ئاياللار بۇ ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتسە ئون ياش ياشىرىپ كىتىدۇ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 10149:قېتىم كورۇلدى
   مەيلى ئەر ياكى  ئايال كىشى بولسۇن، يۈزلىنىشنى ئەڭ خالىمايدىغان ئىشى بەلكىم قېرىپ كىتىش بولسا كىرەك. قېرىپ كىتىش، گەرچە بىز توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان تەبىئى قانۇنىيەت بولسىمۇ، ئەمما بىز بەزىبىر ئۇسۇللارنى قولىنىپ بۇ جەرياننى ئاستىلىتالايمىز. بۇ خىل ئۇسۇل باشقا نەرسە ئەمەس، بەلكى ھەر بىرىمىزنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قۇربى يىتىدىغان ساغلام تۇرۇمۇش ئادىتى يىتىلدۈرۈش ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇشتۇر. نۇرغۇنلىغان كىچىك ئادەتلەرنى يىتىلدۈرۈشنى بوش چاغلاپ قالماي، بۇلار كۆپىنچە، بىزنىڭ قېرىپ كىتىشىمىزنى زور دەرىجىدە ئاستىلىتىش رولىنى ئويىنىيالايدۇ.
    ئاياللار ئەگەر قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىشنى ئويلىسا، تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئادىتىنى ئۆزگەرتىش كىرەك.
ھەمىشە چاچ بۈدرە قىلدۇرۇش ۋە چاچ بۇياش
    ئاياللارنىڭ چېچىنى بۈردە قىلدۇرۇشى ۋە چېچىنى بويىشى، ئىقىم قوغلىشىپ ياشراق كۆرۈنۈش ئۈچۈن بولىدۇ؛ ئەمما بىلىشىمىز كىرەككى، ھەمىشە چاچنى بۈدرە قىلدۇرۇپ چاچ بوياتقاندا، چاچنىڭ قېرىپ كىتىشىنى تىزلىتىۋىتىدۇ. كۆپچىلىك ئەينەككە قاراپ باقسا ياكى ياخشىراق ئويلاپ باقسا بولىدۇ: چېچى كىچىكىدىن باشلاپ تەبئى ھالىتىنى ۋە قارىلىقىنى ساقلىغان ئايال بىلەن، يەنە بىر چېچىنى بۈدرە قىلغۇزۇپ بوياپ باققان، ھەتتا بۈدرە قىلغاندىن كىيىن قايتا تۈز قىلدۇرغان ئايال كىشى بىرگە تۇرسا، قايسىسى بەكرەك ياشانغان كۆرۈنۈپ قالىدۇ؟ ھەمىشە بۇنداق خېمىيىلىك ماددىلارنى چېچىمىزغا سۇۋاپ يۈرسەك، چاچ سۈپىتىگە زەخمە يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە باشنىڭ تىرىسىنىمۇ غىدىقلايدىغان بولۇپ، چاچ چۈشۈش ۋە چاچنىڭ ئاقىرىپ كىتىشىنى تىزلەشتۈرۋىتىدۇ؛ ئەگەر تىرىسى بۇ خىېمىيلىك ماددىلارغا رىئاكسىيە قىلىدىغان ئادەم بولۇپ قالسا، بۇ سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ تىرىسىنىڭ ئاسرىلىشىغا تەسىر يىتىدۇ.
ئىلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارغا ئۇزۇن ۋاقىت قادىلىپ قاراش
    ھازىر ھەممە ئادەمنىڭ قولىدا ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون بار بولۇپلا قالماي، ھەتتا بەزىلەر تاختا كومپىيوتىر، ئىلىكتىرونلۇق كىتاپ قاتارلىقلارنى يېنىدا ئېلىپ يۈرىدۇ. ئادەتتە بۇ نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ كىنو-فىلىم، خەۋەر قاتارلىقلارنى كۆرسەك، كۆزىمىز ئاسانلا چارچاپ قالىدىغان بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىمىزگە تەسىر يىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئېكرانغا قاراپ ئۆگىنىش بىلەن كىتاپقا قاراپ ئۆگىنىش ئوخشىمايدىغان بولۇپ، كىتاپ ياكى ماتىريال كۆرگەن ۋاقتىمىزدا، كۆزىمىز چوڭ مىڭىنىڭ تەپەككۇر قىلىشىغا ئەگىشىپ، نىسبەتەن يۇقىرى بولغان چىمچىقلىتىش قېتىم سانىنى ساقلايدۇ. ئەمما، ئىلىكتىرونلۇق ئېكرانلارغا قارىغان ۋاقىتتا، كۆپىنچە مىڭىدىن ئۆتكۈزۈش كەتمەيدۇ، خېلى ئۇزۇنغىچە كىرپىك قېقىپ سالماي قاراپ قالىمىز؛ بۇنداق ئەھۋال، كۆزنىڭ چارچىشىنى تىزلىتىپ، كۆز قىسىم مۇسكۇللىرىنىڭ بوشىشىپ كىتىشىنى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئادەمدە كۆز خالتىسى، كۆز ئەتراپى قورۇقچىسى قاتارلىق، ئاياللار كۆرۈشنى ئەڭ خالىمايدىغان ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تازىلىق چەكتىن ئېشىپ كىتىش
   كۆپ قىسىم ئاياللار پاكىزلىقنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ئۇلار يۇيۇنۇشقا ئامراق بولۇپلا قالماي، تېخى يەنە سۇنى ناھايىتى قىزىق چىقىرىپ يۇيۇنۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار، سۇنىڭ تىمپىراتۇرسى يۇقىرى بولسا، راھەت بولۇپلا قالماي يەنە باكتىرىيە ئۆلتۈرۈشكىمۇ پايدىلىق بولىدۇ، يۇيۇنىشىمىز تېخىمۇ پاكىزە بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ يەردە كۆرسىتىپ ئۆتمەكچى بولغىنىمىز، ئالدىن بىلەن، تىرىمىزدىكى كۆپ قىسىم باكتىرىيەلەرنىڭ تىنىمىزگە ھېچقانداق زىيىنى يوق؛ زىيىنى بار باكتىرىيەلەرنى بولسا، ئادەتتىكى يۇيۇنۇش مەھسۇلاتلىرى يوقىتالايدۇ، شۇڭا قىزىق سۇدا يۇيۇنۇش بىھاجەت؛ ئىككىنچىدىن، قىزىق سۇدا باكتىرىيە ئۆلتۈرۈپ دىزىنفىكسىيەلەش لازىم بولغاندىمۇ، تىمپىراتۇرسى 80سىلتسىيە گىرادوستىن ئاشقان قايناقسۇ ئاندىن بۇ ئۈنۈمگە يىتەلەيدۇ، بىراق ئادەم بەدىنى بەرداشلىق بىرەلەيدىغان سۇ تىمپىراتۇرسى 50سىلتسىيە گىرادوس بولۇپ، بۇنداق قىزىقلىقتىكى سۇدا ھەرقانچە ئۇزۇن يۇيۇنساقمۇ، باكتىرىيە ئۆلتۈرۈپ دىزىنفىكسىيەلەش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولمايدۇ.
    ئاخىرىدا، كۆپ قىسىم ئاياللارنىڭ تىرىسى نىسبەتەن يۇمران كىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر ھەر دائىم قىزىق سۇنىڭ كۆيدۈرۈشىگە ئۇچرىغاندا، كۈيۈپ قالمىغان تەقدىردىمۇ، قىزىق سۇ سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان مۈگۈزسىمان قەۋەت ماددىلىرى چۈشۈپ كىتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەگەر يۇيۇنۇپ بولۇپ، تىرىگە ئەستايىدىللىق بىلەن ئاسراش ئېلىپ بارمىساق، تىرە ئاسانلا قۇرغاقلىشىپ يىرىكلىشىپ كىتىدۇ ھەمدە بۇ سەپلىك قورۇقچىلار كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. شۇڭلاشقا ئادەتتە، يۇيۇنىدىغان سۇنى بەك قىزىق تەڭشىۋەتمەسلىك، يۇيۇنۇپ بولغاندىن كىيىن، تىرىگە ئاسراش قىلىشنى ئۇنۇتماسلىق لازىم.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

ئەرلەرنىڭ ئىزچىل قەدىرلىشىگە ئىرىشكەن ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكى

ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئەر كىشى تەرەپىدىن بىر ئۆمۈر قەدىرلىنىپ ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلمايدىغان ئايال كىشى بولمىسا كىرەك. ئۇنداقتا، زادى قانداق ئاي

بۇ تۆت خىل ئايال كىشىنىڭ كۈنلىرى بارغانسىرى تەسلىشىپ كىتىدۇ

ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان ئاياللار، ھەمىشە پاسسىپ ھالدا تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ھەمىشە ھەممىدىن ئاغرىن

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号