ئاياللار، بۇ ئۈچ ۋاقىتتا يىغلىماڭ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 10013:قېتىم كورۇلدى
    ئاياللار، ئەر كىشى بىلەن بولغان ئالاقە جەريانىدا، ئاجىزراق بولۇشقا تىگىشلىك بولغاندا، مۇۋاپىق تۈردە ئاجىزراق كۆرۈنۈپ، بۇ ئارقىلىق ئەركىشىنىڭ قوغداش ئىستىكىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ بەكرەك قەدىرلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشسا بولىدۇ. بىراق، قەيسەر بولۇشقا تىگىشلىك ۋاقىتتا، ئاياللار ئاجىزلىقنى ئىپادىلەپ قويسا قەتئى بولمايدۇ. چۈنكى، بەزى ۋاقىتلاردا ئاياللارنىڭ كۆز يېشى ئۇلارنىڭ قەدىر قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدىغان بولۇپ، ئەر كىشى بۇ سەۋەپلىك ئۇلارغا ئىتىبار بىلەن قارىمايدىغان ئەكسىچە ئۈنۈم كۆرسىتىپ قالىدۇ. ئەمىلىيەتتە، يات جىنىسلىقلار مۇناسىۋىتى جەريانىدا، ئاياللار بۇ ئۈچ ۋاقىتتا يىغلىمىسا، ئەر كىشى ئەكسىچە ئۇلارغا تېخىمۇ ئىتىبار بىلەن قارايدىغان بولىدۇ.
ئەر كىشى خاتالاشقان ۋاقىتتا يىغلىماسلىق
   ئەر كىشى خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، ئاياللار كۈچلۈكرەك خارەكتىرى ئىپادىلەپ، ئۆزىنىڭ پوزىتسىيىسىنى يۈرەكلىك ھالدا ئىپادىلىسە بولىدۇ؛ ئەمما ھەرگىز ئاسانلىقچە ئەر كىشى ئۈچۈن كۆز يېشى قىلماسلىق كىرەك، بولمىغاندا ئۆزىنىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغاندەك تۇيغۇ بىرىپ قويىدۇ. ھەمدە ئايال كىشىگە بەك ئىتىبار بىلەن قاراپ كەتمەيدىغان بولىدۇ. شۇڭا، ئەر كىشى خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، ئايال كىشى ئۇنىڭغا قاتتىقراق پوزۇتسىيەدە بولۇپ، ئەر كىشىگە ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تۇنۇتۇشى كىرەك.
ئۆزى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ۋاقىتتا يىغلىماسلىق
   ئاياللار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ۋاقىتتا، ئەر كىشىگە مۇۋاپىق تۈردە دەرت تۆكسە بولىدۇ، ئەمما چەكتىن ئاشقان ئاجىزلىق ئىپادىلىمەسلىكى كىرەك. ئاياللار قەيسەر بولۇشقا تىگىشلىك بولغان ۋاقىتتا چوقۇم قەيسەر بولۇشى لازىم؛ بولمىغاندا، ئەر كىشى ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ بەرداشلىق كۈچى ئاجىز ئىكەن دەپ ئويلاپ قالدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەر كىشى دەسلىۋىدە ئايال كىشىگە تەسەللى بىرىپ، بەلگىلىك دەرىجىدە ياردەم قىلىشى مۇمكىن؛ بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئەر كىشى ئايال كىشىنى ئاۋارىچىلىق كۆرۈپ، ئۇلاردىن يېراقلىشىپ كىتىدۇ.
ئەر كىشى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزىدىغان ۋاقىتتا يىغلىماسلىق
   بىر بۆلەك مۇھەببەت جەريانىدا، ئايال كىشى ئەگەر بۇ ئەر كىشىنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرگەن بولسا، ئۇنداقتا ئايرىلىپ كىتىش سۆزىنى ئاسانلىقچە ئېغىزىغا ئالماسلىقى ھەمدە مەيلى قانداق زىددىيەت كۆرۈلگەن بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئىمكان قەدەر پىكىرلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تىرىشىشى لازىم. ناۋادا ھەقىقەتەن ئايرىلىپ كىتىش نىيىتىگە كەلگەن بولسا، ئۇنداقتا ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا يغىلىماسلىقى كىرەك؛ بولمىغاندا، ئۇ سىزنى ئەمىلىيەتتە ئايرىلىپ كەتكۈسى يوق ئىكەن، مىنى ئاسانلىقچە ئۇنتۇپ كىتەلمەيدىكەن دەپ ئويلاپ قېلىپ، ئايرىلىپ كىتىش ئىشىگە قارىتا بەك ئىرەنشىپ كەتمەيدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

ئەرلەرنىڭ ئىزچىل قەدىرلىشىگە ئىرىشكەن ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكى

ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئەر كىشى تەرەپىدىن بىر ئۆمۈر قەدىرلىنىپ ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلمايدىغان ئايال كىشى بولمىسا كىرەك. ئۇنداقتا، زادى قانداق ئاي

بۇ تۆت خىل ئايال كىشىنىڭ كۈنلىرى بارغانسىرى تەسلىشىپ كىتىدۇ

ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان ئاياللار، ھەمىشە پاسسىپ ھالدا تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ھەمىشە ھەممىدىن ئاغرىن

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号