شوخلا، تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان ھەمدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول بولۇپ، شوخلا قىزىل ماددىسى ۋە كاروتىن تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، ساخارىد تەركىبى ۋە ئورگانىك كىسلاتا تەركىبىمۇ يۇقىرى. ئۇزۇقلۇق ئىلمى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، شوخلىنىڭ ئىنتايىن ياخشى بولغان ساغلاملىق قىممىتى ۋە ئۈنۈمى بار ئىكەن. ئەگەر ھەركۈنى بىرتال شوخلا يىيىشنى بىر ئاي قەتئى داۋاملاشتۇرسىڭىز، تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل پايدىلىق ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيسىز.

ھۆسىن گۈزەل لەشتۈرۈش
شوخلىنىڭ تەركىبىدە ۋىيتامىنCنىڭ مول ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇملۇق؛ بۇ خىل ماددا، بىزنىڭ تىرىمىزدىكى ئىنىزىملارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى توسىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق قارا رەڭ ماددىسىنىڭ شەكللىنىشىنى بەلگىلىك دەرىجىدە توسۇپ، تىرىنى ئاقارتىش رولىنى ئوينايدۇ. ھەركۈنى بىر تال شوخلا يەپ بىرىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغاندا، تىرىنى ئاقارتىش ۋە قۇۋۋەتلەش رولىنى ئويناپ، داغلارنى ۋە دانىخورەك ئىزلىرىنى سۇسلاشتۇرىدۇ. بۇندىن باشقا، ئايرىم بىر قىسىم تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شوخلىنىڭ قولتۇق پۇراشنى ياخشىلاشقا قارىتامۇ، بەلگىلىك ئۈنۈمى بار ئىكەن.

ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش
شوخلا تەركىبىدە كۆپ خىل ئورگانىك كىسلاتالار بار؛ مەسىلەن، لىمون كىسلاتاسى، ئالما كىسلاتاسى قاتارلىقلار. بۇ خىل ماددىلار، ئاشقازانغا نىسبەتەن پايدىلىق بولۇپ، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇپ ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ. بۇندىن باشقا، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارىنى تەڭشەيدۇ ھەمدە ئاشقازان-ئۈچەيدىكى بىئارامچىلىقنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولىدۇ.
ئىسسىق يەل ۋە قوقاقنى ھەيدەيدۇ
پەمىدۇر، سۇ تەركىبى ئىنتايىن مول بولغان بىر خىل كۆكتات؛ بۇ سەۋەپلىك، ئۇنىڭ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش، قوقاق ھەيدەپ زەھەر تازىلاش ئۈنۈمى بار بولۇپ، دائىم قىزىپ بىئارام بولىدىغان، ئېغىزى قۇرۇپ تۇرىدىغان ئاياللارغا قارىتا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشىلاش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئادەتتە، بەدەن قوقاقلاپ ياكى ئىسسىق يەل ئېشىپ كىتىپ، سەۋەپسىزلا جىلە بولۇپ ئاچچىقلىنىدىغان، چىش مىلىكى قانايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، مۇۋاپىق تۈردە پەمىدۇر يىسە، بۇ ئالامەتلەرنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىلىق بولىدۇ.

قاننىڭ ماي تەركىبى ۋە قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ
شوخلا تەركىبىدىكى رۇتىن، شوخلا قىزىل ماددىسى، ۋىيتامىنC ۋە مىۋە كىسلاتاسى قاتارلىق تەركىبلەرنىڭ، قاندىكى خولىستىرىن مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش، ئارتىريە قېتىشىشنىڭ ۋە تاجىسىمان يۈرەك كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى بار. بۇندىن باشقا، شوخلا تەركبىدە يەنە زور مىقداردا كالىي ماددىسى ۋە ئىشقارلىق مىنرالنى ماددىلار بار بولۇپ، قاندىكى ناترىنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىششىق ياندۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملەرنى كۆرسىتىدۇ ھەمدە يۇقىرى قان بېسىم ۋە بۆرەك كىسەللىكلىرىگە قارىتا ياردەملىشىپ تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ.