ھامىلدار بولۇش، بىر ئايال كىشىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، گۈزەل ھەم بەخىتلىك بىر ئىش؛ چۈنكى ھامىلدار بولۇش، ئۇلارنىڭ ناھايىتى تىزلا ئانىلار سېپىگە قېتىلىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر، شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ خىل خوشاللىقىنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ. بىراق ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئاياللار ئۆزىنىڭ بەدىنىدىكى ھەر تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كىرەك؛ بولۇپمۇ ئەگەر تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ئالامەت كۆرۈلسە، بۇ سىزنىڭ بەدىنىڭىزدە زەھەر يېغىلىپ قالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بەدەندىكى زەھەرلەرنى ھەيدەپ چىقىرىشقا دەرھال ھەرىكەت قىلمىسىڭىز بولمايدۇ.
بىرىنچى بولۇپ تىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلىشقا توغرا كىلىدۇ؛ ھامىلدارلىقتەك بۇنداق ئالاھىدە بىر مەزگىلدە، تىرە خۇددى بىر ئەينەككە ئوخشاش بولۇپ، ئەگەر بەدەندە زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى بەك كۆپىيىپ كەتسە، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ نۇرىنى يوقىتىدۇ، ھەتتا بەزىدە دانىخورەكلەر پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ھامىلدار ئاياللار بۇنىڭغا قارىتا بىپەرۋالىق قىلماسلىقى كىرەك.

ئىككىنچى بولۇپ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالنىڭ يىمەك-ئىچمىكى بىر قەدەر مۇرەككەپ ۋە كۆپ خىللاشقان بولغاچقا، بۇنىڭغا ئانىلىق ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى قوشۇلۇپ، قەۋزىيەت ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن؛ قەۋزىيەتنىڭ كۆرۈلۈشى بولسا، بەدەندە زەھەرلىك ماددىلارنىڭ يېغىلىپ قالغانلىقىنى، دەرھال زەھەر ھەيدەشكە تۇتۇش قىلىش لازىملىقىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى، قەۋزىيەت ئەھۋالىنىڭ ئۆزى، ئۈچەينىڭ سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ نورمال ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالغا قارىتا، ھامىلدار ئاياللار ۋاقتىدا ئىتىبار بىلەن قارىشى كىرەك.
ئاخىرىدا، ھامىلدار ئاياللاردا ئېغىزىدا غەلىتە پۇراق پەيدا بولۇش ئەھۋالى پەيدا بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئەھۋالغا ئىتىبار بىلەن قاراش كىرەك؛ چۈنكى ئېغىزدا غەلىتە پۇراق پەيدا بولۇش، بەدەندە زەھەرلىك ماددىلارنىڭ زىيادە كۆپ يېغىلىپ قالغانلىقىدىن بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بەدەندىكى زەھەرنى بەدەن سىرتىغا ھەيدەپ چىقىرۋىتىش لازىم بولىدۇ.

ئۇنداقتا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بەدەندىكى زەھەرلەرنى قايسى ئۇسۇلدا ھەيدەپ چىقىرىش كىرەك؟ ئەڭ ياخشى بولغان ئۇسۇلارنىڭ بىرى بولسا، ئوكسىگىنلىق ھەرىكەتلىنىشنى كۆپرەك قىلىش بولۇپ، بۇنىڭدا بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى تەر بەزلىرىنىڭ رولى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىشكە بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ھەرىكەتلىنىش مۇۋاپىقىدا بولۇش، ھەرگىز ئۆزىنىڭ بەرداشلىق بىرىش چېكىدىن ئېلىشپ كەتمەسلىك كىرەك.