كېلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، گۆشنىڭ رەڭگى قانچە قىزىل بولسا ئۇنىڭدىكى ھېموئىرون شۇنچە كۆپ بولىدۇ. يۈرەك، جىگەر ۋە بۆرەك قاتارلىق ئىچكى ئەزالاردا ھېموئىرون ناھايىتى مول بولىدۇ. ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردە تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشچانلىقى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن بولىدۇ، سۈت مەھسۇلاتلىرىدا تېخىمۇ ئاز بولىدۇ.
ئادەتتە ياش ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەر كۈنى 100 گىرام قارا گۆش يەپ بەرسە كۈچ-قۇۋۋىتىنى ساقلاپ تۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. توخۇنىڭ يۈرىكى ۋە تاشلىقى قاتارلىقلارمۇ ناھايىتى ياخشى تۆمۈر تولۇقلىغۇچى يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.
ئەكسىچە، ئەرلەر ئەگەر تۆمۈرنى ئارتۇقچە تولۇقلىسا يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلى ۋە دىيابېت كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئېشىپ كېتىدۇ. قان تەقدىم قىلىشمۇ قاندىكى تۆمۈرنى كېمەيتىپ، يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. شۇڭا گۆشكە ئامراق ئەرلەر ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق
بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك
ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم
ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى
بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال
توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号