ئاياللار ئەمىلىيەتتە، ئۆزىنىڭ چىرايىغا ئىنتايىن بەك ئەھمىيەت بىرىدۇ؛ چۈنكى ھەرقانداق بىر ئايال كىشى، ئۆزىنىڭ گۈلدەك چىرايى بار بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىراق، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئاياللارنىڭ چىرايىدا داغ ۋە قورۇقچىلار كۆرۈلۈشكە باشلايدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك، "يېشىنىڭ توڭلاپ توختاپ قېلىشى" ئۇلارنىڭ چۈشىدىمۇ ئارزۇ قىلىدىغان بىر ئىشتۇر. شۇڭا ئۇلار ھەرخىل ئاماللارنى ئىشلىتىپ، قورۇقچىلارنى يوقىتىشقا ۋە قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىشقا تىرىشىدۇ.
بىراق، "يېشىنى توڭلىتىپ"، قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىش مەسلىسىدە، تىرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىغا تايانغان بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ؛ بەزى ياشقا چوڭراق بولۇپ قالغان ئاياللار، ھەتتا ھەر دائىم ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئاسراش قىلدۇرسىمۇ، ئۈنۈمى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ. شۇڭا، ئەگەر ئادەتتە يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلساق، "يېشىمىزنى توڭلىتىپ" قېرىپ كىتىشنى ئاستىلىتىش ئۈنۈمىگە يىتىشىمىز تېخىمۇ ئاسانراق بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك يىمەكلىكنى ھەمىشە ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، بەدەنگە ئاقسىل تۇلۇقلاپ، كۆرسىتىدىغان ئۈنۈمى "ھۆسىن تۈزەش" قىلدۇرغاندىن قېلىشمايدۇ.

قېتىق
نۇرغۇن كىشىلەر كالا سۈتىنىڭ پۇرىقىنى ياقتۇرمايدۇ، ئۇنىڭ غەلىتە پۇرىقى بەك كۈچلۈك دەپ قارايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، قېتىق ئىچىش يامان ئەمەس بىر تاللاش بولالايدۇ. ئاياللار ئادەتتە، تاماقتىن كىيىن بىر ئىستاكان قېتىق ئىچىپ بىرىشكە ئادەتلەنسە، بۇ ئۇلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچىيىنىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ چىقىرۋىتىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ ھەمدە ئاياللارنىڭ تىرىسىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق بولىدۇ.

چىچەكسەك
چىچەكسەي، ئەمىلىيەتتە قېرىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك دەپ تەرىپلەنگەن كۆكتاتتۇر؛ شۇڭا ئەگەر، ئاياللار "يېشىنى توڭلىتىپ" قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولسا، ئەڭ ياخشىسى چىچەكسەينى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بىرىشى كىرەك. ئاز بولمىغان ئۇزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭغا ئوخشاش كىرىست گۈللۈكلەر ئەترىتىدىكى كۆكتاتلارنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ئىنتايىن مول ئىكەن؛ ئەگەر بۇلارنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، تىرىنى يۇمرانلاشتۇرۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىش رولىنى ئوينايدىكەن.

تەرخەمەك
چىچەكسەيدىن باشقا، تەرخەمەكنىڭ ئاياللارغا بولغان پايدىلىق تەرەپلىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، تەرخەمەكنىڭ ھۆسىن گۈزەل لەشتۈرۈش رولى بار بولغاچقا، نۇرغۇنلىغان تىرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرى تەركىبىگە، تەرخەمەكتىن چەككىلەپ ئېلىنغان ماددىلار قوشۇلغان. بىراق، ئادەتتە تەرخەمەكنى بىۋاستە خام ھالىتىدە يىيىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ؛ چۈنكى، بۇنداق يىيىشنىڭ ياز كۈنلىرى ئادەمنىڭ ئاشقازان ئۈچىيىگە بولغان غىدىقلىشى نىسبەتەن كۈچلۈك بولىدۇ. تەرخەمەكنىڭ سۇ تەركىبى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قورۇقچىلارنىڭ شەكىللىنىشىنى ئاستىلىتىدۇ، تىرىنى تېخىمۇ يۇمران ھەم پاقىراق قىلىدۇ.