سىزگە ئۆمۈرلۈك ھەمرا بولالايدىغىنى بۇ خىلدىكى ئەرلەردۇر
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 9761:ئادەم ئۆگەندى
   كونىلاردا ئېيتىلىدىغان چاچ ئاقارغىچە بىرگە ئۆتۈش دىگەن ھالەتنى، ھازىرقى "تىز تاماق" شەكلىدىكى جەمئىيتىمىزدە كۆپ ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ئاياللار ھاياتلىقىمدىكى ئەزىزىمنى ئۇچراتتىم دەپ ئويلايدۇ، ئەمما توي قىلغاندىن كىيىن، خاتا ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ. ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە، بىر ئۆمۈر ھەمرا ئۆتۈپ بولىدىغان ئادەمنى ئۇچراتماق ئىنتايىن قىيىن؛ بىراق شۇنداق ئادەمنى ئۇچرىتىپ قېلىش پۇرسىتى بار بولسا، ئۇ ئادەمنىڭ بەك قاملاشقان ياكى پۇلدا بولۇپ كىتىشى ناتايىن، ئەمما چوقۇم تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەركىشىلەردىن بولىدۇ.
مۇھەببەتكە ئىنچىكىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان، سىزنىڭ كەيپىياتىڭىزنى ئويلىشىدىغان ئەركىشى
    تۇرمۇشتا، نۇرغۇنلىغان تۈز مىجەز ئەرلەر، ئايال كىشىنىڭ روھى كەيپىياتىنى چۈشەنمەي، ئۇلارنى پەقەت يولسىزلىق ۋە ئۆكتەملىك قىلىۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ؛ ئايال كىشىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چاپلىشىۋالىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەيدۇ. ھەقىقى تۈردىكى ياخشى ئەر كىشى، سىزنىڭ ھەر بىر ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىزگە دىققەت قىلىدىغان بولۇپ، سىزنىڭ روھى كەيپىياتىڭىزنى ئويلىشىشنى بىلىدۇ؛ مىجەزىڭىز تىرىككەك بولۇپ قالسا، سىزنىڭ تۇققىنىڭىزنىڭ كەلگىنىنى بىلىپ، سىزگە قىزىل شىكەر سۈيى تەڭشەپ بىرىدۇ؛ روھىڭىز چۈشكۈن بولۇپ قالسا، خىزمەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغىنىڭىزنى بىلىپ، سىزگە ھەل قىلىشىپ بىرىدۇ؛ سىز ئاچچىقلىنىپ قالسىڭىز، ئۆزىنى بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ سالغان سالمىغانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئۆزىنى تەكشۈرىدۇ. بۇنداق ئەر كىشى بىلەن بىرگە بولسىڭىز، سىز ئاندىن باشقىلارنىڭ ئاسرىشىغا ئىرىشكەن تۇيغۇغا ئىگە بولالايسىز.
ئىگىلىك جەھەتتە كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەيدىغان، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار ئەرلەر
   ئەمىلىيەتتە، ئەر كىشىنىڭ تۇرمۇش يۈكى ئاياللارغا قارىغاندا كۆپ چوڭ. توي قىلغاندىن كىيىن، ئەركىشىنىڭ زىممىسىگە ئۆي باقىدىغان مەسئۇلىيەت ئارتىلىدىغان بولۇپ، ئۆينىڭ قەرىزى، ماشىنا قەرىزى، بالىنىڭ ئوقۇش خىراجىتى دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا زىممىسىگە يۈكلىنىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، پەقەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە ئىگىلىك تۇنۇشى بار ئەرلەرلا ئاندىن سىزگە ئاخىرىغىچە ھەمرا بولۇپ ئۆتەلەيدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ئىرىڭىز ئۆيگە قارىمايدىغان، تەييارتاپ ھەم خىزمىتى يوق، ھەممە ئىشنى ئايال كىشىنىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويىدىغان بولسا، ئۇنداقتا سىزنىڭ توي تۇرمۇشىڭىز جاپا-مۇشەققەتنى پۇلغا سېتىۋالغان بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار ئەرلەر، مۇھەببەت جەھەتتە تېخىمۇ ئىشەنچىلىك كىلىدىغان بولۇپ، ئائىلىگە يىتەرلىك دەرىجىدە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كىلەلەيدۇ.
ئائىلىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان ئەرلەر
   بىز ھەمىشە ئېيىق بىلەن بېلىق تاپىنىغا تەڭ ئىرىشكىلى بولماس دەيمىز. سىز ئەگەر ئەر كىشىنى پۇلدار بولسۇن دىسىڭىز، ئۇنىڭ سىزگە ھەر ۋاقىت ھەمرا بولۇپ ئۆتەلىشى ناتايىن؛ بىراق ئەڭ قورقۇنچلۇق بولغىنى، پۇلىسى يوق تۇرۇپ، يەنە ھەر جايلاردا لاغايلاپ بىكار يۈرىدىغان، ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ھەمدە ئايالىنىڭ تارتقان جاپالىرىنى كۆرۈپ يىتەلمەيدىغان ئەرلەردۇر. ئائىلىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان ئەر كىشى، زۈرۈرىيىتى بولمىغان مىھماندارچىلىقلاردىن ئۆزىنى تارتىپ، چەك باسماس ئاغىنىلىرى بىلەن قالايمىقان ئويناپ كۈلۈپ يۈرمەيدۇ؛ ئۇلار ئەكسىچە، ئازراقلا ۋاقتى بار بولسا، ئۆيىگە قايتىپ ئايالىغا ھەمرا بولىدۇ. ئائىلىسىنى مەڭگۈ بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان ئەركىشى، ئاندىن سىزگە بىر ئۆمۈر ھەمرا بولۇپ ئۆتەلەيدىغان ئەر كىشىدۇر.
 

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号