قاتلىمى يۇقىرى ئاياللار بۇ تۆت خىل ئاياغنى كەيمەيدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 15385:ئادەم ئۆگەندى
   ئادەم بىلەن ئادەم تۇنجى يۈز كۆرۈشكەن ۋاقىتتا، بىرىنچى بولۇپ كۆزىتىدىغىنى قارشى تەرەپنىڭ ئايىغىدۇر؛ شۇڭلاشقا، ئاياغ، سىزنىڭ كىيىم تاللاش سەۋيىڭىزنى ۋە خارەكتىرىڭىزنى ئىپادىلەيدىغان مۇھىم ئامىل ھىسابلىنىدۇ. بىراق، نۇرغۇن ئاياللار ئاياغ تاللاشنى بىلمەيدىغان بولۇپ، قارىغۇلارچە ئېقىمغا ئەگىشىپ مودا قوغلىشىدۇ، ئۆزىگە يارىشىدىغان ياراشمايدىغانلىقىغا قىلچىلىك ئەھمىيەت بەرمەيدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك، باشقىلارغا ياخشى بولمىغان تەسىر بىرىپ قويىدۇ. تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاياغ، ئايال كىشىنىڭ سۆلىتىنى چۈشۈرۋىتىدىغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى ئاياغلاردىن يېراق تۇرىشىڭىز كىرەكتۇر.
Hشەكىللىك ساپما ئاياغ
   ساپما كەش كىيىپ كوچىغا چىقساق ئەسلىدىنلا چىرايلىق تۇرمايدۇ؛ ئەمما بۇ خىل Hشەكىللىك ساپما ئاياغنى كىيىۋالساق، سۈپەتكە تېخىمۇ تەسىر يىتىدۇ. بۇ يىل ياز كۈنى، بۇ خىلدىكى ساپما كەش كوچىغا تولغان بولۇپ، بىراق بۇ خىل ساپما كەشنى كىيىۋالغانلار ئاساسەن تازا چىرايلىق كۆرۈنمەيدۇ. گەرچە ساپما كەش ياز كۈنىدىكى زۈرۈر بولغان سەپلىمە بولسىمۇ، ئەمما مۇۋاپىق بولمىغان سورۇنلاردا كەيگەندە، باشقىلارغا ناچار تەسىر بىرىپ قويىدۇ. شۇڭا، ئەگەر يۇقىرى قاتلامدىكى لاتاپەتلىك ئاياللاردەك ياسانماقچى بولسىڭىز، بۇ خىل ساپما كەشنى ئەڭ ياخشىسى تاللىمىغىنىڭىز تۈزۈك.
بېلىق ئېغىزى شەكىللىك ئاياغ
   ياشقا چوڭ ئاياللارنىڭ ئالقىشىغا ئەڭ ئىرىشىدىغان ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ، بېلىق ئېغىزى شەكىلدىكى ئاياغدۇر. بىراق مىنىڭ قارىشىمچە، بۇ خىل ئاياغنىڭ لايىھەلىنىشى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، راستىنى ئېيتقاندا مەن بۇ خىل ئاياغدىن قىلچىلىك گۈزەللىك تۇيغۇسى ھىس قىلالمايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ خىل ئاياغنى كىيىم بىلەن ماسلاشتۇرماق ئىنتايىن تەس بولۇپ، ھەرقانچە لاتاپەتلىك كۆرسىتىدىغان ئىسىل كىيىملەرمۇ، بۇ ئاياغ بىلەن ماسلاشتۇرۇلغاندا، ئىسىللىق دەرىجىسى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كىتىدۇ. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، گۈزەللىك قارىشى يوق ئاياللار، ئاندىن بۇ خىلدىكى بېلىق ئېغىزى شەكىللىك ئاياغ كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئۇچى ئۇچلۇق تۈز تاپانلىق ئاياغ
   ھەممەيلەن، ئۇچى ئۇچلۇق ئاياغ ئاياللىق نازاكىتىنىڭ سىموۋولى دىيىشىدۇ؛ بىراق ئۇ، ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىدىغان "خىسلەتلىك سەپلىمە" ئەمەس. چۈنكى، بۇ خىل ئاياغنىڭ شەكلى، پۇتىڭىزنى قارىماققا بىر ھەسسە چوڭ كۆرسىتىپ قويىدۇ؛ بۇنىڭغا تۈز تاپان پاسونى قوشۇلسا، سىزنى ھەم پاكار ھەم پوجاڭ كۆرسىتىپ قويىدۇ. قاتلىمى يۇقىرى ھەم لاتاپەتلىك كۆرىنىدىغان ئاياللار، ئەزەلدىن بۇخىلدىكى ئاياغنى تاللىمايدۇ. سىز، بىر جۈپ ئاياغنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى ھەرگىز ئاددى چاغلاپ قالماڭ؛ ئەگەر ئاياغنى توغرا تاللىيالمىسىڭىز، پۈتكۈل ياسنىشىڭىزنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىۋىتىپلا قالماي، يەنە سىرتقى ئوبرازىڭىزغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئاق رەڭلىك ئىستىراھەت ئايىغى
   ھەرقانداق سەپلىمىلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا بولىدىغان ئاق رەڭلىك ئىستىراھەت ئايىغىنى، كىلاسسىك ئىچىدىكى كىلاسسىك سەپلىمە دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ؛ بىراق، ئايال كىشى بەلگىلىك ياشقا يەتكەندىن كىيىن، بۇ خىل ئاياغنى كەيمەسلىكى كىرەك. ئۇ گەرچە سىزگە ياشلىق تۇيغۇسى ۋە ياش كۆرسىتىدىغان ئۈنۈم ئېلىپ كىلەلىسىمۇ، ئەمما قاتلام دەرىجىڭىز ۋە لاتاپىتىڭىزگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش ياش قىزلار بۇ ئاياغنى كەيسە يارىشىدۇ، ئەمما ياشقا چوڭۇپ قالغان ھەم لاتاپەتلىك كەلگەن خانىملار، بۇ خىل ئاياغنى ئەڭ ياخشىسى كەيمەسلىك كىرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەگەر ئاق رەڭلىك ئاياغ ئازراق مەينەت بولۇپ  قالسىلا، باشقىلارغا بىر خىل رەتسىزدەك تۇيغۇ بىرىپ قويىسىز.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号