ئايال كىشىنىڭ يېشىنى تېپىشماققا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغان ئادەتلەر
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 9007:ئادەم ئۆگەندى
    بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە، ئاياللارنىڭ ئۆز يېشىنى تاپقىلى بولمايدىغان بىر تېپىشماققا ئايلاندۇرۇشى، ئۇلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى "بايلىقنى كۆز-كۆز قىلىش" ئۇسۇلى ھىسابلىنىدىكەن. ھەقىقەتەن شۇنداق، ئۇزۇن مەزگىل گۈزەللىكىدىن قالمايدىغان چىراي، ھەر بىر ئايال كىشىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈمىدى. بەزى ئاياللار، ئەگەر ئىزچىل تۈردە ياش ھەم گۈزەل ھالەتنى ساقلايمىز دىسەك، چوقۇم يىتەرلىك پۇل بار بولۇشى كىرەك، ئەڭ قىممەت يۈز چاپلىقى چاپلاپ، ئەڭ ياخشى نازۇ-نىمەتلەرنى يەپ، ھېچقانداق ئىش قىلماي ئۆزىمىزنى چىرايلىق ياساپ ئۆتۈشنى بىلسەكلا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بىراق، بۇ خىل شارائىتقا ئىگە بولالايدىغانلار ئىنتايىن ئاز بىر قىسىمدا بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاياللار ئادەتتىكىچە تۇرمۇش ئۆتكۈزىدۇ؛ ئۇلار ھەم ئۆي تۇتۇپ ھەم خىزمەت قىلمىسا بولمايدىغان بولۇپ، زىھنىنىڭ ھەممىسىنى چىراي گۈزەللىكىگە قويۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما، بۇنداق ئاياللارنىڭمۇ "يېشىنى تېپىشماققا ئايلاندۇرۇش" ھوقۇقى بار بولۇپ، تۆۋەندىكىلەرنى چىقىش نوقتىسى قىلسىڭىز، سىزمۇ ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسز.
تىرىگە ئاسراش قىلىش
   چىراي، بىر ئايال كىشىنىڭ سىرتقى بەلگىسى؛ بىر ئايال كىشىنىڭ چىرايلىق ياكى ئەمەسلىكىگە قاراشتا، ئاۋال ئۇنىڭ چىرايىنىڭ يۇمران، سىلىق، نۇرلۇق ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىگە قارايمىز. قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئايال كىشىنىڭ تىرىسىنىڭ ئەھۋالى ناچارلىشىپ كىتىدۇ؟ ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر بار، ئەمما ئۇلتىرا بىنەپشە نۇردىن مۇداپىئەلىنىشنى بىلمىگەندە؛ روھى بېسىم ئېغىز، ئەمما بېسىمنى يىنىكلىتىشنى بىلمىگەن ۋاقىتتا؛ تىرە ۋىيتامىنC، ۋىيتامىنE قاتارلىق ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش تەركىبلىرى ئارقىلىق قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىگىشلىك بولغاندا، يىڭى مىۋە-كۆكتات ئىستىمال قىلىشقا سەل قارىغان ۋاقىتتا ناچارلىشىپ كىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تىرىنى ئاسراشتا، ئالدى بىلەن، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇردىن مۇداپىئەلىنىش، روھى بېسىمنى يەڭگىللىتىش، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇشتىن باشلاش كىرەك.
يىمەكلىكتىن كوللاگىنلىق ئاقسىل تۇلۇقلاش
    ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، تىرىنىڭ ئۆسۈشى، ياخشىلىنىشى، ئۇزۇقلۇق ۋە ئىلاستىكىلىقى، كېرىلىش كۈچى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كوللاگىنلىق ئاقسىل بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك؛ %75ھەقىقى تىرە قىسمى كوللاگىنلىق ئاقسىلدىن تۈزىلىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قورۇق چۈشۈشكە قارشى تۇرىشى ۋە نەملىك ساقلىشىنى، كوللاگىنلىق ئاقسىلنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بىراق، يىللار ئۆتۈپ ياشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كوللاگىنلىق ئاقسىلمۇ تەدرىجى ئازىيىپ ماڭىدۇ. كوللاگىنلىق ئاقسىل تۇلۇقلاش، ئاياللارنىڭ ياشلىقىنى ھەم گۈزەللىكىنى ساقلاشتىكى مۇھىم بىر قەدىمى بولۇپ، تۇرمۇشتا بەزىبىر كوللاگىنلىق ئاقسىل تۇلۇقلايدىغان قۇۋۋەت مەھسۇلاتلىرى سېتىۋىلىش ھاجەتسىز، يىمەكلىك ئارقىلىقمۇ، يىتەرلىك بولغان كوللاگىنلىق ئاقسىل تۇلۇقلاشقا بولىدۇ؛ ئادەتتە، كالا سىڭىرى، بېلىق تىرىسى، توخۇ تىرىسى قاتارلىقلاردىكى كوللاگىنلىق ئاقسىلنىڭ مىقدارى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، كۆپرەك ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.
"ئاياللار چېيى"نى كۆپرەك ئىچىش
    تىرە، يىتەرلىك بولغان سۇ تەركىبىگە مۇھتاج، شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن تىرە يۇمران بولالايدۇ؛ شۇڭلاشقا ئاياللار سۇنى كۆپرەك ئىچىش كىرەك. "ئاياللار چېيى"، بەلكىم سۇغا قارىغاندا تېخىمۇ پايدىلىقراق بولۇشى مۇمكىن؛ مەسىلەن قىزىل گۈل چېيى، زەپە چېيى، ئۈستىقۇددۇس گۈلى چېيى، سامساقگۈل چېيى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ، ئاياللارنىڭ تىرىسىگە قارىتا ئاسراش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش رولى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، "ئاياللار چېيى"نى كۆپرەك ئىچىپ بەرگەندە، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھارغىنلىقنى يوقىتىدۇ. چاينىڭ تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش تەركىبى بىرقەدەر مول بولۇپ، ھەمىشە ئىچىپ بەرگەندە، تىرىنىڭ قېرىشىنى ئاستىلىتىشقا چوڭ ياردىمى بولىدۇ.
تەبىئى پىروگېستىرونلۇق(黄体酮) يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش
   ئاياللار بەدىنىدىكى ھورمۇن سەۋيسى مۇقىم بولۇش، ئۇلارنىڭ ياشلىق مەزگىلىنى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاپ قېلىشى بىلەن زور مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر ھورمۇن مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتسە، ئاياللار تېىخىمۇ ئاسان قېرىپ كىتىدۇ، تىرىسىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ بىللە ناچارلىشىپ كىتىدۇ. ئادەتتە تاماق يەپ ئۇزۇقلانغان ۋاقىتتا، تەبىئى"پىروگېستىرونلۇق" يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلساق، بەدەننىڭ ھورمۇن سەۋيىسىنى مۇقىم ساقلاشقا پايدىلىق. ئۇنداقتا، قايسى خىل يىمەكلىكلەر تەركىبىدە تەبىئى "پىروگېستىرون" كۆپرەك كىلىدۇ؟ قارا پۇرچاق، ئۈجمە، قىزىلمۇچ، كۆكمۇچ، قىزىل پىياز، يىشىل چاي، پالەك قاتارلىق يىمەكلىكلەر تەركىبىدىكى ئاكتىپ ماددىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار بولۇپ، ھۈجەيرىنى جانلاندۇرۇپ، بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号