ئاياللىق ھورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىشى يىتەرلىك بولۇشنىڭ ئالامەتلىرى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 12507:ئادەم ئۆگەندى
   ئەرلەرنىڭ مەپتۇن قىلىش سىھرى كۈچى، ئۇلاردىكى ئەرلىك ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىشى تولۇپ تاشقانلىقتىن كىلىدۇ؛ ئوخشاشلا، ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئاياللىق ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش سەۋيىسىمۇ، ئۇلارنىڭ مەپتۇن قىلارلىق دەرىجىسىنى بەلگىلەيدۇ. ئاياللىق ھورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىش يىتەرلىك بولسا، ئۇلارنىڭ ئاياللىق ئالاھىدىلىكى كۆرۈنەرلىك ئىپادىلىنىپ چىقىدىغان بولۇپ، بەدەن شەكلى گۈزەل بولىدۇ؛ بۇندىن باشقا، ئاياللىق ھورمۇنى ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدىغان ئۆلچەم بولۇپ، ئاياللىق ھورمۇنى ئاياللارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىمدۇر.
    ئاياللىق ھورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىشى يىتەرلىك دەرىجىدە بولغان ئاياللارنىڭ ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك بەش تۈرلۈك ئورتاقلىقى بار بولۇپ، ئەگەر سىزدە ھەممىسى بار بولسا، خۇشال بولسىڭىز بولىدۇ.
ئۇيقۇسى ياخشى
   تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ئاياللاردا ئۇيقۇ توسالغۇسى، ئۇيقۇ قېچىش، كۆپ چۈش كۆرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلىشىنى، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ئاياللىق ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى يىتەرلىك بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئەكسىچە، ئەگەر ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئاياللىق ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى يىتەرلىك دەرىجىدە كۆپ بولسا، ئۇنداقتا بەدەن ئىچكى ئاجرالمىلىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق بولۇش بىلەن بىرگە، باشقا ئەزالارنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ پايدىلىق بولۇپ، كىچىلىك ئۇيقۇسى تەبىئىلا ياخشى بولىدىكەن.
تىرىسى ياخشى
   ئاياللىق ھورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىشى يىتەرلىك بولسا، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تىرىسىنى يۇمران ھەم پاقىراق، قاراشقىلا ياشلىق باھارى ئۇرۇغۇپ تۇرىدىغان بولۇشقا پايدىلىق ئىكەن. بىراق، ئەگەر ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئاياللىق ھورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىش يىتەرلىك بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ تىرە رەڭگى ئۆڭۈپ، داغ پەيدا بولۇشقا باشلايدىكەن ھەمدە تىرىسى بوشىشىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدىكەن.
ھەيىز قانۇنىيەتلىك ھەم مۇقىم بولىدۇ
   ئاياللىق ھورمۇنى، تۇخۇمدان ۋە تۆرەلمە تەرپىدىن ئاجرىلىپ چىقىرىلىدىغان بولۇپ، ئاياللىق ھورمۇنى ئاجرىلىشى يىتەرلىك بولسا، بۇ ئەھۋال، تۇخۇمداننىڭ ئىقتىدارىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ ھەمدە ھەيىزنىڭ قانۇنىيەتلىك ۋە مۇقىم ئىكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىراق، ئەگەر ئاياللىق ھورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىشى يىتەرلىك بولمىسا، ئاسانلا ھەيىزدە بىنورماللىق كۆرۈلۈشنى پەيدا قىلىپ، ھەيىز قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
پۇتلىرىنىڭ ماغدۇرى بار بولىدۇ
   ئاياللىق ھورمۇنى سۆڭەككە تەسىر كۆرسىتىپ، سۆڭەك ئاساسى ماددىسىنىڭ مىتابولىزىمىنى ساقلايدۇ ھەمدە كالتسىينىڭ سۈمۈرلۈشىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولىدۇ. بۇ سەۋەپلىك، ئاياللىق ھورمۇنى يىتەرلىك بولسا، بەدەندە كالتسىي كەملەپ كەتمەيدىغان بولۇپ، ئاياللارنىڭ سۆڭەكلىرى ساغلام، پۇت قوللىرىنىڭ ماغدۇرى يىتەرلىك بار بولىدۇ. بىراق، ئەگەر ئاياللاردىكى ئاياللىق ھورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىش يىتەرلىك بولمىسا، ئۇنداقتا بەدەندىكى كالتسىي تەركىبىنىڭ تىز سۈرئەتتە ئېقىپ كىتىشىنى پەيدا قىلىپ، سۆڭىكى ئاجىز بولۇپ قالىدۇ ھەمدە سۆڭەك شالاڭشىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
روھى كەيپىياتى ياخشى بولىدۇ
   مۇلايىم، لاتاپەتلىك بولۇش، ئاياللارنىڭ خارەكتىرىنى سۈپەتلەيدىغان سۆزلەر بولۇپ، ئاياللىق ھورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىش نورمال بولسا، ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ تەڭپۇڭلىقى ۋە كەيپىياتنىڭ تۇراقلىق بولۇشىنى ساقلاشقا پايدىلىق بولىدۇ. بىراق، ئەگەر ھەمىشە بىكاردىن بىكار ئاچچىقلىنىپ كىتىدىغان، كەيپىياتىنى كونتىرول قىلالمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بۇ بەلكىم بەدەندىكى ئاياللىق ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号