كىچىلىرى ئۇخلىماسلىقتىن ساقلىنىش
كىچىسى ئۇخلىماسلىقنىڭ بەدەنگە بولغان سەلبى تەسىرى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، بولۇپمۇ ئاياللار ھەيىز مەزگىلىدە كىچىسى ئۇخلىمىسا، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئاجرالمىلىرىنىڭ قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقرىپ، بالىياتقۇنىڭ بۇزۇن قانلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىشىغا پايدىسىز بولىدۇ ھەمدە يالۇغلىنىپ قېلىش ئىھتىماللىقىنى ئاشۇرۋىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، كىچىسى ئۇخلىماسلىق، باكتىرىيە ۋە ۋىرۇسلارنىڭ كۆپىيىپ كىتىشىنى پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يامان خارەكتىرىلىك ئايلانمىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاياللار ھەيىز مەزگىلىدە، كىچىسى ئۇخلىماسلىقتىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىىپ، ئۇيقۇنىڭ يىتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كىرەك.
ھەيىز مەزگىلىدە ئىمكان قەدەر بېشىنى يۇماسلىق
ھەيىز مەزگىلى، ئاياللارنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئەڭ ناچار ۋاقىت بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا باشنى يۇغاندا، ئادەمگە ئاسانلا سۇغۇق ئۆتۈپ قالىدۇ. بولۇپمۇ كەچلىرى بېشىنى يۇيۇشقا ئادەتلەنگەن ئاياللار، چېچى قۇرۇماي تۇرۇپلا ئۇخلاپ قالىدىغان بولغاچقا، تېخىمۇ ئاسان سۇغۇق ئۆتۈپ كىتىدۇ.

مۆتىدىل قۇۋۋەت تۇلۇقلاش يىمەكلىكلىرىنى ئىستىمال قىلىش
ئاياللار ھەيىز مەزگىلىدە، مۆتىدىل كەلگەن قۇۋۋەت تۇلۇقلاپ قانغا ئۇزۇقلۇق يەتكۈزۈدىغان يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشى كىرەك. مەسىلەن، قىزىل شىكەر سۈيى، چىلان، ئالقات قاتارلىقلار. بۇ خىل يىمەكلىكلەر بالىياتقۇغا ياردەملىشىپ، ھەيىز ئاغرىتىپ كىلىش، ھەيىز ئاز كىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەڭشەشكە پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بالىياتقۇدىكى بۇزۇق قان ۋە زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بالىياتقۇنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ.
مانگو يىمەسلىك
مانگونىڭ گەرچە ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما مانگونىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە قان توختىتىش رولى بار بولغاچقا، ئەگەر ھەيىز مەزگىلىدە مانگو ئىستىمال قىلسا، بالىياتقۇدىكى بۇزۇق قانلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىشى مۇمكىن ھەمدە بۇ ئارقىلىق بالىياتقۇ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە ئاياللار ياللۇغ كىسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەدەن ساغلاملىقىغا قارىتا پايدىسىز ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
مۇزلىتىلغان ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىك

ھەيىز مەزگىلىدە مۇزلىتىلغان ئىچىملىكلەرنى ئىچكەندە، بۇزۇق قانلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇزۇق قانلارنىڭ نۆكچە بولۇپ شەكىللىنىۋىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، بالىياتقۇ نۆكچە قانلارنى چىقىرۋىتىش ئۈچۈن، ئۆزلىكىدىن تارىيىش ھەرىكىتى شەكىللىنىپ بېسىم پەيدا قىلىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ھەيىز ئاغرىتىپ كىلىش پەيدا بولىدۇ.