ھەيىز مەزگىلى، ئاياللارغا نىسبەتەن ئالاھىدە بىر مەزگىل بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئاياللار ئۆزىنى ئاسراشقا دىققەت قىلىشى كېرەك؛ چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ بەدىنى نىسبەتەن ئاجىز كېلىدۇ. ئۇنداقتا، ئاياللار ھەيىز مەزگىلىدە قايسى خىل يېمەكلىكلەرنى يىسە بولمايدۇ؟
ماڭگو(芒果)
ھەيىز مەزگىلىدە ماڭگو يىيىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ماڭگونىڭ تەبىئىتى سوغۇق. ئايال كىشى ئەگەر ھەيىز مەزگىلىدە ماڭگو يىسە، ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىش ئەھۋالىنى ئېغىرلىتىۋىتىشى مۇمكىن. ئادەتتە، بەدىنى سوغۇقچان كەلگەن كىشىلەرمۇ، ماڭگونى بەك كۆپ ئىستىمال قىلسا بولمايدۇ.
ئاپلىسىن(橘子)
ئاپلىسىننىڭ تەمى ياخشى، ئەمما ئاپلىسىنمۇ تەبىئىتى نىسبەتەن سوغۇق بولغان مىۋە بولۇپ، ھەيىز مەزگىلىدىكى ئاياللار ئىمكان بار ئاز يىيىشى كېرەك.
تاۋۇز(西瓜)
تاۋۇز پەسىللىك مىۋە بولۇپ، ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلايدۇ؛ لېكىن، ھەيىز مەزگىلىدىكى ئاياللار ئاز ئىستېمال قىلىشى كېرەك، چۈنكى تاۋۇزنىڭمۇ تەبىئىتى سوغۇق. شۇڭا ئادەتتە، ياشانغانلار، ھامىلدار ئاياللار، تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنىڭ كۆپ ئىستېمال قىلىشى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. بولۇپمۇ كۈز ۋە قىش كۈنلىرى، قورامىغا يەتكەنلەرمۇ كۆپ ئىستېمال قىلىۋالماسلىقى كېرەك.
ئەپنۇس(柿子)
ئاياللار ھەيىز مەزگىلىدە ئەپنۇسنى كۆپ ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ، بولمىسا سالامەتلىكىگە زىيانلىق. بۇندىن باشقا، كۈز كىرگەندىن كېيىن، بەدىنى سوغۇقچان كىشىلەرمۇ ئەپنۇس يېمەسلىكى كېرەك؛ ئەگەر يىيىشكە توغرا كەلسە، ئەڭ ياخشىسى قايناقسۇغا چىلىۋىتىپ ئاندىن ئىستېمال قىلماق لازىم.
دولانا(山楂)
دولانانى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، بەدەندە تۆمۈر كەمچىل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ھەيىز مەزگىلىدىكى ئاياللار دولانانى بەك كۆپ ئىستىمال قىلماسلىقى كېرەك. دولانا تەركىبىدە تاننىك كىسلاتاسى مول بولۇپ، زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ھەيىز مەزگىلىدىكى بىئاراملىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ.
مالىنا(蓝莓)
ھەيىز مەزگىلىدە مالىنا يېگەندە، ھەيىز ئاغرىتىپ كىلىش ئالامەتلىرىنى ئېغىرلىتىپ، سالامەتلىككە زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
كوكۇس(椰子)
ئادەتتە بەدىنى سوغۇقچان ئاياللار، ھەيىز مەزگىلىدە كوكۇس ۋە كوكۇس مەھسۇلاتلىرى ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم. نۇرغۇن كىشىلەر كوكۇسنى ئىستېمال قىلىپ باقمىغان، پەقەت كوكۇس شەربىتىلا ئىچىپ باققان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن كوكۇس شەربىتى بولغان تەقدىردىمۇ، بەدىنى سوغۇقچان كىشىلەرنىڭ ئىچىشىگە بەك ماس كېلىپ كەتمەيدۇ؛ چۈنكى كوكۇسنىڭمۇ تەبىئىتى سوغۇق.
يۇقىرىدىكى مەزمۇنلارغا قارىتا، خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ھەيىز مەزگىلى ئىنتايىن ئالاھىدە بىر مەزگىل بولۇپ، ھەيىز مەزگىلىدىكى سالامەتلىك، مەڭگۈلۈك تەن ساغلاملىققا تەسىر يەتكۈزىدۇ؛ شۇڭا ھەيىز مەزگىلىدە، كۈتۈنۈشنى ياخشى قىلىش بىلەن بىرگە، يېمەكلىك جەھەتتىمۇ كۆپ دىققەت قىلماق لازىم.