مەيلى ئايال كىشى بولسۇن ياكى ئەركىشى بولسۇن، ئوتتۇر ياش مەزگىلىگە بارغاندا، سەمىرىپ قېلىشقا قاراپ يۈزلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال، بەدەننىڭ مىتابولىزىم ئىقتىدارىنىڭ چىكىنگەنلىكى سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ. سېمىزلىك، ئاسانلا ئادەم بەدىنىدە "ئۈچ يۇقىرى" بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، سالامەتلىككە ئىنتايىن پايدىسىز. ئۇنداقتا، ئايال كىشى 40ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن، بەدەن ئېغىرلىقى قانچىلىك دائىردە بولسا نورمال ھىسابلىنىدۇ؟
ھەربىر ئادەمنىڭ بوي ئېگىزلىكى ئوخشىمايدىغان بولغاچقا، شۇڭلاشقا نورمال بەدەن ئېغىرلىق دائىرسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئاياللارنىڭ نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ھىسابلاش فورمۇلاسى بولسا، بوي ئېگىزلىكىدىن 100نى ئېلىۋەتسەك(بوي ئېگىزلىكى سانتىمىتىر بويىچە ھىسابلىنىدۇ)، ئايال كىشىنىڭ نورمال بەدەن ئېغىرلىقى كىلىپ چىقىدۇ ھەمدە ئەمىلىي بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن بولغان پەرق %10دىن ئېشىپ كەتمىسە، ئۇنداقتا نورمال دائىرىدە بولغان بولىدۇ.

ئەگەر بەدەن ئېغىرلىقى نورمال دائىردە بولمىسا، سالامەتلىككە قانداق زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ؟
بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە ئېغىر بولۇپ كىتىشنىڭ زىيانلىق تەسىرى
ئادەمنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى، نورمال بەدەن ئېغىرلىقىدىن %20 تىن ئارتۇق ئېشىپ كەتسە سېمىز ھىسابلىنىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، زىيادە سېمىز كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە ياغلار بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ؛ بۇ ئەھۋال، قان بېسىمى يۇقىرى بولۇش، قاننىڭ ماي تەركىبى يۇقىرى بولۇش، قاننىڭ قەنت مىقدارى يۇقىرىلاپ كىتىشتىن ئىبارەت "ئۈچ يۇقىرى" كىسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئادەم بەك سەمىرىپ كەتسە، بەدەندىكى تۇمۇرلاردىمۇ بەلگىلىك توسۇلۇش كۆرۈلۈپ، بەدەننىڭ مىتابولىزىمىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئادەم ياشقا چوڭ كۆرۈنۈپ قالىدۇ.

بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە يىنىك بولۇپ كىتىشنىڭ زىيانلىق تەسىرى
ئەگەر بەدەن ئېغىرلىقى نورمال ئېغىرلىقتىن %20دىن ئارتۇق تۆۋەن بولۇپ قالسا، بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە تۆۋەن بولغان دائىرگە كىرىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە تۆۋەن بولغان نۇرغۇن ئاياللاردا، ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك، قان ئازلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قان ئازلىق، ئايال كىشىنىڭ ھەيىز مىقدارىنىڭ ئازىيىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغاچقا، بۇ سەۋەپلىك ھەيىز مۇددەتتىن بۇرۇن ئۈزۈلىدىغان، بالدۇر قېرىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىشى مۇمكىن.
ئايال كىشىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى بەك ئېغىر ياكى بەك تۆۋەن بولۇپ كەتسە، ئوخشاشلا تىز قېرىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا بەدەن ئېغىرلىقنى ئەڭ ياخشىسى نورمال دائىردە كونتىرول قىلىش كىرەك؛ بۇنىڭدا، قېرىشنى ئۈنۈملۈك دەرىجىدە ئاستىلاتقىلى بولىدۇ.