پەقەت ئۆزىنىڭ ھىس-تۇيغۇسىنىلا ئويلىشىدۇ
بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل ئاياللار، باشقىلارنىڭ ئوي-خىيالىنى ئويلاشمايدىغان بولۇپ، پەقەت ئۆزىنىڭ ھىس-تۇيغۇسىنىلا ئويلىشىدۇ. بىراق، ئەگەر قارشى تەرەپ ئازراق بىر ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدىغان ئىش قىلىپ قويسا، ئۇلار دەرھال، قارشى تەرەپ ئۇلارغا ئىتىبار بىلەن قارىمىغاندەك ياكى ئۇلارنى مۇھىم بىلمىگەندەك ھىس قىلىپ قالىدۇ.
تايىنىۋىلىش پىسخىكىسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ
بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يوق كىشىلەر، بىر كۈن 24سائەتنىڭ ھەممىسىدە، جۆرىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ ئۇلار غېرىپلىقتىن، زىرىكىپ قېلىشتىن قورقىدۇ.

ئاسانلا كۈندەشلىكى تۇتۇپ گۇمانخورلۇق قىلىدۇ
بەزى قىزلار، "مەن سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن، ئاندىن سىزنى باشقىلاردىن كۈنلەيمەن" دەيدۇ. بىراق، بۇنىڭ قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرۈش ياكى كۆرمەسلىك بىلەن مۇناسىۋىتى يوق؛ چۈنكى، سىز غەزەپكە تولغان ۋاقتىڭىزدا، قارشى تەرەپنىڭ مۇھەببىتىنى ھىس قىلالمايسىز.
بۇنداق قىزلار، ئۆزىنىڭ ئىزچىل تۈردە ياخشى كۆرۈشكە ئىرىشكەندە تۇيغۇغا ئىگە بولۇپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ خىل تۇيغۇنى ھىس قىلالماي قالسا، ئۇلاردا شۇھامان پاسسىپ كەيپىياتلار كۆرىلىدۇ.
ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق كىلىدۇ
بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل ئاياللار، ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھەرخىل ئالاھىدىكلىرىنى كۆز-كۆز قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىلىشكە تېخىمۇ بەكرەك ئەرزىيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولىدۇ.
كونتىرول قىلىش ئىستىكى كۈچلۈك
بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولغان ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ جۆرىسىگە تۇلۇق ئىشىنىشى تەسكە توختايدۇ؛ ئۇلار قارشى تەرەپنى مەڭگۈ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى بويىچە ئىش كۆرسىكەن دەپ ئويلايدۇ.
ئۇلار بىر ئاماللارنى قىلىپ، جۆرىسىنىڭ بارلىق تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئەھۋالىنى بىلىشنى ئويلايدۇ؛ بىراق بۇ خىل قىلمىش، كۆپىنچە ئۇلارغا تېخىمۇ بەكرەك ئازاپ ئېلىپ كىلىدۇ.
جۆرىسىنىڭ يانفونىنى ئاختۇرۇپ تەكشۈرۈش، بۇنىڭ تىپىك بىر مىسالىدۇر.

كۆز ئالدىدىكى ۋاقىتتا ياشىيالمايدۇ
بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولغان ئاياللارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد-ئارزۇلىرى ئىنتايىن كۆپ، ئەمما بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىرى ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. ئۇلار يەنە ئۆتمۈشنى كۆپ ئەسلەپ ئۇنتىيالمايدۇ؛ ئوخشاشلا، بۇ خىل ئەسلەپ ئۇنتىيالماسلىقمۇ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدۇ.
قىسقىسى، مەيلى كەلگۈسىگە ئۈمىد باغلىسۇن ياكى ئۆتمۈشنى ئەسلىسۇن، ئۇنىڭ بىردىنبىر يۈزلىنىشنى خالىمايدىغىنى، كۆز ئالدىدىكى ھازىرقى ۋاقىت بولىدۇ.
مەڭگۈ باشقىلارنىڭ بەزلىشىگە ئىھتىياجلىق بولىدۇ
چۈنكى بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولغانلىقتىن، ئۇلار ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرۈشكە ئىرىشىشدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتنى، قايتا-قايتا بىكىتىپ جەزىملەشتۈرۈشكە ئىھتىياجلىق بولىدۇ.
ئۇلار قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ كەيپىياتىغا ئىتىبار بىلەن قارىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ ئەگەر قارشى تەرەپ ئازراقلا بىخەستىلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ كەيپىياتىغا ئىتىبار بەرمەي قالسا، ئۇلار دەرھال تېخىمۇ ناچار كەيپىياتقا چۆكۈپ قالىدۇ.
شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ نەزىردە، كەيپىياتىنىڭ قارشى تەرەپنىڭ ئىتىبارىغا ئىرىشىشى ۋە بىرىنچى ۋاقىتتا بەزلەپ پەپىلەشكە ئىرىشىشى، ئاندىن مۇھەببەتنىڭ ئىسپاتى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
