ياخشى ئاياللار ئاق كۆڭۈل ھەم كەڭ قورساق، مۇلايىم كىلىدۇ؛ ياخشى ئاياللار ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئەقىللىق كىلىدۇ؛ ياخشى ئاياللار چوڭ سۈپەت ھەم لاتاپەتلىك كىلىدۇ. ياخشى ئاياللارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى، ئىنتىلىشى، غۇرورى بار؛ ياخشى ئاياللارنىڭ مۇھەببەتلىك قەلبى، ۋاپادارلىقى، ھىسداشلىق قىلىدىغان كۆڭلى بار بولىدۇ. ياخشى ئايال كىشى ئەرلەرنىڭ ئىللىق قولتۇقى، ياخشى ئايال كىشى ئەرلەرنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى.

ياخشى ئايال كىشى ئادەتتىكىچە، ئەمما ئالاھىدە كىلىدۇ؛ ئادەتتىكىچە بولۇشى چىرايى ۋە ئورنىنى كۆرسىتىدۇ، ئالاھىدە بولۇشى بولسا، كۆڭۈل نىيىتى ۋە ئىنتىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، چىراي قىياپىتى، ئاياللارنىڭ بارلىقى ئەمەس، خۇددى ژورنالنىڭ مۇقاۋىسىغا بېسىلغان چىرايلىق ئايالغا ئوخشاش، گەرچە چىرايى ئادەمنىڭ كۆزلىرىنى غەلەت قىلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما رەڭگارەڭلىككە تولغان دۇنيا ئىچىدە، ئاسانلا بۇلغىنىشقا ئۇچرايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشلىقى ۋە چىرايىمۇ ناھايىتى قىسقا ۋاقىتلا ساقلىنالايدۇ.
چىرايلىق ئايال كىشى گەرچە ئەر كىشىنىڭ كۆز دىققىتىنى تارتالىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى مەڭگۈ تۇتۇپ قالالمايدۇ. بىراق ئاددىيلىقمۇ ئاياللارنىڭ ئاساسى ئۆلچىمى ئەمەس؛ ئاياللار چىرايلىق بولمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما ئۆزگىچە خارەكتىرى بولمىسا بولمايدۇ. چۈنكى، ھېچقانداق ئالاھىدىلىكى ۋە يارقىنلىقى بولمىغاندا، دۇنيادىكى ساناقسىز ئاياللار دېڭىزى ئارىسىغا چۆكۈپ، ناھايىتى تىزلا ئەر كىشىنىڭ ئىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كىتىدۇ.

ياخشى ئايال كىشى ھەركۈنى كوتۇلداپ، ھەممە ئىشلار بىلەن ھىسابلىشىپ گۇمان ئىچىدە ئۆتمەيدۇ؛ ئەكسىچە، ئۇلار ھۆرمەتلەش ۋە كەڭ قوساق بولۇشنى، كۆڭۈل بۆلۈش ۋە توغرا چۈشىنىشنى، ئىشىنىش ۋە قوللاشنى بىلىدۇ؛ ياخشى ئايال كىشى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان كەيپىياتى چاغ كىلىدۇ، ئۇچۇق مىجەز، مۇستەقىل، ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان ھەم ئۆزىنىڭ قەدرىنى قىلىدىغان كىلىدۇ؛ ياخشى ئايال كىشى بىلىم بىلەن ئۆزىنى ئىچكى دۇنياسىنى موللاشتۇرۇپ، تەجىربە ساۋاقلار ئارقىلىق ئۆزىنى چېنىقتۇرىدۇ، تۇرمۇش ئارقىلىق ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. ياخشى ئاياللار، ئەقىللىق، پىشىپ يىتىلگەن، مەپتۇن قىلارلىق، ئاق كۆڭۈل، ۋاپادار، گۈزەل كىلىدۇ.

شۇڭلاشقا، ياخشى ئايال كىشى بولۇش ئۈچۈن چوقۇم چىرايلىق بولۇش كەتمەيدۇ، ئەمما چوقۇم مۇلايىم ۋە كۈيۈمچان بولۇش كىرەك. چۈنكى، مۇلايىم بىر ئايال كىشى ئۇخلاپ ياتقان بىر قورغاننى ئويغىتالايدۇ؛ كۈيۈمچان بىر ئايال كىشى، قاقاسلىقتىكى بوستانغا ئوخشايدۇ.
ياخشى بىر ئايال كىشى چوقۇم تالانتلىق بولمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما چوقۇم ئەقىللىق ھەم ئۇچۇق كۆڭۈل بولۇشى كىرەك. چۈنكى، ئەقىللق ئاياللارنىڭ تەمكىنلىكى، چوڭ سۈپەتلىكى ھاياتلىقنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ، ئەرلەرنى مەڭگۈ تۇتۇپ قالالايدۇ.
ياخشى بىر ئايال كىشى، بىر گۆھەر خەزىنىسىگە ئوخشايدىغان بولۇپ، ئەرلەرنىڭ ئۆمۈرلۈك بايلىقى ھىسابلىنىدۇ.