ھەقىقى تۈردە جاھان كۆرگەن، بېشىدىن كۆپ ئىشلارنى ئۆتكۈزگەن ئاياللارنىڭ تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكلىرى بار بولىدۇ.
تۇرمۇشنى قىزغىن سۈيۈپ، كۆز ئالدىدىكىنى قەدىرلەيدۇ
بىز ھەمىشە قۇرۇق خام-خىيالنى تولا قىلىپ، ئۆزىمىزگە ماس كەلمەيدىغان ياكى ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بەزى ئىشلارنى قوغلىشىمىز ھەمدە ئاللىبۇرۇن يوقاتقان نەرسىلەرنى كۆڭلىمىزدىن چىقىرۋىتەلمەي، ھەمىشە ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز خاپا قىلىمىز. تۇرمۇشتا ئازراق قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان ۋاقىتتا، كۆز ئالدىمىزىدىكى ئەھۋالنى قانداق قىلىپ ياخشىلاشنى ئويلاشماي، ھەمىشە قاقشاپ ئاغرىنىپ، ئۆزىمىزنى قاچۇرۇشقا بەكرەك كۈچەيمىز. بىراق، بېشىدىن كۆپ ئىشلارنى ئۆتكۈزۈپ، ھەقىقى تۈردە جاھان كۆرگەن ئايال كىشى، كۆپىنچە تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىپ يەتكەن بولۇپ، تۇرمۇشقا قارىتا قىزغىن پوزۇتسىيە تۇتىدۇ ھەمدە كۆز ئالدىدىكى ھەربىر مىنۇتنى قانداق قەدىرلەش كىرەك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.

ئومۇمىيلىق قارىشى بار بولۇپ، تېخىمۇ يېراقنى كۆرەلەيدۇ
بەزىدە بىزنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىپ، مەلۇم بىر دائىرىگە سولىنىقىپ قېلىشىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغىنى، كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزىمىزنىڭ نەزەر دائىرسىنىڭ تارلىقى بولۇپ، خۇددى قۇدۇق ئاستىدىكى پاقىغا ئوخشاش، پەقەت ئۈستىمىزدىكى بىر پارچە ئاسماننىلا كۆرەلەيمىز. ئەمما جاھان كۆرگەن ئايال كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ مەسىلىلەرنى كۆرۈپ يىتىش نوقتىنەزىرى ۋە ئادەتتىكى جاھاندارچىلىق ئۇسۇللىرىدىنلا، ئۇلارنىڭ ئاددى ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ يىتىشكە بولىدۇ. ئۇلار كۆز ئالدىدىكى ئازراق مەنپەئەتكىلا ئېسلىۋالمايدۇ، ئومۇمىيلىقنى ئويلىشىپ، تېخىمۇ يېراقنى كۆرۈپ يىتەلەيدۇ. ئىدىيە جەھەتتىكى بۇ خىل ساپانى، باشقىلار ئۆگىنىمەن دەپمۇ ئۆگىنىۋالالمايدۇ.

تۆۋەن ماقامدا ئادەم بولىدۇ
يېرىم چىلەك سۇ بەكرەك شالاقشىپ ئاۋاز چىقىرىدۇ؛ قانچىكى ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق كەلگەن ئادەم، شۇنچە بىڭسىسى يوق بولىدۇ. خۇددى تور ئويۇنى ئوينىغانغا ئوخشاش، ھەقىقى تۈردىكى يۇقىرى ماھارەتلىك ماھىرلار، ئەزەلدىن مىكروفوننى ئېچىپ قويۇپ ۋالاقشىپ سۆزلەپ كەتمەيدۇ، ئۇلار پەقەت سۈكۈت ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئويۇنىنى ئويناپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ ھەم سەپداشلىرىنى ئېلىپ ئالغا ئىلگىرلەيدۇ. ئوخشاشلا، جاھان كۆرگەن ئايال كىشىمۇ، ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ قالتىسلىقىنى، قانداق نەتىجىلەرنى ياراتقانلىقىنى پەش قىلمايدۇ؛ ئۇلار پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ قىلىشنىلا بىلىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن تۆۋەن ماقامدا ئادەم بولىدۇ.

ھەقىقى تۈردە كۆپنى كۆرگەن، كۆپ ئىشلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەن ئايال كىشى، كۆپىنچە ھاللاردا قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى بىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ئىشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە تىرىشىدۇ ھەمدە باشقىلارنىڭ پىكىر-قاراشلىرى سەۋەپلىك تەۋرىنىپ قالماي، ئۆزىنىڭ ئىشىنى چىڭ تۇرۇپ ئەستايىدىللىق بىلەن قىلىپ تۈگىتىدۇ.
ھەربىر خانىم-قىزلارنىڭ، ئۆز كۆڭلىدىكى غايىۋى ھالىتىدە تۇرمۇش كەچۈرەلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.