ئاياللار 30ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ بەدىنىدە ھەرخىل ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ؛ مەسىلەن، تىرىسى يىرىكلىشىش، يۈزىگە داغ چۈشۈش قاتارلىقلار. بۇلار قارىماققا تەبىئى ئەھۋالدەك بىلىنسىمۇ، ئەمىلىيەتتە بۇ، ئاياللارنىڭ بەدىندىكى ئاياللىق ھورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىشتا بىنورماللىق كۆرۈلگەنلىك سەۋەبىدىن بولىدۇ. ئادەتتە، ئاياللار بەدىنىدە ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كەتكەندە، بەدەندە ھەرخىل ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋاللارغا چوقۇم كۆپرەك دىققەت قىلماق لازىم بولىدۇ.

تىرە قۇرغاقلىشىدۇ ھەم يىرىكلىشىپ قالىدۇ
ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللار بەدىنىدە بىر خىل سىلىقلاشتۇرغۇچىلىق رولىنى ئوينايدۇ. چۈنكى، ئاياللار بەدىنىدە ئاياللىق ھورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىش نورمال بولسا، ئاياللار بەدىنىكى ئىچكى ئاجرىلىپ چىقىرىشنىمۇ نورماللاشتۇرۇپ، بەدەندىكى مىتابولىزىمنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى كىرەكسىز ماددىلارنى تىز سۈرئەتتە بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ. ئەگەر بەك كۆپ يېغىلىپ قالسا، تىرە يۈز قىسىم قەۋىتىدىكى قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئايلىنىشىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىپ، دانىخورەك چىقىش، تىرە قۇرغاقلىشىش ياكى يىرىكلىشىپ كىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھەيىز ئاغرىتىپ كىلىش
ھەيىز كىلىش، ئاياللاردىكى بىر خىل نورمال فىزىلوگىيەلىك ھادىسە بولۇپ، ئادەتتە ھەيىز كۆرۈلگەندە، ئاياللاردا بەك چوڭ دەرىجىدىكى ئۆزگىرىش ياكى ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ. بىراق، ئايرىم ئاياللاردا، ھەيىز كەلگەندە قاتتىق دەرىجىدىكى ئاغرىق تۇيغۇسى ئەگىشىپ كىلىدىغان بولۇپ، بەزىلەردە ھەتتا ھەيىز چىدىغۇسىز ئاغرىتىپ كىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال، ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئاياللىق ھورمۇنى مىقدارى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر ئايال كىشى بەدىنىدە ئاياللىق ھورمۇنى بەك ئاز بولۇپ كەتسە، ھەيىز ئاغرىتىپ كىلىشنى پەيدا قىلىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، ئەگەر ئاغرىق دەرىجىسى بەك قاتتىق بولۇپ كەتسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىشقا توغرا كىلىدۇ.

بەدەننىڭ ئايرىم قىسىملىرى زىيادە سەمىرىپ كىتىدۇ
نۇرغۇن كىشىلەر، سېمىزلىكنى يىمەكلىكنى كۆپ يىيىشتىن كىلىپ چىقىدۇ دەپ قارايدۇ؛ بىراق ئەمىلىيەتتە، ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشمۇ، ئوخشاشلا سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى، ئاياللىق ھورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىشنىڭ بىنورمال بولۇشى، بەدەننىڭ مىتابولىزىمىنىڭ قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك بەدەندە شەكىللەنگەن كىرەكسىز ئەخلەتلەر ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلەلمەيدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال، بەدەندە ياغلارنىڭ يېغىلىپ قېلىشىنى پەيدا قىلىپ، بەدەننىڭ مەلۇم بىر قسىمنىڭ زىيادە سەمىرىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بوغۇملاردا كىسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرىلىدۇ
نۇرغۇن ئاياللار 40ياشلارغا يەتكەندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ بەدىنىدە نۇرغۇن كىسەللىكلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى، كۆپ قىسىم ئاياللاردا پۇتى ئاغرىشى ھادىسىسى كۆرىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ئاياللار 40ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن، ھەيىز ئۈزۈلۈشكە قاراپ ماڭىدىغان بولۇپ، بەدەندىكى ئاياللىق ھورمۇنى ئازىيىشقا باشلايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، بەدەندىكى ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشنى شەكىللەندۈرىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك كالتسىينى قوبۇل قىلالماسلىقنى پەيدا قىلىپ، بوغۇم خارەكتىرلىك كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئاياللارنىڭ ساغلاملىق مەسىلىسى، كىشىلەر نىسبەتەن كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلانماقتا. بولۇپمۇ ياشنىڭ ئېشىشغا ئەگىشىپ، بەدەنگە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش چوقۇم يىتەرلىك بولۇشى كىرەك. بۇندىن باشقا، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بەدەننىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرماق لازىمدۇر.