ئاياللارنىڭ ساپاسىنى قايسى نوقتىلاردىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 12883:ئادەم ئۆگەندى
    ئىلگىرى توردا مۇنداق بىر جۈملە سۆز كۆرگەن ئىدىم: "يىمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كىچەكتىن باشقا، ئادەمگە يەنە ساپامۇ لازىم".
   بۇ بىر جۈملە سۆزدىن، ساپانىڭ بىر ئادەمگە نىسبەتەن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ؛ بولۇپمۇ ئاياللار، چىراي قانچىلىك گۈزەل بولۇشتىن قەتئىنەزەر، ئەگەر ساپاسى بولمىسا، باشقىلارنىڭ نەزىرىدە يەنىلا قىممىتىنى يوقاتقان كۆرىنىدۇ، مۇھەببەتتىمۇ ئەر كىشىنىڭ قەدىرلىشىگە ۋە ئامراقلىق قىلىشىغا ئىرىشەلمەيدۇ.
   ئەمىلىيەتتە، بىر ئايال كىشىنىڭ ساپاسى بار يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىشتا، كۆپىنچە بەزىبىر ئىنچىكە نوقتىلاردىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ؛ بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەرنى يۇشۇرۇپ قالغىلى بولمايدىغان بولۇپ، ئايال كىشىنىڭ ساپاسىنىڭ قانداقلىقىنى ئاسانلا گەۋدىلەندۈرۈپ قويىدۇ.
    قىسقىسى، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، تۆۋەندىكى ئۈچ كىچىك نوقتىدىن، بىر ئايال كىشىنىڭ ساپاسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ.
ئاياللارنىڭ ناتۇنۇش كىشىلەر بىلەن قانداق ئالاقە قىلىدىغانلىقىغا قاراش
   رىئال تۇرمۇشتا، بىزنىڭ دوستلىرىمىزغا ياكى تۇققانلىرىمىزغا پوزىتسىيىمىز ناھايىتى ياخشى بولۇشى، ئەمما بەزىبىر چوڭ ئالاقىمىز يوق ناتۇنۇش كىشىلەرگە قارىتا ياكى ئاجىز كىشىلەر توپىغا قارىتا، كۆڭۈل بۆلمەي سۇغۇق مۇئامىلىدە بولۇشىمىز مۇمكىن؛ قارشى تەرەپ ياردەمگە مۇھتاج بولغان تەقدىردىمۇ، بىز بۇنى كۆرمەسكە سېلىپ، دەرھال ئۇنىڭغا قارىتا بىر خىل سۇغۇق پوزىتسىيە تۇتىشىمىز مۇمكىن.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر ئايال كىشىنىڭ ساپاسىنىڭ بار يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىشتا، ئۇنىڭ ناتۇنۇش كىشىلەرگە قانداق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئىنچىكە نوقتىدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ. ساپالىق ئاياللار چوقۇم ئاق كۆڭۈل قىزغىن كىلىدۇ، باشقىلار ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا، بىرىنچى ۋاقىتتا ياردەم بىرىشنى تاللايدۇ.
باشقىلارنىڭ سۆزىنى خالىغانچە ئۈزىۋىتەمدۇ يوق
   ئىلگىرى، شىركەتتە بىر ئايال خىزمەتدېشىم بار بولۇپ، ئۆزىنىڭ بۆلىمىدە، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ئىقتىدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما خىزمەتداشلار ۋە رەھبەرلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىرىشەلمەيتتى؛ ھەر قېتىم يۇقىرى ئۆرلەش پۇرسىتى كەلسە، ئۇنىڭغا نۆۋەت تەگمەيتتى، سەۋەبى بولسا، ئۇ ھەمىشە ئالدىغا چىقىۋىلىپ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق ئىدى.
   ھەر قېتىم يېغىن ئاچقاندا، ئۇ بىرىنچى بولۇپ سۆز قىلىشنى تالىشاتتى؛ كەينىدىن، باشقىلار ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويغان ۋاقىتتا، ئۇ ھەمىشە باشقىلارنىڭ سۆزىنىڭ بىلىگە تېپىپ، ئۇلارنىڭ سۆزىدىكى يىتەرسىز دەپ قارىغان تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ بىرەتتى، ياكى ئۇلارنىڭ پىكىرىگە قارىتا رەددىيە بىرەتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئۇنىڭ بىلەن خوشى قالمىغان ئىدى.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ سۆزىنى خالىغانچە ئۈزىۋىتەمدۇ يوق دىگەن بۇ كىچىك بىر نوقتىدىن، بىر ئايال كىشىنىڭ قانچىلىك ساپالىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋىلىشقا بولىدۇ. بىر ئايال كىشىنىڭ خىزمەتتىكى ئىقتىدارى ھەرقانچە كۈچلۈك بولغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ساپاسى بولمىسا ۋە قانداق ئادەم بولۇشنى بىلمىسە، ئۇنىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشمىكى تەسكە توختايدۇ، بىرەر نەتىجىگە ئىرىشمىكىمۇ تەسكە توختايدۇ.
سىرتتىكىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆز-كۆز قىلامدۇ يوق
   ئىلگىرى ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقتىمدا، سىنىپىمىزدىكى بىر قىزنىڭ ئائىلە شارائىتى ياخشى بولۇپ، ھەمىشە بەزىبرى زىننەت بۇيۇملىرىنى سېتىۋالاتتى ھەمدە ماركىسىنى قەستەن سىرتقا چىقىرىپ قويۇپ ۋە باشقىلار بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا بۇ توغۇرلۇق مۇزاكىرلىشىپ، پۈتۈن سىنىپتىكىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ پۇلدار ئائىلىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى كۆز-كۆز قىلاتتى.
    بىراق، ساۋاقداشلار ئۇنىڭغا بەك پەرۋا قىلىپ كەتمەيتتى؛ ئۇنى خۇددى قارا قوساق بايلارغا ئوخشاش، ھەمىشە باشقىلارنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشىشنى ئويلايدۇ دەپ قارايتتى.
   تۇرمۇشتا، ساپالىق ئاياللار، ئۆيىدە ھەرقانچە پۇلىسى بار بولسىمۇ، مەدەنىيەت سەۋيىسى ھەرقانچە يۇقىرى بولسىمۇ، سىرتتىكىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ بۇئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆز-كۆز قىلمايدۇ، ئۇلار بەلكى تۆۋەن ماقامدا ئىش كۆرۈشنى تاللايدۇ. پەقەت ساپاسىز ئاياللارلا، ئاندىن سىرتتىكىلەرنىڭ ئالدىدا ھەدىسىلا مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى ئىزدەيدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号