ئاياللارنىڭ قىرىققا ئۇلاشقاندىكى قېرىشقا قارشى تۇرۇش ئۇسۇللىرى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 14296:ئادەم ئۆگەندى
   ئاياللار ياش ۋاقتىدا تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئۆتىدۇ؛ لىكىن، ئاران دىگەندە ئىگىلىكى ئازراق تەرەققى قىلىپ، ئائىلە ۋە ئىقتىسادى ئەھۋالى نورمال قىلىپقا چۈشكەندىن كىيىن، گەرچە ئالدىراش تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدىن ئازراق بوشىنالىسىمۇ، ئەمما ياش ۋاقتىدىكى بەدەن ھالىتىنىڭ كەلمەسكە كەتكەنلىكىنى بايقايدۇ.
    بىراق، سىز بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ بۈگۈن بىز سىزگە، قېرىپ كىتىشكە قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى بەزىبىر تەكلىپلەرنى ئېلىپ كەلدۇق. چوڭ پۇل خەجلەش كەتمەيدۇ، ئەمما ئوخشاشلا ياش قىزلاردەك ھالىتىڭىزنى ساقلاپ قالالايسىز.
چاچنى ئازراق بوغۇش
    ياز پەسلىدە ھاۋا بەك ئىسسىق بولغاندا ياكى بولمىسا ئۆيدە ئىش قىلغاندا، ئاياللار چېچىنى يۆگىۋىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ ئۇسۇل قارىماققا قولايلىقتەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەگەر كۈندە چېچىمىزنى يۆگەپ بوغۇۋالساق ھەمدە بۇنىڭ بىلەن بىرگە بەك چىڭ باغلىۋالساق، چاچ چۈشۈش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، پىشانىمىزدىكى چاچ سىزىقچىلىرىنىڭ كەينىگە چىكىنىپ كىتىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇنىڭدا سىزنىڭ يېشىڭىزنى ئەلۋەتتە چوڭ كۆرسىتىپ قويىدۇ. شۇڭا چاچ پاسونىڭىزنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرىشىڭىز ياكى چېچىڭىزنى قويىۋىتىپ بىرلا بوغۇۋىلىشنى تاللىشىڭىز تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
پۇتلىرىنى ئالماپ ئولتۇرماسلىق
    نۇرغۇن چوڭلار، كىچىكلەرنىڭ پۇتلىرىنى ئالماپ ئولتۇرۇشىنى ياقتۇرمايدۇ، بۇنىڭ بەلگىلىك ئاساسى بار. چۈنكى، بۇ خىل ئولتۇرۇش ھالىتى ئەدەپسىزلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئاسانلا قان تۇمۇرلارنىڭ بېسىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ۋىنرا قان تومۇرلىرىنىڭ ئېگىلىپ سوزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئاياللارغىمۇ ياخشى تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
يۈز قىسمىنى كۆپ سىيلىماسلىق
    بەزى ئاياللار، ھەمىشە ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا يۈزلىرىنى سىيلاپ بىرىدۇ ياكى كۆزلىرىنى ئۇۋۇلايدۇ؛ بۇ خىل يۈز تىرە قىسمىغا تىگىشىدىغان قىلمىشلار، تىرىنىڭ تارتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈز قىسىمدىكى قورۇقچىلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىۋىتىدۇ.
ئاپتاپتىن كۆيۈشتە پەقەت يۈز قىسىمنىلا ئاساس قىلىۋالماسلىق
   ئاپتاپتىن ساقلىنىش ئۇقۇمىنىڭ ئومۇملىشىغا ئەگىشىپ، ھازىر ئاز بولمىغان ئاياللار سىرتقا چىققاندا، يۈز قىسمىنىڭ ئاپتاپتا كۆيۈشىدىن ساقلىنىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ. بىراق، بوينى، كۆرەك قىسمى، ھەتتا بىلەكلىرىنىڭمۇ ئاپتاپتا كۆيۈشىدىن ساقلىنىشقا ئەھمىيەت بەرمەك لازىم. بولۇپمۇ بويۇن قىسىم، چۈنكى بويۇن قىسىمدىكى قورۇقچىلار، سىزنىڭ ھەقىقى يېشىڭىزنى ھەر ۋاقىت ئاشكارىلاپ قويۇشى مۇمكىن.
سۈتنى ئازراق ئىچىش
   ھەممەيلەن سۈتنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبىنى ناھايىتى يۇقىرى دەپ قارايدۇ؛ ئەمىلىيەتتە، سۈتنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتىدە قىلچىلىك گۇمان يوق؛ بىراق، كالا سۈتى تەركىبىدىكى ھورمۇنلار، ياغ تەركىبلىرىنىڭ ئاجرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا كالا سۈتىنى بەك كۆپ ئىچىۋەتسە، تۈك تۆشۈكچىلىرىنىڭ ئىتىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چىرايىمىزنى قارىماققا ناھايىتى مايلاش كۆرسىتىپ قويىدۇ. كالا سۈتى ھەممىلا ئادەمنىڭ ئىچىشىگە ماس كىلىدىغان ئەمەس، ئەگەردە تىرىڭىز ياخشى بولمىسا، ئەڭ ياخشىسى كالا سۈتى ئىچمەسلىكىڭىز كىرەك.
ھەركۈنى ئاز دىگەندە 30قېتىم ئولتۇرۇپ قوپۇشنى داۋاملاشتۇرۇش
    ئاياللار 40-30ياشقا ئۇلاشقاندىن كىيىن، ئاستىنقى يېرىم بەدىنىگە گۆش ۋە ياغ تەركىبلەر يېغىلىۋالىدىغان مەسىلىگە دۇچار بولىدۇ. ساغرا قىسمىنى ئۇرۇقلىتىشنى ئويلىشىدىغان ئاياللار، ئولتۇرۇپ قوپۇشنىڭ چوقۇم ئىشلەشكە تىگىشلىك ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. ھەر كۈنى 30قېتىم ئولتۇرۇپ قوپۇش ھەرىكىتىنى ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرساق، پۇت قىسىمدىكى مۇسكۇللار مىقدارىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە بەدەندىكى ماينى كۆيدۈرۈپ، بەدەن شەكلىڭىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىدۇ.
سۇغۇق يىمەكلىكلەردىن يېراق تۇرۇش
    ئادەتتە، سۇغۇق يىمەك-ئىچمەكنى ئاز ئىستىمال قىلىش كىرەك؛ چۈنكى، ئادەمنىڭ بەدەن تىمپىراتۇرسى تۆۋەنلەپ كەتسە، بەدەننىڭ مىتابولىزىمىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدىغان بولۇپ، ساغلاملىققا ۋە قېرىپ كىتىشنى ئاستىلىتىشقا پايدىسىز بولىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号