ئاياللارنىڭ قېرىشقا باشلىغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 12823:ئادەم ئۆگەندى
    قېرىپ كىتىش، ھەرقانداق بىر ئايال كىشى يۈزلىنىشنى خالىمايدىغان بىر ئىش بولۇپ، يۈزلىرىگە قورۇقچىلار چۈشۈش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇنى يۇشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، ياكى گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلىتىدۇ ياكى تىرىسىنى ئاسراشقا كۈچەيدۇ. بىراق، ياشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ بەدەندىكى ئىچكى ئەزالاردىمۇ ئۆزگىرىش كۆرۈلۈشكە باشلايدىغان بولۇپ، بۇنى سىرتقى ئاسراش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياخشىلىغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللارنىڭ سىرتقى ئىپادىلەرگە دىققەت قىلىپلا قالماي، يەنە ئىچكى ئامىللارغا قارىتامۇ تەڭشەش ئېلىپ بېرىشى لازىم بولىدۇ. ئادەتتە، ئاياللار قېرىشقا باشلىغان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ بۇ ئۈچ يىرى كىچىكلەشكە باشلايدۇ.
كۆز كىچىكلەشكە باشلايدۇ
   ھەرقانداق ئادەم كۆزلىرىنىڭ چوڭ ھەم نۇرلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بىراق ئادەم بەدىنىنىڭ قېرىشىغا ئەگىشىپ، ئەسلىدە يوغان كەلگەن كۆزلەرمۇ بارغانسىرى كىچىكلەشكە باشلايدۇ. چۈنكى، كۆز قىسىم ئەڭ ئاسان قېرىيدىغان جاي بولۇپ، كۆز ئەتراپىدىكى تىرىلەرمۇ ئىنتايىن نىپىز كىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، كۆز ئەتراپى تىرىلىرى سۇ تەركىبى، كوللاگىنلىق ئاقسىل ۋە تىرە ئاستى ئورگانىزىملىرىنى يوقىتىشقا باشلىغان ۋاقىتتا، بوشىشىشقا ۋە ساڭگىلاشقا باشلاپ ھەمدە بۇنىڭغا كۆز ئەتراپىدىكى بەزى ئىنچىكە قورۇقچىلار قوشۇلۇپ، ئادەمنىڭ كۆز ھەم كىچىك ھەم جانسى كۆرىنىدۇ.
تۈك خالتىلىرى كىچىكلەشكە باشلايدۇ
    چاچنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ۋە چاچ ئالدى سىزىقچىلىرىنىڭ ئېگىز پەسلىكى، ئەمىلىيەتتە بىر ئايال كىشىنىڭ يېشىنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ. 35ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن، ئاياللارنىڭ تۇخۇمدان ئىقتىدارى ئاستا-ئاستاغىنا يوقايدىغان بولۇپ، ئاياللىق ھورمۇنىنىڭ ئازىيىشى، باش تىرە تۈك خالتىچىلىرىنىڭ قۇۋۋەت يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن بارغانسىرى كىچىكلەپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاخىرىدا چاچ پارقىراقلىقىنى يوقىتىدۇ ھەمدە ئاسانلا چاچ چۈشىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
كۆكسى كىچىكلەشكە باشلايدۇ
    ئادەم قېرىشقا باشلىغان ۋاقىتتا، بەدەندىكى كوللاگىنلىق ئاقسىلىنىڭ يېرىمى كەملەپ كىتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىلاستىكىلىق تالا ۋە تورسىمان تالالارمۇ ئېقىپ كىتىدىغان بولغاچقا، تىرە ئىلاستىكىلىقىنى يوقىتىپ يېغىلىپ قورۇلۇشقا ۋە ساڭگىلاشقا باشلايدۇ، تىرە ئاستى ياغ توقۇلمىلىرىمۇ بارغانسىرى ئازلاشقا باشلايدۇ.  بۇندىن باشقا، سۈت بېزى ئورگانىزىمىمۇ ئاياللىق ھورمۇنىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئەسلىدىكى چوڭ-كىچىكلىكىنى ساقلايدىغان بولغاچقا، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، تەبىئىلا كىچىكلەپ قالىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号