تۇخۇمدان راكى، ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئەزالىرىدا كۆرىلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، يۈز بىرىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. سىتاستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، تۇخۇمدان راكىنىڭ يۈز بىرىش نىسبىتى، بالىياتقۇ تېنى راكى ۋە بالىياتقۇ بوينى راكىدىن قالسىلا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، كۆپ قىسىم تۇخۇمدان راكى، ئۈستى تىرە راكىغا تەۋە. بۇ خىلدىكى كىسەللىككە گىرىپتار بولۇپ قالغاندا، ئاياللارنىڭ ھاياتىغا ئاسانلا ئېغىر دەرىجىدە خەۋپ ئېلىپ كىلىدۇ. تۇخۇمدان ئۆزى نىسبەتەن كىچىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە داس بوشلۇقى ئاستىدا يۇشۇرۇنۇپ تۇرىدىغان بولغاچقا، دەسلەپكى مەزگىللىك راك ئۆزگىرىشى كۆرۈلگەندە، ئالامەتلىرى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ؛ نۇرغۇن كىشىلەر، تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولغانلىقى ئىنىق دىئاگونوز قويۇلۇپ بىكىتىلگەن ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى ئاللبۇرۇن يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تەرەققى قىلىپ بولغان بولىدۇ.
تۇخۇمدان راكىنىڭ ئالامەتلىرى
قوساق كۆپۈش
تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولغان بىمارلاردا، قورسىقى كۆپۈش ئالامەتلىرى كۆرىلىدىغان بولۇپ، كىسەللىك دەسلەپكى مەزگىلىدە بەلكىم كۆرۈنەرلىك بولماسلىقى مۇمكىن؛ ئەمما، ئاز قىسىم بىمارلاردا، كىسەللىك دەسلەپكى مەزگىللىرىدىلا قوساق كۆپۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. تۇخۇمداندىكى ئۆسمە ماددىنىڭ ھەجىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، قوساققا سۇ يېغىلىپ قېلىش، داس بوشلۇقىغا سۇ چۈشۈش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن؛ بۇ ۋاقىتتا، قوساق كۆپۈش ئالامەتلىرىمۇ بارغانسىرى كۆرۈنەرلىك بولۇپ ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ.
قوساق ئاغرىش
قوساق ئاغرىش بولسا، تۇخۇمدان راكىنىڭ تىپىك ئالامەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تۇخۇمداندىكى ئۆسمە ماددا تەدرىجى ھالدا يوغىناپ كەتكەن ياكى تۇخۇمدان ئىچكى قىسمىدا ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ، قاناش، تىز سۈرئەتتە ئېشىش، بۇزۇلۇپ ئۆلۈش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندىن كىيىن، بىماردا ئاسانلا قوساق ئاغرىش ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. كىسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، تۇخۇمداندىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە، ئەتراپتىكى ئەزالار يكى ئورگانىزىملارغا بېسىم چۈشۈرۈپ، بۇ خىل ئاغرىق تۇيغۇسى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولۇپ ئۆزگىرىدۇ.

ئۇرۇقلاپ كىتىش
كۆپ قىسىم راك كىسەللىكلىرى، بىمارلارنىڭ ئۇرۇقلاپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى، بەدەندە كۆپىيىپ كەتكەن راك ھۈجەيرىلىرى باشقا نورمال ھۈجەيرىلەر بىلەن ئۇزۇقلۇق تالىشىپ، كۈندىلىك يىمەك-ئىچمەك ئارقىلىق قوبۇل قىلغان ئۇزۇقلۇقنىڭ بەدەننىڭ ئىھتىياجىنى قامدىيالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بەدەن ئۇرۇقلاپ كىتىش، ئىممونت ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، بەدەن ئاجىزلاش قاتارلىق ئالامەتلەردە ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. شۇڭا، ئەگەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ، ئۇرۇقلاپ كىتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، ئۇنداقتا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرىنىپ، تۇخۇمدان راكى كىسەللىكى بار يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈپ بېقىش لازىم.
قوساققا سۇ يېغىلىپ قېلىش
تۇخۇمدان راكى ئاسانلا قوساققا سۇ يېغىلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بىمارنىڭ قوساق قىسمى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، قوساققا سۇ يېغىلىپ قېلىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ھەمدە بۇ سەۋەپلىك بىمارنىڭ قوساق قىسمىدا بىئاراملىق پەيدا قىلىپ، ھەتتا قوساق ئاغرىش، قوساق كۆپۈش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، تۇخۇمدان راكى پەيدا قىلىدىغان ئالامەتلەرنىڭ تۈرى نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، كىسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، كۆرىلىدىغان ئالامەتلەرمۇ بارغانسىرى كۆرۈنەرلىك بولۇشقا باشلايدۇ. تۇخۇمداندىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدە، ئۆسمە ئىچىدە قان چىقىش، ياللۇغلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ۋاقتىدا داۋالاش لازىم بولىدۇ؛ بولمىغاندا، ئۆسمىنىڭ ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلىپ، ئۆسمە يىرتىلىپ كىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىشى، ھەتتا بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن.