نۇرغۇن ئەرلەر شۇنى بىلىپ يەتكەنكى، ئاياللار بولسا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يوق بىر خىل جانلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن، بەزى ئەرلەر "ئاياللارنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى شۇنىڭ ئۈچۈن كەم بولىدۇكى، ئۇلاردا پۇل-دۇنيانىڭ كەمچىل بولغانلىقىدىن شۇنداق بولىدۇ" دەپ ئېيتىشىدۇ.
يەنە بەزى ئەرلەر بولسا، "ئاياللارغا پەقەت يىتەرلىك دەرىجىدە پۇل-دۇنيا بىرىلسە، ئۇلار بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولۇپ قالمايدۇ" دىيىشىدۇ.
ئەرلەر بەزىدە مۇشۇنداق ئۆزىنى بىلەرمەن چاغلايدۇ ھەمدە ئايال كىشىنى ئىزچىل تۈردە خاتا چۈشىنىدۇ.

ئەمىلىيەتتە، ئاياللارنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى پۇل-دۇنيادىن ئەمەس، بەلكى تۆۋەندىكى ئۈچ نەرسىدىن كىلىدۇ.
ياتلىق بولغان ئەركىشىنىڭ ئادىمىيلىك ئەخلاقىدىن
بىر ئايال كىشىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، ئۇ ياتلىق بولغان ئەركىشىنىڭ ئادىمىيلىك ئەخلاقىنىڭ ياخشى ناچارلىقىدىن كىلىدۇ. ئەگەر ئايال كىشى ئەخلاقى ياىشى بىر ئەرگە ياتلىق بولغان بولسا، ئىرى ھەردائىم ئۇلارغا كۆيۈنۈپ، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلسا ۋە توغرا چۈشەنسە، ئۇنداقتا ئاياللار ئۆزىنى يىتەرلىك بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە ھىس قىلىدۇ.
ئەگەر ئايال كىشى ياتلىق بولغان ئەركىشىنىڭ ئادىمىيلىك ئەخلاقى ناچار بولسا، تەييارتاپلىق قىلىپلا قالماي يەنە ئائىلە زوراۋانلىقى ئىشلىتىپ ئايالىنى بوزەك قىلسا ۋە سىرتلاردا باشقا ئاياللار بىلەن ئىش-پەش تارتىشىپ يۈرسە، ئۇنداقتا سىزنىڭچە، بۇ ئايال كىشى بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە بەخىت تۇيغۇسى ھىس قىلالارمۇ؟
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئايال كىشىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، جۈپتىنىڭ ئادىمىيلىك ئەخلاقىدىن كىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ئگەر سىزگە كۆڭۈل بۆلسە، سىزنى قەدىرلىسە، سىز ئۆزىڭىزنى تەبىئىيلا بەخىتلىك ھىس قىلىسىز، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغىمۇ يىتەرلىك دەرىجىدە ئىگە بولالايسىز.

ياتلىق بولغان ئىرىنىڭ ئىقتىدارىدىن كىلىدۇ
ئاياللارنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى يەنە بىر كىلىش مەنبەسى، ئۇلار ياتلىق بولغان ئەركىشىنىڭ ئىقتىدارى بار يوقلۇقىدا. ئەگەر بىر ئايال كىشىنىڭ ياتلىق بولغىنى باي ئائىلىنىڭ پەرزەنتى بولسىمۇ، بىراق ئۇ كۈنلىرىنى بىكارچىلىقتا ئۆتكۈزۈپ، توغرا ئىش بىلەن شۇغۇللانمىسا، ئۇنداقتا بۇ ئايال كىشى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولالمايدۇ.
بۇنداق ئايال كىشى، ئۆزى ياتلىق بولغان بايۋەچچىنىڭ پۇللارنى خەجلەپ تۈگىتىپ قويسا، ئۆزى ھەم پۇل تېپىشنى بىلمىسە، ئۇلارنىڭ بالىسى كىيىنچە قانداق قىلىدۇ؟ ئايال ئۆزى قانداق قىلىدۇ؟ شۇڭلاشقا، ئىقتىدارسىز بىر ئەركىشى، ئايال كىشىگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرەلمەيدۇ.

ياتلىق بولغان ئەركىشىنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدىن كىلىدۇ
بىر ئايال كىشىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، پۇل-دۇنيادىن ئەمەس، بەلكى ئۇ ياتلىق بولغان ئەركىشىنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار يوقلۇقىدىن كىلىدۇ. مەسئۇلىيەتچان ئەرلەر، ئادەتتىكى بىر مائاشلىق ئادەم بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ ئايالىغا ئەزەلدىن كۆزى كىچىكلىك قىلمايدۇ، ئائىلىسىگە مەسئۇلىيەتچان بولىدۇ.
بىراق، ئەگەر بىر ئەركىشى ئايدا ئون مىڭلاپ مائاش ئالغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىگە نەچچە مىڭ يۈەنلىك كىيىم سېتىۋىلىپ، ئايالىغا بىرەر يۈز يۈەنگە ئاياغ ئېلىپ بىرىشكە كۆز قىيمىسا، بۇنداق ئەرلەر ئايالىغا ھەرگىز بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرەلمەيدۇ.
ئاخىرىقى سۆز
ئايال كىشىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى پۇل-دۇنيادىن كەلمەيدۇ، بەلكى ياتلىق بولغان ئەركىشىنىڭ ئۇنى كۆڭۈل قېتىدا ساقلاپ ۋە ئائىلىسىگە مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ئائىلىسى ئۈچۈن ھەقىقى بەخىت ئېلىپ كىلەلەيدىغانلىقى ياكى كىلەلمەيدىغانلىقىدىن كىلىدۇ.