ئاياللار بۇ كۆكتاتنى كۆپ يىسە يۈز چاپلىقى چاپلىغاندىن ياخشى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 16248:ئادەم ئۆگەندى
   بۈگۈن كەڭ خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ دىققىتىگە، تىرە ئاسراپ چىراي گۈزەل لەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە ئۈچ خىل يىمەكلىكنى تۇنۇشتۇرىمىز؛ بۇ ئۈچ خىل يىمەكلىكنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرسىڭىز، يۈز چاپلاققا پۇلنى ئازراق خەجلىسىڭىزمۇ بولىدۇ!
شاپتۇل يىلىمى
   شاپتۇل يىلىمى، شاپتۇل دەرىخى ياكى تاغ شاپتۇلى دەرىخىنىڭ قوۋزىقىدىن ئاجرىلىپ چىققان دەرەخ يىلىمىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئادەتتە شاپتۇل مېيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شاپتۇل يىلىمىنىڭ قان تازىلاپ قاننىڭ ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىش، روھى بېسىمنى يىنىكلىتىش، قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ تىرىنى يۇمرانلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار بولۇپ، ئىنتايىن يۇقىرى ئۇزۇقلۇق قىممىتى ۋە دورىلىق قىممىتىگە ئىگە. ئاياللار شاپتۇل يىلىمىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسە، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشى ۋە ئۈچەي يوللىرىنىڭ سۈمۈرۈپ قوبۇل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە قەۋزىيەتنى ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ؛ ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەيدە يېغىلىپ قالغان ئەخلەتلەرنى ئازايتىدۇ. بۇندىن باشقا، شاپتۇل يىلىمى يەنە تىرىگە كوللاگىنلىق ئاقسىل تۇلۇقلىيالايدىغان بولۇپ، تىرىنى تېخىمۇ يۇمران ھەم ياخشى قىلىۋىتىدۇ.
ئاق قېرىنقولاق
    ئاق قېرىنقولاق يەنە قار قېرىنقولاق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاق قېرىنقولاق تەركىبىدە، ئادەم بەدىنىگە ئىنتايىن پايدىلىق بولغان ئۆسۈملۈك يىلىمى ۋە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ماددىسى بار بولۇپ، بۇ ماددىلار ئۈچەي يولىدىكى كىرەكسىز ئەخلەتلەرنى پارچىلاپ، بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتەلەيدۇ. ئاق قېرىنقولاقنى  دائىم ئىستىمال قىلغاندا، مۇئەننەسنى قۇۋۋەتلەپ چىراي گۈزەل لەشتۈرۈش، ئاشقازان ۋە ئۆتنى ياخشىلاش ئۈنۈمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇندىن باشقا، ئاق قېرىنقولاقنىڭ يەنە تىرىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ، تىرىدىكى داغلارنى يوقىتىش رولى بار بولۇپ، تىرىڭىزنى تېخىمۇ سىلىق ھەم نۇرلۇق قىلىدۇ.
كۇلى بىھىسى(木瓜)
   كۇلى بىھىسى، ئىنتايىن ئادەتتىكىچە بىر خىل مىۋە؛ بىراق، ئۇنىڭ تەركىبىدە كۇلى بىھىسى ئېچىتقۇ ماددىسى بار بولۇپ، ئۆتنى ساغلاملاشتۇرۇپ ئاشقازان ئۈچەيدە يېغىلىپ قالغان يىمەكلىكلەرنى يوقىتىدۇ ھەمدە تىرىنى ئاقارتىپ، ئاشقازان ئۈچەي يوللىرىنىڭ يىمەكلىكنى ھەزىم قىلىپ سۈمۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق مىتابولىزىمنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. كۇلى بىھىسى، ياشلار ۋە ھامىلدار ئاياللاردىكى ھورمۇنلارنىڭ فىزىلوگىيىلىك مىتابولىزىم تەڭپۇڭلىقىنى كۈچەيتىپ، تىرىگە ھۆللۈك يەتكۈزىدۇ ۋە چىراي گۈزەل لەشتۈرىدۇ. كۇلى بىھىسى ئېچىتقۇ  ماددىسىنىڭ يەنە تېخى تىرە يۈز قىسمىدىكى قېرىغان مۈڭگۈزسىمان قەۋەتنى چۈشۈرۈپ يوقىتىش رولى  بار بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك كۆپ خىل گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىشتا خام ماتىريال قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇندىن باشقا، كۇلى بىھىسى تەركىبىدە β-كاروتىن ماددىسى مول؛ بۇ خىل ماددا، تەبىئى بىر خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى  ماددا بولۇپ، پۈتۈن بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئوكسىدلىنىپ كىتىشىگە ئۈنۈملۈك ھالدا قارشى تۇرۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى تىزلىتىدىغان ئەركىن رادىكاللارنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كۇلى بىھىسىنى دائىم ئىستىمال قىلغاندا، تىرىنى ئاسراپ ھۆسىن گۈزەل لەشتۈرۈش، قېرىشنى ئاستىلىتىش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号