بويتاق ئاياللارنىڭ ئون خىل دەرىجىسى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 32206:ئادەم ئۆگەندى
   نوپۇزلۇق ئورگانلار سىتاستىكىلىغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2025-يىلى، دۆلىتىمىزدە 35مىليون بويتاق ئەركىشى ئۆزىگە لايىق تاپالمايدىكەن؛ بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، بويتاق ئاياللارمۇ بارغانسېرى كۆپىيىپ، شارائىتى تۆۋەنلەرنى ياراتماي، شارائىتى يۇقىرىلارنى تاپالماي قالىدىكەن.
   لېكىن، ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ، بويتاق ئاياللار ئاز ئەمەس. بۇنىڭ سەۋەبى ئىككى خىل: بىرسى چەمبىرەك كىچىك بولغانلىقتىن، ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئادەم ئۇچرىتالماسلىق؛ يەنە بىرسى، بويتاقلىققا ئۆگىنىپ قالغان بولۇپ، تۇيۇقسىز ئادەمدىن بىرسى كۆپىيىپ قالسا، ئەكسىچە كۆنەلمىگەندەك تۇيغۇغا كېلىپ قېلىش.
   ئادەتتە، بويتاق ئاياللار ئون دەرىجىگە بۆلىنىدىغان بولۇپ، يەتتىنچى دەرىجىدىن يۇقىرىلار، بەلكىم ئەر كىشىگە ئېھتىياجى قايتا چۈشمەيدىغان بولۇشى مۇمكىن.
   بىرىنچى دەرىجە: ئۆزى يالغۇز تاللا بازارلىرىنى ئايلانسىمۇ، سېتىۋالغان نەرسە-كېرەكلەرنى كۆتۈرەلمەي قېلىشتىن قورقمايدۇ؛ يا غېرىپلىق ھېس قىلمايدۇ، يا زېرىكىش ھېس قىلمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەممىگە ئۆزى خالىغاننى سېتىۋالالايدۇ، باشقىلارنى ئويلىشىش كەتمەيدۇ.
   ئىككىنچى دەرىجە: ئۆز يالغۇز ئازادە يوللاردا سەيلە قىلغاچ، ئاۋات شەھەرنىڭ كەچلىك مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ؛ قەيەرگە بارغۇسى كەلسە شۇ يەرگە بارىدۇ، ماڭىمەن دەپلا ماڭالايدۇ.
   ئۈچىنچى دەرىجە: ئۆزى ئاشخانىغا كىرىپ تاماق تەييارلايدۇ، ئاشخانىنى ئۆزى يېغۇشتۇرىدۇ؛ تاماقنى ئۆزى يالغۇز يېگەن تەقدىردىمۇ، ناھايىتى ھۇزۇرلۇق ھېس قىلالايدۇ.
   تۆتىنچى دەرىجە: زىمىستان قىش كۈنلىرىدە ئۆزى يالغۇز كىيىم يۇغان ۋاقىتتىمۇ، ئۆزىنى ناھايىتى خۇشال ھېس قىلىدۇ؛ چۈنكى، يۇيغىنى باشقىلارنىڭ ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ كىيىملىرىدۇر.
   بەشىنچى دەرىجە: ئۆزى يالغۇز قەھۋەخانىغا كىرىپ، ئىككى كىشىلىك ئۈستەلدە ئولتۇرسىمۇ، ئەركىن-ئازادىلىك مىنۇتلاردىن ھۇزۇرلىنالايدۇ.
   ئالتىنچى دەرىجە: ئۆزى يالغۇز كىنو كۆرگىلى بارسىمۇ، خۇشال كەيپىياتنى ھېس قىلىپ يىتەلەيدۇ.
   يەتتىنچى دەرىجە: ئۆزى يالغۇز خوگو يىگىلى بارسىمۇ، ئاۋات سورۇن ۋە قىزغىن كەيپىياتقا ماسلىشالايدۇ؛ يان تەرىپىدە بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقلار تاماقلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار ھېچقانداق غېرىپلىق ھېس قىلىپ قالمايدۇ.
   سەككىزىنچى دەرىجە: ئۆزى يالغۇز ساياھەتكە چىققان ۋاقىتتا، يول بويىدا قاملاشقان بىرەرسى ئۇچراپ چاقچاق قىلىپ قاش كۆز ئويناتسا، تەمكىنلىك بىلەن ئۇنى رەت قىلىپ، ئۆزى يالغۇز سومكىسىنى كۆتۈرۈپ سەپەرگە داۋاملىق ئاتلىنىدۇ.
  توققۇزىنچى دەرىجە: ئادەتتە ئوغۇللارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوغلاشمايدۇ، ئەتراپىدىكى قاملاشقان خىزمەتداشلىرىغىمۇ بەك دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار مۇھەببەتكە ناتونۇش بولۇپ قالغان، مۇھەببەتنىڭ تەمىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان.
   ئونىنچى دەرىجە: چاغاندا يۇرتقا قايتقاندا، ئۆزى يالغۇز قايتىدۇ؛ ئاتا-ئانىسى توي قىلىشقا ئالدىراتسىمۇ، ئۇلار ئېغىزىدىلا ماقۇل بولىدۇ. ئۇلار بەك ئۇزۇن ۋاقىت بويتاق ئۆتكەن بولغاچقا، ئەر كىشىدىن بىرنى تېپىپ بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالىمايدۇ ھەمدە بۇنى ئادەتتىكىچە نورمال ئەھۋال دەپ قارايدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

بۇ تۆت خىل ئايال كىشىنىڭ كۈنلىرى بارغانسىرى تەسلىشىپ كىتىدۇ

ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان ئاياللار، ھەمىشە پاسسىپ ھالدا تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ھەمىشە ھەممىدىن ئاغرىن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号