بۇ خىلدىكى ئاياللار ئىرىگە تەلەي ئېلىپ كىلىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6441:ئادەم ئۆگەندى
    ياخشى بىر ئايال كىشى، ئائىلىسىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان بولۇپ، بەخىتلىك كەلگەن بىر ئائىلە، ئىرىگە تەلەي ئېلىپ كىلىپ گۈللىتىدىغان بىر ئايال كىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئۇنداقتا، بىر ئايال كىشىنىڭ ئىرىگە تەلەي ئېلىپ كىلىدىغان ئايال ياكى ئەمەسلىكىگە قانداق قارايمىز؟ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ چىرايىغا قارىمايمىز، بەلكى ئۇنىڭ مىجەز-خارەكتىرىنىڭ ۋە ئىدىيىسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە قارايمىز؛ بۇ ئۇلارنىڭ دەسمايىسى بولۇپ، ھەممىلا ئايال كىشىدە بولىۋەرمەيدۇ. شۇڭا ئەگەر ئەر كىشى تۆۋەندىكى نەچچە خىل ئايال كىشىنى ئۇچراتقان ۋاقىتتا، ئۇلارنى چوقۇم قولدىن چىقىرۋەتمەسلىكى كىرەك.
قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىتەرەپ قىلىپ كىتەلەيدىغان ئاياللار
   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بەخىتلىك ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ؛ ئەمما بەخىتسىز بولۇپ قالغان ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالى ھەرخىل ھەرياڭزا بولىدۇ. تۇرمۇشتا، ئائىلىدىكى نۇرغۇنلىغان زىددىيەتلەر، قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىدىن كىلىپ چىقىدۇ. ئەجىبا، راستىنلا قېيىنئانىلار يولسىز ھەم چىقىشماق تەس كىلەمدىغاندۇ؟ بۇ خىل ئىھتىماللىق يوق ئەمەس، ئەمما قانداق قىلىپ ھىسي كۆرسەتكۈچى يۇقىرى بىر كىلىن بولۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىنى بىتەرەپ قىلىشنى بىلىدىغان ئايال كىشى، ئىرىگە "تەلەي" ئېلىپ كىلىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئاياللار ئەزەلدىن قېيىنئانىسىنىڭ يامان گېپىنى قىلمايدۇ؛ قېيىنئانىسى راستىنلا يولسىز ھەم تەرسا بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار يەنىلا قېيىنئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى ساقلىيالايدۇ.
سىز نامراتلىشىپ قالغاندا سىزنى تاشلاپ كىتىپ قالمايدىغان ئاياللار
    ھازىرقى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر، پۇل ۋە ئۆينى دەپ توي قىلىدۇ؛ ئارىلىقتا قانچىلىك مۇھەببەت بار بولۇشى ئۇلارغا نىسبەتەن ئۇنداق مۇھىم بىلىنمەيدۇ. ئەگەر بۇنداق ئايال كىشى، سىزنىڭ پۇلىڭىزنى كۆزلىگەن بولسا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىز مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىسىڭىز، ئۇلار شۈبھىسىز سىزنى تاشلاپ كىتىپ قالىدۇ. بىراق، ئەر كىشىگە "تەلەي" ئېلىپ كىلىدىغان ئاياللار، ئەر كىشى بىلەن ھالاۋەتتىمۇ ۋە جاپادىمۇ بىرگە بولالايدىغان ئايال كىشى بولۇپ، ئۇلار سىزگە ھەمرا بولۇپ بىرلىكتە كۈرەش قىلىشنى، سىز بىلەن بىرگە جاپا تارتىشنى ھەمدە سىزنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشىڭىزنى ساقلاشنى خالايدۇ. شۇڭلاشقا، بۇنداق ئاياللارنى ئۇچراتسىڭىز، ئۇلارنى قەدىرلەشنى بىلىشىڭىز، ئۇنىڭغا يۈز كىلەلمەيدىغان ئىش قىلماسلىقىڭىز كىرەك.
ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئۆي تۇتىدىغان ئاياللار
    گۈزەللىكنى سۆيمەيدىغان ئايال كىشى يوق؛ ھەممە ئايال كىشى، ئەر كىشىگە ياتلىق بولۇشتىن ئىلگىرى، ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى گۆھەر ھىسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئەگەر بىر ئايال كىشى سىز ئۈچۈن تاماق ئىتىپ ۋە كىر-قات يۇيۇشنى خالىسا ھەمدە سىزنىڭ پۇل تاپمىقىڭىزنىڭ ئوڭاي ئەمەسلىكىنى تۇنۇپ يىتىپ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئۆي تۇتۇپ، ھەشەم ۋە ئىسراپچىلىق قىلمىسا، بۇنداق ئايال كىشى چوقۇم ئىرىگە "تەلەي" ئېلىپ كىلىپ گۈللىتىدىغان ئايال كىشى ھىسابلىنىدۇ. ئۇ سىزگە ياتلىق بولغان ۋاقىتتىلا، قىز بالىدىن ئايال كىشىگە ئۆزگىرىپ، سىز بىلەن قۇرغان ئائىلە ئۆچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىشنى قارار قىلىپ بولغان بولىدۇ؛ شۇڭا سىزمۇ، سىزنى بۇنداق ياخشى كۆرىدىغان بىر ئايال كىشىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، مىننەتدار بولۇشنى بىلىشىڭىز ھەم ئۇنى قەدىرلىشىڭىز كىرەك.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号