ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈپ ساغلاملاشتۇرىدىغان يىمەكلىك تەييارلاش ئۇسۇللىرى
8 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 17974:ئادەم ئۆگەندى

 ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈپ،ساغلاملاشتۇرىدىغان يىمەكلىك تەييارلاش ئۇسۇللىرى


 تۇخۇم ئىچىپ يۈزنى ئاقارتىش

ئالدى بىلەن تۇخۇمنى قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ ئۈچ مىنۇت قاينىتىمىز،تۇخۇمنىڭ ئېقى پىشىپ،سېرىقى چالا پىشقان پەيىتتە،تۇخۇمنى سۇدىن سۈزۈپ ئېلىپ،بىر ئۇچىدىن كىچىكرەك تۆشۈك ئاچىمىز ۋە تۇخۇمنىڭ ئىچىگە ئازىراق ئاق شېكەر سېلىپ،تۇخۇمنى ئىچىۋىتىمىز.بۇنداق تۇخۇمنىڭ تېرىگە سۇ تولۇقلاش،ئوزۇقلاندۇرۇش رولى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ،داۋاملىق ئىستىمال قىلىپ بەرسە،يۈز تېرىسىنى ئاق ھەم سىلىق قىلىدۇ.

  سۇلۇ ئۇمىچى ئارقىلىق چىراي گۈزەللەشتۈرۈش

 سۇلۇ تەركىبىدە تېرىنى ياخشىلايدىغان نۇرغۇن ئوزۇقلۇق تەركىپلەر بار،مەسىلەن،كېرىمىنىيIV ئوكسىدىي بولغانلىقتىن،ئۇ نۇرغۇن تېرە كېسەللىكلىرىنى يىنىكلىتىدۇ ياكى ساقايتىدۇ.

سەككىز خۇرۇچلۇق سۇلۇ ئۇمىچى،توخۇ گۆشى سېلىنغان سۇلۇ ئۇمىچى،سۈت قوشۇلغان سۇلۇ ئۇمىچى،ياڭاق سېلىنغان سۇلۇ ئۇمىچى قاتارلىقلاردا باشقا خۇرۇچلار ئاۋۋال سۇغا سېلىنىپ،پىشىپ بولغاندا ئاندىن  پىششىقلانغان سۇلۇ يارمىسىنى سېلىپ 2-3 مىنۇت قاينىتىپ ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.

   كۇلى بىھىسى (木瓜)سېلىپ پىشۇرۇلغان پىشلاق (奶酪)

ماتىريالى:كۇلى بىھىسى بىر دانە،يېڭى سۈت ئىككى ئىستاكان،ئۈچ دانە تۇخۇمنىڭ ئېقى،ناۋات مۇۋاپىق مىقتاردا،ئاچچىقسۇ ئازىراق

 ئۈنۈمى:تېرىنى ئاقارتىدۇ،قېرىشقا قارىشى تۇرىدۇ،داغنى سۇسلاشتۇرىدۇ،كۆكسىنى چوڭايتىدۇ

تەييارلاش:كۇلى بىھىسىنى ئوتتۇرىدىن ئىككى پارچە قىلىپ،ئېتىنى ئالىمىز ۋە يۇمشاق ئېزىمىز.سۈت ئەمدىلا قاينىشىغا،ناۋاتنى سېلىپ تولۇق ئېرىپ بولغىچە قاينىتىمىز،ئاندىن بىر چەتكە ئېلىپ قويۇپ سوۋۇتىمىز.

 تۇخۇم ئېقىنى ئېلىپ،ئۇنىڭغا سۈت بىلەن ئاچچىقسۇنى قۇيۇپ،يەڭگىل ھالدا تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن،سۈزگۈچ بىلەن سۈزۈپ،پىيالىغا ئالغاندىن كىيىن،كۇلى بىھىسىنى سېلىپ،پىيالىنىڭ ئاغزىنى ھىم ئىتىپ،قاسقانغا سېلىپ كۈچلۈك ئوتتا تەخمىنەن 30 مىنۇت قايناتساق پىشلاق تەييار بولىدۇ.بۇ خىل پىشلاقنى ئازىراق ھەسەل بىلەن بىللە ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.

 ئالما شىرنىسى ئىچىپ ئورۇقلاش

 قاپاق لازىدىن يېرىم تال،ئالمىدىن بىر تال،ئاناناستىن ئىككى پارچە تەييارلايمىز.ئالمىنىڭ شۆپىكىنى سويۇپ،ئۇرۇقىنى ئېلىۋىتىمىز،ئاناناسنى يالپاقلاپ كىسىمىز ۋە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇلارنىڭ شىرنىسىنى چىقىرىۋالىمىز.قاپاق لازىنى بويىغا ئىنچىكە توغراپ،200مىللىلىتىر سۇغا سېلىپ شىرنىسىنى چىقىرىمىز.بارلىق شىرنىلەرنى قوشۇپ،تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن،دەرھال ئىچىۋەتسەك بولىدۇ.بۇنىڭ فىگۇرىنى گۈزەللەشتۈرۈش،بەدەننى ئورۇقلىتىش ئۈنۈمى بولىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号