ئاياللار، راھەت ئىچىدە ياشاڭ ۋە چىرايلىق قېرىڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 14344:ئادەم ئۆگەندى
    بەزىلەر ئېيتىدۇ: يىللار ئادەمنى ئاۋايلىمايدۇ، بولۇپمۇ ئاياللارنى تېخىمۇ شۇنداق؛ ئەمىلىيەتتە ئۇلار، تىرە قېرىپ كىتىشكە قارىغاندا، كۆڭۈل قېرىپ كىتىشنىڭ تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
    قېرىپ كىتىشتىن ساقلىنالمايدىغانلىقىمىز ھەممىمىزگە ئايان. بىراق، تەدرىجى قېرىپ بېرىش يولىدا، بەزىلەر ھارغىنلىق ئىچىدە ياشايدۇ، پۈتۈنلەي بوشاپ روھسىز بولۇپ قالىدۇ؛ بەزىلەر ئەركىن-ئازادە راھەت ياشايدۇ، چىرايلىق قېرىيدۇ.
گۈزەل بولۇشتا چىڭ تۇرىدىغان بىر خىل پوزۇتسىيە
    بىر ئادەم ئۆزىنىڭ چىرايىنىڭ قانداق بولۇشىنى تاللىيالمايدۇ، ئەمما بۇ، بىزنىڭ چىرايلىق بىر ئادەم بولۇپ ئۆزگىرىشىمىزگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
    گۈزەللىك بىلەن مودا ئېقىمى، بۇ بىر خىل پوزۇتسىيە؛ مەيلى نەچچە ياشلارغا كىرگەن بولمايلى، بىز ھەرۋاقىت لاتاپەتلىك بەدەن شەكلىمىزنى ساقلاپ، رەتلىك ۋە يارىشىملىق كىيىنىشىمىز، مۇۋاپىق تۈردە ياسىنىشنى بىلىشىمىز لازىم. بۇ ئۆزىمىزنى ۋە باشقىلارنى ھۆرمەتلىگىنىمىز بولىدۇ.
لاتاپىتىنى چېنىقتۇرىدىغان بىر خىل قىزىقىش
    ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان كىشىلەرنىڭ گۈزەللىكى، كۆپىنچە ئۇلارنىڭ لاتاپىتى، ساپاسى، بىلىمى ۋە ۋىجدانىدىن كىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىچكى قىسىمدىكى ئامىللار بولۇپ، قىزىقىش-ھەۋەسلەر ئارقىلىق تۇلۇقلاپ ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
    ئەگەر بىرەر قىزىقىشىمىز، بىزنىڭ مىجەز-خارەكتىرىمىزنى تەڭشەپ، ئادىمىيلىك ئەخلاقىمىزنى يىتىلدۈرەلىسە ھەمدە قەلبىمىزنى ئۇزۇقلاندۇرالىسا، بۇنىڭدا ئوخشاشلا چىرايلىق ۋە روھلۇق كۆرۈنگىلى بولىدۇ.
ئۆزىمىزگە مەڭگۈ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان بىر خىل روھى ھالەت
    ئۆزىمىزگە ئازراق بوشلۇق ۋە ۋاقىت قالدۇرۇپ، ھەربىر ۋاقىتتىن ھۇزۇر ئېلىشىمىز كىرەك. ئەگەر ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىزمۇ كۆيۈنمىسىڭىز، سىز يەنە كىمدىن ئۈمىد كۈتەلەيسىز؟
    بىر ئادەمنىڭ مەيلى قايسى ۋاقىتتا بولمىسۇن، ئۆزىنى باشقىلارنى سۆيگەندىن بەكرەك سۆيىدىغان روھى ھالىتى بولۇشى كىرەك.
ساغلاملاشتۇرىدىغان بىر خىل ھەرىكەت
    ھاياتلىق 100نۇمۇرى ئىچىدە، ساغلاملىق، دەل ئالدىدىكى "1" سانىدۇر؛ ئەگەر ساغلاملىق بولمىسا، قالغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىكار. شۇڭا، ئالدىنقى يېرىم ئۆمرىڭىزدە جان تىكىپ ئىشلەپ، كىيىنكى يېرىم ئۆمرىڭىزدە ئالدىدا تاپقان پۇللىرىڭىزغا تايىنىپ ھاياتلىقىڭىزنى ئۇلاشتۇرۇدىغان ئەھۋالغا قېلىشتىن ساقلىنىڭ.
   بىرەر-ئىككى دوستلىرىڭىز بىلەن كىلىشىپ، كۆپرەك چىقىپ ئايلىنىپ كىلىڭ. قۇياش نۇرى تازا ياخشى چۈشۈۋاتقان، تېخى قار يېغىش باشلىمىغان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىڭىزنى شامالدىتىپ، ئاپتاپقا قاقلىنىۋىلىڭ ھەمدە بۇ ئارقىلىق تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى ۋە خاتىرجەملىكىدىن ھۇزۇر ئېلىڭ.
نام-ئابروي قوغلاشمايدىغان بىر خىل پاكلىق
    بەلگىلىك ياشقا يەتكەندىن كىيىن، ياش ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش ئۇنداق جان تىكىپ ئىشلەش كەتمەيدۇ؛ كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى بەزىبىر نەيرەڭۋازلىق ۋە ئاستىرتتىن پۇت تېپىشىشلەرگىمۇ بەك ئىرەنشىپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
    ئەمىلىيەتتە، بىر ئادەمنىڭ زىرىكىش ھىس قىلىشى، بىر توپ كىشىلەرنىڭ خۇشاللىنىشى، بىر  توپ ئادەمنىڭ خۇشاللىنىشى بىر ئادەمنىڭ زىرىكىشى بولىدۇ.
    گۈزەللىك، بىر مەيدان ئۇزۇنغا يۈگرەش ھەرىكىتى؛ ئۇ مەلۇم بىر ياش مەزگىلىگە ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل كىشىلىك ھاياتقا تەئەللۇق.
   يىگىرمە ياشتا ياشلىق باھارىمىز بىلەن، ئوتتۇز ياشتا نازاكىتىمىز بىلەن، قىرىق ياشتا پاراسىتىمز بىلەن ياشىشىمىز لازىم؛ ئەللىك ياشقا يەتكەندە بولسا تەمكىن بولۇپ، ئاتىمىش ياشتا ئەركىن-ئازادە ياشىشىمىز لازىم. بۇنىڭدا، يەتمىش سەكسەن ياشقا كىرگەندە، باھاسى يوق گۆھەرگە ئايلىنىمىز. ئايال كىشى، قېرىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، چىرايلىق قېرىشى كىرەك.
    چاچلار ئاقىرىپ، چىرايىنى قورۇق بېسىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ئاشۇ گۈزەللىكنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەسلىكى لازىم.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号