ئاياللارنىڭ لاتاپىتى قايسى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 14361:ئادەم ئۆگەندى
   ھازىرقى يىللاردا، چىراي گەرچە مەيلى ئوغۇل ياكى قىز بولسۇن ھەممىسىگە ئوخشاشلا مۇھىم بولىسىمۇ، ئەمما راستىنى ئېيتقاندا، ئادەمنىڭ چىرايىنىڭ گۈزەل ياكى كۈرۈمسىز بولۇشى ئانىدىن تۇغۇلما بولۇپ، كىيىنكى مەزگىلدە بەك كۆپ ئۆزگىرىش كۆرۈلمەيدۇ.
    ئەمىلىيەتتە، ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى، سىرتقى گۈزەللىكتىن باشقا، يەنە ئۇلارنىڭ لاتاپىتىمۇ بىر خىل گۈزەللىك ھىسابلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ خىل ئىچ-ئىچىدىن تارقىلىپ چىقىدىغان گۈزەللىككە ھېچنىمە يەتمەيدۇ. سىزنىڭ چىرايىڭىز ھەرقانچە گۈزەل بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئەگەر لاتاپىتىڭىزنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرسىڭىز، جەلپكارلىقىڭىزغا يەنىلا زور نۇمۇر قوشىلىدۇ.
بەدەن شەكىل ھالىتى
   ئالدى بىلەن بەدەن شەكىل ھالىتى جەھەتتە، خۇددى بىز ئادەتتە كۆرگەنگە ئوخشاش، ئۇسسۇل مەشىق قىلغان ياكى يۈگا ئۆگەنگەن، ۋەياكى دائىم بەدەن چېنىقتۇرىدىغان قىزلارنىڭ بەدەن شەكىل ھالىتى، كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشى بولىدۇ؛ بۇنداق ئاياللارنىڭ مۈرىلىرى بىر خىل ئەركىن-ئازادە ھالىتىنى شەكىللەندۈرىدىغان بولۇپ، كۆكرىكىنى كېرىپ تۇرغان ھالىتى ئۇلارنى ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان كۆرسىتىدۇ.
گىرىمى
    ھەقىقى تۈردە لاتاپەتلىك كەلگەن ئاياللار، ئۆزىنىڭ گىرىمىنىڭ نەپىس بولۇش بولماسلىقىغا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇپ، يۈز كۆزلىرىنى بۇياپ قېنىق گىرىم قىلىۋالىدىغان ئىش ئۇلاردا ئاساسەن كۆرۈلمەيدۇ. بۇندىن باشقا، ئۇلار ھەر قېتىم ئىشىكتىن چىققاندا، نەپىس ياسىنىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئادەمگە ھەرگىز رەتسىز ھەم مەينەت تۇيغۇ بىرىپ قويمايدۇ.
چاچ پاسونى
    نۇرغۇن كىشىلەر چاچ پاسونىغا دىققەت قىلمايدۇ؛ ئەگەر چاچ پاسونىڭىز ياراشمىسا، ياسىنىشىڭىز ھەرقانچە نوچى بولسىمۇ، گىرىمىڭىز ھەرقانچە يارىشىملىق بولسىمۇ، كىشىگە يەنىلا بىر خىل زاماننىڭ كەينىدە قالغاندەك تۇيغۇ بىرىپ قويىسىز. چۈنكى، ئۆزىگە كىلىشمەيدىغان ياكى ئازراقمۇ ياسىلىشى بولمىغان چۇۋۇلۇق پاخپاق ھالەتتىكى، ۋە ياكى تاراشقا ئىرىنىڭ ئاددىيلا بوغۇۋالغان چاچ شەكىللىرى، ئايال كىشىنىڭ يۇقىرى قاتلام تۇيغۇسى ۋە لاتاپىتى بىلەن ھەرگىز ماسلاشمايدۇ.
كىيىنىشى
   كىيىنىش جەھەتتە، لاتاپەتلىك ئاياللار چوقۇم ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ؛ چۈنكى، باشتىن ئاياغ ماسلاشتۇرۇپ كىيىنىشى، ئايال كىشىنىڭ پۈتكۈل لاتاپىتىنى بەلگىلەيدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئۇلار رەڭگارەڭ كەلگەن كۆزنى ئالا-چەكمەن قىلىۋىتىدىغان كىيىملەرنى كېيمەيدۇ؛ ئۇلار ئادەتتە، تىكىلىشى كۆركەم، بىر قاراشقىلا ماتىريالى ئالى كۆرۈنىدىغان كىيىملەرنى كىيىپ ياسىنىدۇ. بۇنىڭدا، ئۇلار تېخىمۇ لاتاپەتلىك كۆرىنىدۇ.
گەپ-سۆز ۋە يۈرۈش-تۇرۇشلىرى
   ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ئادەتتىكى گەپ-سۆز قىلىشلىرى ۋە يۈرۈش تۇرۇشلىرى بولۇپ، بۇنىڭدىن بىر ئايال كىشىنىڭ لاتاپىتىنى ۋە قاتلىمىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى پۈتۈنلەي كۆرۈپ يىتىشكە بولىدۇ. بەزىدە، قارىماققا ناھايىتى ئىسىل ھەم لاتاپەتلىك كۆرۈنىدىغان بىر ئايال كىشى، گەپ قىلغاندا سەت گەپلەرنى قىلسا ياكى ئەھمىيىتى يوق قۇرۇق پاراڭنى كۆپ قىلسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ باشقىلارغا بەرگەن ياخشى تەسىرى دەرھال تۆۋەنلەپ كىتىدۇ. شۇڭلاشقا، لاتاپەتلىك ئايال كىشى بۇ جەھەتتە چوقۇم دىققەت قىلىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号