ئاياللارنى تىز سۈرئەتتە سەمىرتىۋىتىدىغان ئۇششاق يىمەكلىكلەر
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 18066:ئادەم ئۆگەندى
ياڭيۇ ياپراقچىسى

   ياڭيۇ ياپراقچىسى نۇرغۇن كىشىلەر ياقتۇرۇپ يەيدىغان يىمەكلىك بولۇپ، مەيلى كىچىك بالىلار بولسۇن ياكى چوڭلار بولسۇن، ھەممىسى ياقتۇرۇپ يەيدۇ. ياڭيۇ ياپراقچىسى، ياڭيۇنى ياپراقچە ھالىتىدە توغراپ داغلاپ پىشىرۇلغان بولۇپ، بىز ئادەتتە ئېيتىدىغان كۆپتۈرۈلگەن يىمەكلىكتۇر. مايدا داغلانغان يىمەكلىكلەرنىڭ ئىنىرگىيە تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ياغ تەركىبىمۇ يۇقىرى؛ بۇنى دائىم ئىستىمال قىلغاندا، ئادەمنى ئاسانلا سەمىرتىپ قويىدۇ ھەمدە سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ. بەزى بالىلار ياڭيۇ ياپراقچىسىنى تاماق ئورنىدا يەيدۇ، بۇ ئىنتايىن ياخشى بولمىغان بىر ئادەت. بۇندىن باشقا، ياڭيۇ تەركىبىدە زور مىقداردا كىراخمال بار بولۇپ، يۇقىرى تىمپىراتۇرلۇق مايدا داغلانغاندىن كىيىن، مىقدارى ئوخشاش بولمىغان ھەرخىل خېمىيلىك ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ؛ بۇ ماددىلار راك كىسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىغىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.
قاقلاپ پىشۇرۇلغان توخۇ قانىتى
   قىزلار كىنتاكى قاتارلىق قولايلىق تاماقخانىلارغا بارغاندا، قاقلانغان توخۇ پاچىقىنى چوقۇم ئىستىمال قىلىدۇ. ئۇششاق يىمەكلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ھەقىقەتەن يىيىشلىك؛ بۇنىڭغا ئازراق ئاچچىق تەمى قوشۇلۇپ، ئادەمگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. ئەمما بۇ سەۋەپلىك، ئادەمنىڭ يىگەنسىرى يىگۈسى كىلىپ، ئەسلىدىكى نورمىدىن ئارتۇق يەپ سالىدۇ ھەمدە ئىچىملىكنى كۆپرەك ئىچىپ قويىدۇ. بۇنداق ئەھۋال كۆپ كۆرۈلسە، تەبىئيلا ئادەمنى سەمىرتىپ قويىدۇ.
شاكلات
   شاكلات، قىزلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۇششاق يىمەكلىكلەرنىڭ بىرى.  شاكلاتنىڭ ئاساسلىق خام ماتىريالى، كوكو پۇرچىقى، كوكو پاراشوكى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىنىرگىيە تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى، كۆپ ئىستىمال قىلغاندا ئادەمنى ئاسانلا سەمىرتىپ قويىدۇ. بىراق بۇ يەردە ئېيتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىكى شۇكى، قارا شاكىلاتنىڭ ئىنىرگىيە تەركىبى تۆۋەن  بولۇپ، ئادەتتە ئاسانلىقچە سەمىرتىپ قويمايدۇ؛ شۇڭا قىزلار قارا شاكلاتنى خاتىرجەم ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.
تورت
   ھازىرقى تورتلار ياسىلىشى سىپتا ھەم كۆركەم بولۇپلا قالماي، تەمىمۇ ئىنتايىن ياخشى؛ بىراق، تورتنىڭ قەنت مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، كۆپ يەۋالغاندا ئادەم ئاسانلا سەمىرىپ قالىدۇ. شۇڭا ئادەتتە، خانىم-قىزلارنىڭ ھەرقانچە يىگۈسى كىلىپ كەتسىمۇ، يەنىلا ئىستىما مىقدارىنى مۇۋاپىق كونتىرول قىلىشى كىرەك.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号