ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇسۇلى
5 يىل ئىلگىرى تەمزات 286353:ئادەم ئۆگەندى


تۇرمۇش ھەققىدە
   1. پاكىزە كارىۋاتتا يالىڭاچ ئۇخلاش.
   2. ھەيىز مەزگىلىدە شاكىلات يېمەسلىك، چۈنكى ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋىتىدۇ.
   3. ھەيىز مەزگىلىنى خاتىرىلەش ئادىتى يىتىلدۈرۈش.
   4. تەڭشەش تىپىدىكى ئىچ كىيىملەرنى كىيىپ ئەمەس، بەلكى چېنىقىش ئارقىلىق بەدەن شەكلىنى قۇرۇش ۋە ساقلاش.
   5. نىرىپلارنى بېسىپ بىرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، پۇتلىرىنى ئالماپ ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش.
   6. تېرىگە تىگىشىپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى قۇرۇق يۇماسلىق.
   7. ئۆتكەن يىلدىكى كىيىملەرنى ئاپتاپقا سېلىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن كىيىش.
   8. ئەگەر زۆرۈرىيىتى بولمىسا، تازىلىق سېلىنچىسى(卫生护垫) ئىشلەتمەسلىك.
   9. ئىشلىتىۋاتقان گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ساقلىنىش مەزگىلىنى قەرەللىك تۈردە تەكشۈرۈپ تۇرۇش.
   10. يۇيۇنۇپ بىر سائەتتىن كېيىن ئاندىن گىرىم قىلىش.
   11. گۈزەللىكنى ھەر قانچە سۆيگەن تەقدىردىمۇ، قۇلاق ئۈستى قىسىمنىڭ سىرتقى تەرەپتىكى كۈمۈرچەككە تۆشۈك تەشتۈرمەسلىك.
   12. ئۆزىنىڭ ئائىلە كېسەل تارىخىنى چۈشىنىش، بولۇپمۇ ئانىسى بىلەن ئانىسىنىڭ ئانىسىنىڭ كېسەللىك تارىخىنى چۈشىنىش.

يېمەك-ئىچمەك ھەققىدە
   1. كالا سۈتى ۋە پۇرچاق سۈتى ئارىسىدا، پۇرچاق سۈتىنى تاللاش.
   2. يەنە يېرىم قاچا ئاش يىيەلەيدىغان ھېس قىلغان ۋاقىتتا، تاماق ئۈستىلىدىن قوپۇپ كېتىش.
   3. ئەگەر بەدىنى ئۇسسۇزلۇق ھېس قىلمىسا، ھەر كۈنى پەقەت تۆت ئىستاكانلا سۇ ئىچىش.
   4. قېتىقنى كۆپرەك ئىچىش.
   5. مەيلى نېمە سەۋەبتىن بولمىسۇن، تاماكا چەكمەسلىك.
   6. تاماق تىزىملىكىگە يىرىك ئاشلىق ۋە كۆكتاتلارنى چوقۇم كىرگۈزۈش.
   7. يېشىل چاينى قىزىل چايدىن كۆپرەك ئىچىش.
   8. ئەتىگەنلىك ناشتىغا كەچلىك تاماققا قارىغاندە بەكرەك ئەھمىيەت بىرىش.
   9. تۇز ئىستېمال مىقدارىنى كونترول قىلىش.
   10. ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن، ئاۋۋال چىش چوتكىلاش، كەينىدىن سۇ ئىچىش.
   11. ھەمىشە چايناڭ چايناپ بىرىش.
   12. ئەتىگىنى ۋە كەچتە بىردىن ئالما يىيىش قەۋزىيەتنى ئۈنۈملۈك ياخشىلايدۇ.
   13. گۆش تۈرىنى قەتئىي ئىستېمال قىلمىغاندا، ھورمۇن ئاجرىلىشنى بىنورماللاشتۇرۇپ، تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
   14. ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم بېلىق ئىستېمال قىلىش.
   15. كولا قاتارلىق كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەردىن يىراقلىشىش.
   16. ئۇزۇن ۋاقىت قاينىتىلغان خوگو شورپىسى ئىچمەسلىك.
   17. مىۋە شەربىتى بىلەن كالا سۈتى، تەبىئىي دۈشمەنلەردىن.
   18. تاماقتىن ئىلگىرى مىۋە-چىۋە يىيىش، تاماقتىن كېيىن يىگەندىن ياخشى.
   19. ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان ئۈزۈم ھارىقى ئىچىۋىلىش، بۇ بىر ياخشى ئادەت.
   20. قەھۋە ئىچىش، ئاياللاردا سۆڭەك شالاڭشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

مۇھەببەت ھەققىدە
   1. كېيىن تېخىمۇ ياخشىسى ئۇچراپ قېلىشى مۇمكىن دەپ ئويلىماڭ، ھازىر يېنىڭىزدا بار بولغىنى ئەڭ ياخشى.
   2. مەن تېخى ياش، كىيىنرەك توي قىلساممۇ بولىدۇ دەپ ئويلىماڭ، مۇھەببەت ياش ساقلاپ ئولتۇرمايدۇ.
   3. ئارىلىق بەك يىراق دەپ مۇھەببەتتىن ۋاز كەچمەڭ، مۇھەببەت سىز بىلەن بىرگە پويىزغا ئولتۇرالايدۇ.
   4. قارشى تەرەپنى پۇلى كۆپ ئەمەس دەپ ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمەڭ، قارشى تەرەپ بۇلۇمسىز ئادەم بولمىسىلا، تىرىشچانلىق سىلەرنى چوقۇم باياشات تۇرمۇشقا ئىرىشتۈرىدۇ.
   5. ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قارىشى تۇرۇشى سەۋەبلىك مۇھەببەتتىن ۋاز كەچمەڭ، بولمىسا بۇ سەۋەبلىك كېچىپ كەتكەن مۇھەببەتنىڭ، سىزنىڭ ئۆمۈرلۈك پۇشايمىنىڭىزغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى بايقايسىز.
   6. مۇھەببەتتە، ئەمەلىيەتتە قانچە ساددا بولساق شۇنچە بەك بەختلىك بولالايمىز.
   7. ئۆمرىدە پەقەت بىرلا قېتىم مۇھەببەتلىشىش ئەڭ ياخشى، ئەگەر بەك كۆپ قېتىم باشتىن ئۆتكۈزسىڭىز، تەسىرلەنمەس بولۇپ قالىسىز؛ كۆپ ئايرىلسىڭىز، ئادەتلىنىپ كۆنۈپ قالىسىز؛ كۆپ ئالماشتۇرسىڭىز، سېلىشتۇرىدىغان بولۇپ قالىسىز؛ ئاخىرىغا بارغاندا، مۇھەببەتكە ئىشەنمەس بولۇپ ئۆزىڭىزنى تاشلىۋىتىسىز ھەمدە ئۆزىڭىز ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم بىلەن توي قىلىپ، ئۆمرىڭىزنى تىرىك مۇردىغا ئوخشاش ئۆتكۈزۈسىز.
 

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号