ئاياللارنىڭ كالتسىي تولۇقلىشىدىكى تۆت خىل خاتا قاراش
8 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 9369:ئادەم ئۆگەندى

كالا گۆشى سۆڭەككە پايدىلىق:

نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكا ۋە ياۋروپالىقلارنىڭ بەستلىك بولۇشى كالا گۆشىنى كۆپ ئېستىمال قىلغانلىقنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ. لېكىن كالا گۆشىدە كالتىسىي ئىنتايىن ئاز بولغاچقا، كالا گۆشىنى كۆپ ئىستېمال قىلغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ئېغىر دەرىجىدە كالتىسىي كەملىك يۈز بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەر خىل گۆشلەرنىڭ ھەممىسىدە كالتىسىي مىقدارى ئاز، كىسلاتالىق ئېرىتمىلەر كۆپ بولغاچقا، گۆشلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا قان كىسلاتالىققا مايىللىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەدەن يېمەكلىك ۋە سۆڭەكتىكى كالتىسىي ئىيونى ئارقىلىق كىسلاتالىق ئېلېمېنتلىرىنى نىيتراللاشقا مەجبۇر بولىدۇ-دە، بەدەن كۆپ مىقداردا كالتسىي يوقىتىدۇ. شۇڭا، كالتسىي يېتىشمەيدىغان ئوتتۇرا ياش، ياشانغان كىشىلەر گۆش ئىستېمالنى مۇۋاپىق دەرىجىدە كونترول قىلىشى كېرەك.

سۆڭەك ساغلاملىقى كۆكتات بىلەن مۇناسىۋەتسىز:

نۇرغۇن كىشىلەر كۆكتاتلاردا پەقەت يېمەكلىك تالالىرى ۋە ۋىتامىنلارلا بولغاچقا، سۆڭەك ساغلاملىقى بىلەن ئانچە چوڭ مۇناسىۋىتى بولمايدۇ دەپ قاراپ، كۆكتات ئىستېمالىغا سەل قاراپ، ھايۋانات مەھسۇلاتلىرى ئىستىمالغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەمەلىيەتتە كۆكتاتلاردا كالىي، كالتسىي ۋە ماگنىي قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار مول بولۇپ، بەدەننىڭ كىسلاتا ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ۋە كالتىسىينىڭ ئېقىپ كېتىشىنى توسۇشقا پايدىلىق بولىدۇ. كالتىسىي تولۇقلاشتا مايلىق يېسىۋېلەك، يازلىق يېسىۋېلەك، كەرەپشە قاتارلىق يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار سەل قاراشقا بولمايدىغان كۆكتاتلار ھېسابلىنىدۇ.

مېۋىنى تاماق ئورنىدا يېيىش سۆڭەك ساغلاملىقىغا پايدىلىق:

ئورۇقلىماقچى بولغان بەزى خانىم-قىزلار مېۋە-چېۋىلەر ئارقىلىق يېتەرلىك دەرىجىدىكى ئاقسىل ۋە ۋېتامىنلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ دەپ قارىغاچقا، تاماقنىڭ ئورنىدا مېۋە-چېۋە يەيدۇ. ئەمەلىيەتتە مېۋە-چېۋىلەردە ئاقسىل ۋە كالتسىي كەمچىل بولۇپ، كىسلاتا ۋە ئىشقارلىقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولىدۇ، سۆڭەكنىڭ شەكىللىنىشى كۆپ مىقداردىكى كالتسىي ۋە كوللاگېن ئاقسىلغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، مېۋە-چېۋىلەر بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغاچقا، مېۋە-چېۋىلەرنى تاماقنىڭ ئورنىغا قويغاندا سۆڭەك شالاڭلىشىش يۈز بېرىدۇ.

ئىچىملىك ئىچىش كالتسىي تولۇقلاش بىلەن مۇناسىۋەتسىز:

كۆپ قىسىم ئىچىملىكلەردە كالتىسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشكە توسقۇنلۇق قىلغۇچى فوسفاتلار بولىدۇ، كولا ئىچىملىكىدە فوسفات كىسلاتاسى بولغاچقا زىيىنى ئەڭ چوڭ بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى قەنتلەر كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تېخىمۇ پايدىسىز بولىدۇ. چايدا كالىي ئىيۇنى ۋە سۆڭەك، چىشلارنىڭ مۇستەھكەملىكىنى ئاشۇرىدىغان فىتور ئېلېمېنتى مول بولغاچقا، چاي ئىچىش سۆڭەك ساغلاملىقىغا ناھايىتى پايدىلىق.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号