ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارغا نىسبەتەن ئەڭ ھەسرەتلىك ئىش نىمە
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6744:ئادەم ئۆگەندى
    كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ ھەسرەتلىك ئىش، مۇھەببەت يوق بولۇپ قېلىش ياكى ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىق دىگەنلەر ئەمەس، بەلكىم ھاياتلىقنىڭ تەڭدىن تولىسىنى تۈگىتىپ تۇرۇپمۇ، ھېچبىر ئىشتىن كۆڭلىمىز سۇ ئىچمەي ياكى ھېچبىر ئىشتىن نەتىجە قازىنالماي، ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈش بولۇشى مۇمكىن. ئوتتۇرا ياشقا قەدەم قويغاندىن كىيىن، بىر ئايال كشىگە نىسبەتەن ئەڭ ھەسرەتلىك تىراگىدىيە بولۇپ ھىسابلىنىدىغىنى، تېخىچە تۆۋەندىكى ئۈچ ئىش بىلەن ھىسابلىشىپ ئۆتۈشتۇر.
ئۆزىنىڭ سىرتقى قىياپىتى ئۈچۈن خەجلەيدىغان پۇل بىلەن ھىسابلىشىپ ئولتۇرۇش
    ئاياللار، ئۆزىگە ياخشى ئاسراش قىلىشقا مەڭگۈ مۇھتاج. ئاياللار ئوتتۇرا ياشقا يەتكەندىن كىيىن، ئۇلارغا نىسبەتەن ئەڭ ھەسرەتلىك تىراگىدىيە ھىسابلىنىدىغىنى، پۇل تىجەش ئۈچۈن، تىرىسى ۋە بەدىنىگە قارىتا ئاسراش ئېلىپ بېرىشقا پىخسىقلىق قىلىشتۇر.  بۇنداق ئەھۋالدا، كۆز ئالدىڭىزدىكى ئەھۋالدا، سىز ئازراق پۇلنى تىجەپ قالغاندەك قىلغان بىلەن، ئەمما يىللار سىزگە قورۇقچىلار ۋە بالدۇر قېرىپ كىتىشنى ئېلىپ كەلگەن ۋاقىتتا، سىزنىڭ بىر بۇرجەكتە ئولتۇرۇپ، ئۆزىڭىز يالغۇز قايغۇرۇشتىن باشقا ئامالىڭىز بولمايدۇ.
رومانتىكىلىق تۇرمۇشى يوقلۇقى بىلەن ھىسابلىشىپ ئولتۇرۇش
    مۇھەببەت ھەقىقەتەن مۇھىم، ئەمما ھەرگىز ئايال كىشى كىشىلىك ھاياتىنىڭ بارىلىقى بولۇپ قالماسلىقى كىرەك. ئاياللار ئوتتۇرا ياشقا يەتكەن ۋاقىتتا، تېخىمۇ پىشىپ يىتىلگەن بولۇپ ئۆزگىرىشى، مەسىلىلەرگە بولغان پوزىتسىيىسىمۇ تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك بولۇشى، ياش ۋاقتىدىكىگە ئوخشاش ئۆز مەيلىچە ئىش كۆرىدىغان بولماسلىقى كىرەك.
    ئوتتۇرا ياشقا يەتكەن ۋاقىتتا، تۇرمۇشىڭىزدا رومانتىكىلىق قالمىغان تەقدىردىمۇ، ئىرىڭىز بىلەن بەك ئىنچىكە ھىسابلىشىپ كەتمەڭ. بۇ ۋاقىتتا سىلەرنىڭ ئىھتىياجلىق بولىدىغىنىڭلار، ئىككىڭلارغا ئورتاق بولغان ئائىلەڭلەرنى قانداق قامداشنى ئويلىشىش ۋە پەرزەنتىڭلارنى ياخشى تەربىيەلەشتۇر. ھەر نىمە دىگەن بىلەن، رومانتىكىلىقنى تاماق ئورنىدا يىيىشكە ياكى پۇل ئورنىدا خەجلەشكە بولمايدۇ. ئۇنداق قۇرۇق ئېغىزدىن چىققان ياغلىما گەپلەر، سىزگە ھەقىقى تۈردىكى بەخىت تۇيغۇسى ئېلىپ كىلەلمەيدۇ.
كۈنلىرىنىڭ باشقىلارنىڭكىدەك ياخشى ئەمەسلىكى بىلەن ھىسابلىشىپ ئولتۇرۇش
    ئاياللار ئوتتۇرا ياشقا يەتكەن ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ قىلىشقا ئەڭ تىگىشلىك بولمىغان ئىشىنىڭ بىرى، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى باشقىلارنىڭكىگە سېلىشتۇرۇشتۇر. تۇرمۇشتىكى بارلىق بەخىت تۇيغۇلىرى، ئەمىلىيەتتە ھەممىسى نىسپىي كىلىدىغان بولۇپ، سىز سېلىشتۇرغانسىرى، ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشىدىن شۇنچە رازى بولمايسىز ھەمدە ئاخىرىقى نەتىجىدە، ئايىغى چىقمايدىغان قاقشاپ ئاغىرىنىش ۋە كۆڭۈل ئاغرىقى ئىچىگە پېتىپ قالىسىز.
    ئوتتۇرا ياشقا يەتكەن ئاياللارغا نىسبەتەن، ئەڭ ھەسرەتلىك تىراگىدىيە بولۇپ ھىسابلىنىدىغىنى، ئۆز-ئۆزىنى ياراتماسلىق ھەمدە ئۆزىنىڭ كۈنىنى باشقىلارنىڭكىدەك ياخشى ئەمەس، باشقىلار ھەر جەھەتلەردە مەندىن كۈچلۈك دەپ قارىۋىلىشتۇر. تۇرمۇش مەيلى قانچىلىك جاپالىق بولسۇن ياكى باياشاتچىلىققا تولغان بولسۇن، ئەمىلىيەتتە ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ دەردىنى ئۆزى بىلىدۇ. ئەگەر سىز بىر تەرەپلىمە ھالدا باشقىلار بىلەن ئۆزىڭىزنى سېلىشتۇرۇپلا ئۆتسىڭىز، بۇ ئەھۋالدا سىزنىڭ كىيىنكى تۇرمۇشىڭىز بارغانسىرى مۇشەققەتلەرگە تولۇپ كىتىدۇ.
    ئاياللار ئوتتۇرا ياشقا يەتكەندە، ئەقىل-پاراسەتلىك ھەم لاتاپەتلىك بولۇشى لازىم. تۇرمۇشتىكى جاپا-مۇشەققەتلەرگە قارىتا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش كىرەك، قانداق يۈزلىنىش كىرەك دىگەنلەر، ئاندىن سىز ئەڭ ئاۋال ئويلىشىشقا تىگىشلىك بولغان ئىشلاردۇر. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئورنىنى توغرا تاپقان ۋاقتىڭىزدا، قالغان ئۆمرىڭىزنى تەبىئىلا تېخىمۇ ياخشى بولغان ھالەتتە ئۆتكۈزەلەيسىز.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号