تىرىسى ناچار ئاياللار ئىسىدە تۇتۇشقا تىگىشلىك ئىشلار
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 15712:ئادەم ئۆگەندى
   بۈگۈن قۇرۇق گەپ قىلىپ ئولتۇرماي، كۆپچىلىككە ئەمىلىي قوللىنىشچانلىققا ئىگە ساۋاتلارنى تۇنۇشتۇرۇشنى قارار قىلدۇق. تىرىسى ئاياللار ھەرگىز كۆڭلۈڭلارنى يېرىم قىلماڭلار، سىزنىڭ ئاق ھەم ساغلام تىرىگە ئىرىشىشىڭىز ئۈچۈن، پەقەت بىر قېتىملىق ماقالىنى ھەمبەھىرلىنىش كەم قالغان بولۇشى مۇمكىن.
   1. پۈتكۈل تىرە ئاسراش جەريانىدا ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئاپتاپتا كۈيۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولۇپ، تەخمىنەن %70نى ئىگىلەيدۇ.
   2. ئاپتاپتا كۈيۈشتىن مۇداپىئەلەنسەك، قارىداپ قېلىشنىڭ ۋە قېرىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز.
   3. ئاپتاپتا كۈيۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەلھىمى تەركىبىدىكى چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قوشۇندا ماددىسىدىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ سىزدە پەقەت بۇنىڭغا رىئاكسىيە قىلىدىغان ئەھۋال بولمىسىلا، سىز قورقمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
   4. ئەگەر تىرىمىزنىڭ ئەھۋالى يار بەرسە، خېمىيلىك ئاپتاپتا كۈيۈشتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرى بىلەن فىزىكىلىق ئۇسۇللارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتسەك، ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ.
   5. تىرىسى نىسبەتەن سەزگۈر بولغانلار، فىزىكىلىق ئاپتاپتا كۆيۈشتىن ساقلىنىش مەلھىمى ئىشلەتسەك بولىدۇ بىراق يالغان ئاقىرىشقا چىداشقا توغرا كىلىدۇ.
   6. قېرىپ كىتىشكە قارشى تۇرۇشنىڭ ياش بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، شۇڭا 20ياش ئەتراپىدىكى ۋاقىتتىن باشلاپلا، تىرىگە ئاسراش قىلىشنى باشلىماق لازىم.
   7. كۈنلۈك، باھاسى ئەڭ ئەرزان ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئاپتاپتا كۈيۈشتىن ساقلىنىش مەھسۇلاتى بولۇپ، ئاساسى قەھەتتىن يېرىمدىن ئارتۇق ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنى توسۇپ قالالايدۇ.
   8. تولا دانىخورەك چىقىۋالىدىغان تىرىگە نىسبەتەن، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلى، ئاپتاپتا كۆيۈشتىن ساقلىنىش مەلھىمى سۈرۈش(فىزىكىلىق مەلھەم تەۋسىيە قىلىنىدۇ).
   9. گىرىمىڭىزنى يۇۋەتكەندىن باشقا ۋاقىتتا، گىرىم بۇلۇتىنى ھەرقانداق تىرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىغا تەگكۈزمەڭ، بولمىسا تىرىڭىز بارغانسىرى نىپىزلاپ كىتىدۇ.
   10. سۇ تۇلۇقلاش يۈز چاپلىقى پەقەت مۈڭگۈزسىمان قەۋەتكىلا نەملىك يەتكۈزەلەيدۇ، شۇڭا ھەقىقى تۈردە سۇ تۇلۇقلىغان ھىسابلانمايدۇ. ھەقىقى تىرە قەۋىتى، ئاندىن مۈڭگۈزسىمان قەۋەتكە سۇ يەتكۈزىدىغان مەنبەئە ھىسابلىنىدۇ.
  11. سۇ تۇلۇقلاش، تىرىگە سۇ تەركىبىنى يەتكۈزۈش جەريانىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ھەقىقى تىرە قەۋىتى تەمىنلىگەن سۇ تەركىبلىرىنىڭ قېچىپ يوقاپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئاندىن نەملىك ساقلاشنىڭ ھەقىقى مەنىسى ھىسابلىنىدۇ. شۇڭا، سۇ تۇلۇقلاش بىلەن سۇ تەركىبىنى قاچۇرۋەتمەي ساقلاشنىڭ بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ.
   12. مۇۋاپىق بولغان سۈت جەۋھىرى ۋە يۈز مەلھىمىنىڭ ئۈنۈمى، يۈز چالپىقىنىڭكىدىن قېلىشمايدىغان بولۇپ، يۈز چاپلىقىغا زىيادە بەك چوقۇنۇپ كەتمەڭ.
   13. سۇنى كۆپرە ئىچىپ بەرسىڭىز، تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كىتىشىڭىز ناتايىن؛ ئەمما سۇنى ئاز ئىچسىڭىز، چوقۇم تېخىمۇ كۆرۈمسىز بولۇپ كىتىسىز.
   14. ھەسەل ئەسلىدىنلا شىكەرگە ئازراق مىكرو ئىلمىنتلارنى قوشقانغا باراۋەر بولۇپ، ئۇنىڭ ھۆسىن گۈزەل لەشتۈرۈش ئۈنۈمى ئاساسەن يوق دىيەرلىك؛ كۆپ ئىچىۋەتسىڭىز، سەمىرىپ كىتىشتىن باشقىغا پايدا قىلمايدۇ.
   15. تىرىنىڭ سىرتقى قىسمى مايلىق، ئىچى قۇرۇق بولۇشنىڭ، سۇ تۇلۇقلاش ۋە ماي تەركبىنى كونتىرول قىلىش بىلەن ئالاقىسى يوق؛ ئەڭ مۇھىم بولغىنى، زەخمىگە ئۇچرىغان تىرە توسۇق ئورگانىزىملىرىنى ياخشىلاشتۇر.
   16. يۈزگە يىنىك ئۇرۇپ بىرىش، جەۋھەر قىسىملارنىڭ تىرىگە سۈمۈرلۈشىنى ئىلگىرى سۈرەلمەيدۇ؛ تىرىگە سىڭىپ كىرەلەيدىغانلىرى ئۆزى سىڭىپ كىرىدۇ، سىڭىپ كىرەلمەيدىغانلىرىنى يۈزىڭىزگە بىر سائەت ئۇرۇپ بەرسىڭىزمۇ بىكار.
   17. تىرە ئاقارتىش ناھايىتى مۇھىم، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش بولسا تېخىمۇ مۇھىم.
   18. ئەگەر خامچوت چەكلىك بولسا، كۆز مەلھىمىنى سۇيۇقلۇققا ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ، ئىككىسنىڭ ئۈنۈمىدە بەك چوڭ پەرق يوق.
   19. تىرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەركىبىنى كۆرۈشنى ئۆگىنىۋالسىڭىز، مەسىلەن، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىسى، دانىخورەك يوقىتىش، نەملىك ساقلاش قاتارلىق تەركىبلەرنىڭ ئىسمىنى ئىسىڭىزدە تۇتۇۋالسىڭىز، تىرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالغاندا گاڭگىراپ قالمايسىز.
   20. تىرە ئاسراش ماترىياللىرى سېتىۋىلىشتا، گەرچە ئىشلىتىش قولايلىقى ۋە ئۈنۈمىگە تەڭ ئىتىبار بىرىش كىرەك دەپ ئېيتىلسىمۇ، ئەمما خامچوت چەكلىك بولغان ئەھۋال ئاستىدا، ئىشلىتىش تۇيغۇسى دىگەندەك كۆرگىلى ۋە تۇتقىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنى قوغلاشماي، تىرىڭىزگە ئاسراش قىلىپ ئۈنۈم كۆرۈشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇڭ.
   21.  ئۈنۈمى بىلەن باھاسى ئوڭ تاناسىپ كىلىدۇ دەپ كىسىپ ئېيتقىلى بولمايدۇ؛ پەقەت، باھاسى قىممەت مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلىتىلىشچانلىقى ياخشى بولۇش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号