ئاياللىق نازاكىتى تولۇپ تاشقان ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 12112:ئادەم ئۆگەندى
    بىر ئايال كىشى شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلارنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلالايدۇكى، بۇ ئۇلارنىڭ ئوماقلىقى ياكى جەلپكار بەدەن شەكلىگە ئىگە بولغانلىقىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئاياللىق نازاكىتى سەۋەبىدىن بولىدۇ؛ نازاكەتلىك ئاياللارنىڭ ھەربىر ئىش-ھەرىكىتى ۋە گەپ سۆزلىرىنىڭ ھەممىسى، جەلپكارلىق ۋە مەپتۇن قىلارلىققا تولغان بولىدۇ. نازاكەتلىك بىر ئايال بولۇش، تەس دىسە ئىنتايىن تەس، ئەمما ئاددى دىسەك، ھەممىدىن ئاددى بىر ئىشتۇر.
    ئادەتتە، ئاياللىق نازاكىتى تولۇپ تاشقان ئاياللاردا، كۆپىنچە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر بار بولىدۇ.
يۈرەك ۋە ئۆپكە ئىقتىدارى ياخشى
   بىر ئادەمنىڭ يۈرەك ۋە ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ قانداق بولۇشى، كۆپىنچە ئۇنىڭ تەن ساغلاملىق ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. كۈچلۈك كەلگەن يۈرەك، ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى قان ئايلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان بولۇپ، قان ئايلىنىش بولسا، ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى زەھەرلەرنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ ھەمدە ئاياللارنى تېخىمۇ ياش كۆرسىتىدۇ. بۇندىن باشقا، ئۆپكىنىڭ نورمال نەپەسلىنىشىمۇ، قان ئايلىنىش ۋە مىتابولىزىمنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەننى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ.
ئۇيقۇسى ياخشى
    سۈپىتى ياخشى بولغان ئۇيقۇ، ئادەتتە ھۆسىن گۈزەل لەشتۈرۈپ تىرىنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ. بىراق، ئاياللار ئوتتۇرا ياش مەزگىلىگە يەتكەن ۋاقىتتا، ئۇلار ئۇچرايدىغان ھەر خىل روھى بېسىملارمۇ كۆپ بولغاچقا، بۇ سەۋەپلىك نۇرغۇن ئاياللاردا ئۇيقۇسى ياخشى بولماسلىق مەسىلىسى كۆرىلىدۇ. بۇ ئەھۋال،ئاياللارنىڭ قېرىپ كىتىشىنى تىزلىتىۋىتىدىغان بولۇپ، ئاياللىق نازاكىتىنى يوقىتىپ قويىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللار ئۆزىدىكى روھى بېسىملارنى قويۇپ بىرىش ياكى ئازلىتىشنى ئۆگىنىۋىلىشى، ئىمكان قەدەر كەچ سائەت 11دىن بۇرۇن ئۇخلاپ بولۇشى كىرەك. پەقەت ياخشى بولغان ئۇيقۇ بولغاندىلا، ئاندىن بەدىنىمىز تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ، قارىماققا تېخىمۇ ياش كۆرۈنىمىز.
تىرىسى ياخشى
    بىر ئايال قارىماققا قېرىپ قالغاندەك كۆرۈنەمدۇ يوق، ئۇنىڭ تىرىسى ئەڭ كۈچلۈك ئۆلچەم بولالايدۇ. ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ تىرىسىنى ئەمىلىيەتتە قېرىپ كىتىشكە باشلىغان دىيىشكىمۇ بولمايدۇ؛ بىراق، قارىماققا تېخىمۇ ياش كۆرۈنىمەن دىسەك، ئۇنداقتا ئازراق زىھنىمىزنى سەرپ قىلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ. سۇنى كۆپرەك ئىچىپ بەرسەك، بەدەننىڭ مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرە ئورگانىزىملىرىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بەدەن سىرتىغ چىقىرۋىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە تىرىدە بەلگىلىك سۇ تەركىبى ساقلىنىشىغا كاپالەتلىك قلىدۇ؛ بۇنىڭدا، قۇرۇقچە ۋە داغلار ئاسانلىقچە پەيدا بولىۋالمايدۇ.
چېچىنى ۋە چىشىنى ئاسرىشى ياخشى
    بىر ئايال كىشىگە نىسبەتەن، چېچىنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن مۇھىم؛ مەيلى ئۇزۇن چاچ بولسۇن ياكى قىسقا چاچ بولسۇن، چاچنىڭ ئاز كۆپلۈكى ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر چېچىمىز چۈشۈپ كىتىدىغان بولۇپ قېلىپ، ئالدى ماڭلاي سىزىقچىلىرى بارغانسىرى كەينىگە قاراپ يۆتىكىلىپ كەتسە، ئادەم قارىماققا قېرى چىراي كۆرۈنۈپ قالىدۇ. بۇندىن باشقا، ئاپئاق ھەم مارجاندەك چىرايلىق كەلگەن چىش، ئاياللارنى تېخىمۇ نازاكەتلىك كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە تېخى ئېغىز بوشلۇقى كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ؛ بۇنىڭدا، بەلگىلىك دەرىجىدە قېرىپ كىتىشنى ئاستىلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
    ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئاياللار ئوتتۇرا ياشقا يەتكەندىن كىيىن، چوقۇم ئۆزىنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك؛ بولمىغاندا، قېرىغاندىن كىيىن ئاندىن قېرىپ كىتىشنى ئاستىلىتىمەن دىسەك، بۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان كىچىكىپ قالغان بولىمىز.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号