ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8642:ئادەم ئۆگەندى
    ئۆزى تۇغۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى، ئاساسى جەھەتتىن ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىر دوختۇرخانىلاردا ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۆزى تەبىئى تۇغۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان بولۇپ، پەقەت ئۆزى تۇغۇش شەرتىگە چۈشسىلا، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئۆزى تەبىئى تۇغۇش تەكلىۋىنى بىلىدۇ. پەقەت ئۆزى تۇغۇش شەرتىگە چۈشمەيدىغان ھامىلدار ئاياللارغا قارىتا، ئاندىن ئوپراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇش تەكلىۋىنى بىرىدۇ. ئوپراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇشقا قارىغاندا، ئۆزى تۇغۇش ھامىلدار ئايال ۋە بالىغا نىسبەتەن ھەقىقەتەن كۆپ پايدىلىق بولىدۇ؛ بىراق، ئوپراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇشمۇ پۈتۈنلەي پايدىسى يوق ئەمەس. ئەمىلىيەتتە، ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇشنىڭ تۆۋەندىكىدەك تۆت تۈرلۈك پايدسى بار.
تۇغۇت جەريانى دوختۇرنىڭ كونتىروللىقىدا بولۇپ، ئانا ۋە بالىنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ
    ئەھۋالى كۆڭۈلدىكىدەك بولالمىغان ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن، ئەگەر ئۆزى تۇغۇشقا توغرا كەلسە، تۇغۇت جەريانىدا ئاسانلا تۇغۇتى قىيىنلىشىپ قالىدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىشى مۇمكىن. بىراق ئوپراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇش جەريانىدا، پۈتكۈل تۇغۇت جەريانى پۈتۈنلەي دوختۇرلارنىڭ كونتىروللىقىدا بولۇپ، ئانا ۋە بالىنىڭ بىخەتەرلىكى تېخىمۇ بەكرەك كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ جىسمانى ئەھۋالى دىگەندەك ياخشى بولالماي قالسا، دوختۇلار ئوپراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇش تەكلىۋىنى بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا، ھامىلدار ئاياللار ئەڭ ياخشىسى ئۆزۈم تۇغىمەن دەپ تۇرۋالماسلىق كىرەك.
ئۆزى تۇغۇش جەريانىدىكى تەسۋىرلىگۈسىز ئاغرىپق ئازابىنى تارتىش كەتمەيدۇ
    ئۆزى تۇغۇش ۋە ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇشنى سېلىشتۇرغاندا، گەرچە ھەر ئىككىسىدە ئاغرىش كۆرىلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئارىدا يەنىلا زور پەرق بار. ئۆزى تۇغقاندا، ئالدى بىلەن تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنى باشتىن كەچۈرىدىغان بولۇپ، بۇ خىل تولغاقنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى بەلكىم نەچچە سائەت بولۇشى مۇمكىن، ۋەياكى ئىككى ئۈچ كۈنگە سوزۇلىشىمۇ مۇمكىن. تولغان ئازابى ۋە بالا تۇغۇت يولىدىن چىققان ۋاقىتتىكى ئاغرىق، بەزى ئاياللار چىداپ بولالمايدىغان دەرىجىدە كىلىدۇ. ئوپراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇشتا بولسا، ئوپراتسىيە قىلغان ۋاقىتتا، ھامىلدار ئايال كۆپ ئاغرىق ھىس قىلمايدۇ، ئاساسلىقى ئوپراتسىيەدىن كىيىنكى كەسكەن جاراھەت ئېغىزىنى ئاسراش تېخىمۇ ئاۋارىچىلىق بولىدۇ. بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىكى شۇكى، ئەگەر سىز ئوپراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇشنى ئويلاشقان بولسىڭىز، ئۇنداقتا چوقۇم رەسمى يۇسۇندىكى چوڭراق دوختۇرخانىلارغا بېرىشنى تاللاڭ؛ بۇنىڭدا، تۇغۇت ئالدى كەينىدىكى ئاغرىقنى زور دەرىجىدە ئازايتىشقا بولىدۇ، تۇغۇتتىن كىيىنكى ئەسلىگە كىلىشمۇ نىسبەتەن تىز بولىدۇ.
خىجالەتچىلىككە قالىدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلىنىشقا بولىدۇ
    ئۆزى تەبىئى تۇغماقچى بولغاندا، بالىياتقۇ ئېغىزى پۈتۈنلەي ئېچىلسا ئاندىن بولىدۇ؛ ئەمما بالىياتقۇ ئېغىزىنىڭ ئېچىلىش دەرىجىسىنى بىلىش ئۈچۈن، ئىچ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا توغرا كىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئىچ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشتا ئەگەر ئەر دوختۇرغا ئۇچراپ قالغاندا، ھامىلدار ئايال خىجالەتچىلىككە تولۇپ كىتىدۇ. بىراق، ئەگەر ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇشتا بولسا، بۇ خىل خىجالەتچىلىككە قالىدىغان ئەھۋالدىن ساقلىنىپ قېلىشقا بولىدۇ.
تۇغۇت يولى يىرتىلىپ كىتىش ياكى توغۇت يولىنى كىسىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ
    ئۆزى تۇغۇشنى تاللىغان ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھەممىسى تۇغۇت يولىنىڭ يىرتىلىپ كىتىشى ۋە تۇغۇت يولىنى كىسىشكە توغرا كىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللارنىڭ كىلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. چۈنكى مەيلى يىرتىلىپ كىتىش بولسۇن ياكى كىسىش بولسۇن، ئىنتايىن ئاغرىيدىغان بولۇپ، بالا تۇغۇلۇپ بولۇشتىن كىيىن تىكىشكە توغرا كىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئورۇندىكى جاراھەت ئېغىزىنىڭ، تۇغۇتتىن كىيىن ئەسلىگە كىلىشىمۇ ئاسانغا توختىمايدۇ. بىراق، ئەگەر ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇشنى تاللىغاندا، بۇ خىل ئەھۋاللاردىن ساقلىنىپ قالغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزى تۇغۇشنى ئويلاشقان ھامىلدار ئاياللار، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كۆپرەك چېنىقىپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونتىرول قىلىشى لازىم، بۇنىڭدا تۇغۇت جەريانىدا يىرتىلىش كۆرۈلىشى ياكى كىسىشكە توغرا كىلىدىغان  ئەھۋاللارنىڭ كىلىپ چىقىشىدىن بەلگىلىك دەرىجىدە ساقلانغىلى بولىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号