ئاياللارنىڭ تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى توسۇلۇپ قالسا قانداق بولىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 12152:ئادەم ئۆگەندى
   يىڭى ھاياتلىقتىن بىرنىڭغا ھامىلدار بولۇپ تۇغۇش، ئىنتايىن مۇقەددەس ھەم بەخىتلىك بىر ئىش. بىراق، ئاز بولمىغان ئاياللارنىڭ تۇخۇم توشۇش نەيچىسى توسۇلۇپ قالغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ھامىلدار بولالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى توسۇلۇپ قالسا قانداق بولىدۇ؟
ھەمىشە قوسىقى ئاغرىيدۇ
   قوساق ئاغرىش، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، ئادەتتىكى كىچىك بىر ئىش ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەپلىرى نۇرغۇن؛ تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى توسۇلۇپ قېلىش بولسا، بۇ سەۋەبلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرسى. ئايال كىشىنىڭ تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى توسۇلۇپ قالغاندا، قاساق قىسىمدا سۇ يېغىلىپ قېلىپ، قوساق قىسىم تەدرىجى يوغىناپ كىتىدۇ ھەمدە ھەمىشە ئاغرىق پەيدا بولىدۇ؛ ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، يەنە تېخى بەل قىسىم ئاغرىش ئالامەتلىرىمۇ كۆرىلىدۇ.
ئاياللارنىڭ تۇغماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
   تۇغماسلىق، ئايال كىشى ئۈچۈن ئېغىر بىر زەربە ھىسابلىنىدۇ. ئەگەر ئايال كىشىنىڭ تۇخۇم تۇشۇ نەيچىسى توسۇلۇپ قالسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭدا ئاسانلا ھامىلدار بولالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
چوڭ كىچىك تەرەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ
   تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى توسۇلۇپ قالغاندا، ئەگەر ئىزچىل تۈردە چاتىغىمىز بولماي يۈرىۋەرسەك، بەلگىلىك مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن، تۇخم تۇشۇش نەيچىسىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، بەدەندىكى يەنە باشقا ئەزالارغىمۇ تەسىر كۆرىسىتىدۇ. مەسىلە، تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى ئۇزۇن ۋاقىت توسۇلۇپ قالغاندىن كىيىن، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ساغلاملىقى تەسىرگە ئۇچراپ، چوڭ-كىچىك تەرەت جەريانىدا كۆرۈنەرلىك بىئاراملىق ئالامىتى كۆرىلىدۇ.
بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
   ئايال كىشىنىڭ تۇخۇم تۇشۇ نەيچىسى توسۇلۇپ قالسا، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؛ بۇنداق ئەھۋال، ھامىلدار ئايالنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، ھامىيلىنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ پايدىسىز؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، زور دەرىجىدە قان كىتىش كۆرۈلۈشى مۇمىن بولۇپ، ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا، ھەتتا ھاياتىغا قارىتا ئېغىر دەرىجىدە تەھدىت ئېلىپ كىلىدۇ.
تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كىرەك؟
    ئادەتتە شەخسىي تازىلىققا ياخشى رىئايە قىلىپ، ھەركۈنى بەدەننى يۇيۇش ۋە ئىچ كىيىمنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش، باشقىلار بىلەن داس ۋە لۆڭگە قاتارلىق تازىلىق بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك. بولۇپمۇ ھەيىز مەزگىلىدە، تازىلىق جەھەتتە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، كىسەللىك باكتىرىيەلىرىگە پۇرسەت بەرمەسلىك كىرەك.
   بۇندىن باشقا، يىمەكلىكنى ئازايتىپ ئۇرۇقلاشتىن ساقلىنىش لازىم. يىمەكلىكنى ئازايتىپ ئۇرۇقلايمەن دىگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، ئۇزۇقلۇق تەڭپۇڭ بولماسلىق سەۋەبىدىن، يەنە تېخى تۇخۇم تۇشۇ نەيچىسىنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ تەسىر يىتىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئۇرۇقلىغۇچىلار، يىمەكلىكنى ئازايتىمەن دىمەي، كۆپرەك ھەرىكەتلىنىش ئارقىلىق ئۇرۇقلاش كىرەك.
   ئاياللارنىڭ تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنىڭ، ئۇلارنىڭ ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرى خېلىلا زور. شۇڭا، ئادەتتە شەخسىي تازىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ، تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كىرەك.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号