بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، يەنىلا گۈزەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەمىلىيەتتە، %80ئاياللار كۈرۈمسىز ئەمەس، ئۇلار پەقەت ھۇرۇنلۇققا يىڭىلىپ قالىدۇ. شۇڭا بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، سىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىدىغان بەزىبىر تۇرمۇش ئادەتلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
تىرە ئاسراشتا بوياننى ئۇنتۇپ قالماڭ
ھەرقانداق بىر ئايال كىشى، بويۇنغا چۈشكەن قورۇقچىلاردىن بىزار؛ چۈنكى ئۇلار، دەرەخنىڭ ياش سىزىقچىلىرىغا ئوخشاش، بىزنىڭ يېشىمىزنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ تۇرىدۇ. ھەركۈنى ئەتىگەندە، تىرە ئاسراش جەۋھىرىدىن بوينىڭىزغا ئازراق سۈرۈپ، ئاز دىگەندىمۇ بىر مىنۇت ئۇرۇپ بەرسىڭىز ھەمدە بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرسىڭىز، سىز بويۇنلىرىڭىزدا قورۇق سىزىقچىلىرىنىڭ قالمىغانلىقىنى بايقايسىز.
سۇ ئىچىشنى توختاتماڭ
نۇرغۇن ئاياللار ھەرىكەت قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ. ئۇزۇن مەزگىل ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىش ۋە ھەرىكەت كەمچىل بولۇش، ئادەمنى ئاسانلا قەۋزىيەت قىلىپ قويىدۇ. قەۋزىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ تەسىرى بولسا، چىرايىمىزنى ئۆڭدۈرۈپ داغ پەيدا قىلىشتۇر. چۈنكى، بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلار ۋاقتىدا چىقىرۋىتىلمىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەركۈنى ئەتىگەن ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ بىر ئىستاكان ئىلمان قايناقسۇ ئىچىپ، ئۈچەيلىرىڭىزنى بىر "يۇيۇندۇرۋىتىڭ". بۇندىن باشقا، خىزمەت قىلىش جەريانىدىمۇ، ۋاقتى قەرەلىدە سۇ ئىچىپ تۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ.
قول ئاسراش مەلھىمىنى يېنىڭىزدىن ئايرىماڭ
قول، ئاياللارنىڭ ئىككىنچى چىرايى؛ قول ئاسراش مەلھىمىنى ھەرۋاقىت يېنىڭىزدا ئېلىپ يۈرۈپ، قولىڭىزنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن دەرھال قولىڭىزغا سۈرتىۋىلىڭ.
لىمون سۈيىنى كۆپرەك ئىچىپ بىرىڭ
تىرىسىنى تېخىمۇ ئاق قىلىش، ئاياللار بىر ئۆمۈر ئىنتىلىدىغان ئىش بولۇپ، ساغلام ھالدا ئاقىرىش، نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئارزۇسى. لىمون سۈيى ئىچىشتە چىڭ تۇرسىڭىز، راستىنلا ئاقىرىشقا پايدىسى بار. لىموندىن بىرنى تۆتكە بۆلۈپ، ھەرقېتىمدا بىر تالنى بىر ئىستاكان ئىلمان سۇغا سىقىپ، كەچلىك تاماقتىن بىر سائەت كىيىن ئىچىپ بىرىڭ. ئەگەر چۈچۈمەل تەمگە كۆنەلمىسىڭىز، ھەسەل قوشۇپ ئىچسىڭىز بولىدۇ.
ئاپتاپتا كۆيۈشتىن ساقلىنىشنى ئۇنۇتماڭ
تىرىنى ئاقارتىش كىرەكلا بولۇپ قالماي، ئۇنى يەنە ساغلام تۇتۇش كىرەك. ئاپتاپتا كۆيۈشتىن ساقلىنىش، تىرىنىڭ كۆيۈپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە رىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن قېرىپ، قورۇقچە پەيدا بولۇشى ۋە داغ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇڭا بىر يىل تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە، ئاپتاپتا كۆيۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئۇنۇتماسلىقىڭىز كىرەك.
تىز مېڭىش
پۇتىڭىزنى ئۇرۇق بولسىكەن دىسىڭىز، يول ماڭغاندا ئىتتىك مېڭىڭ؛ بۇنىڭغا ئىنىرگىيە خوراش تىزلىشىپ، بەدەندىكى مايلارنىڭ كۈيۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ.
كۆزنى ئۇۋۇلاپ بىرىش
كۆز خالتىسى، كۆز ئەتراپى ئىششىپ قارىداپ قېلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى، ئادەمنى روھسىز كۆرسىتىپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەتىگەنلىكى ئورنىڭىزدىن تۇرغاندىن كىيىن، يېراقلارغا نەزەر سېلىپ بىرىڭ ھەمدە چۈشتە ۋە كەچ تەرەپلىرى، كۆزلىرىڭىزنى ئۇۋۇلاپ ئارام ئالدۇرۇڭ.