تۇغۇتى يېقىنلاشقانسىرى، ھەر بىر ھامىلدار ئايل خۇشاللىق ۋە ئەندىشە ئارىلىشپ كەلگەن كەيپىياتقا قالىدۇ. ئەمما نىمە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، تۇغۇتى يېقىنلاشقان ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن، تۆۋەندىكى ئۈچ ئىش ئەڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشتۇر.
يولنى كۆپرەك مېڭىپ، ھامىيلىنىڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىنى غىدىقلاش
تۇغۇت يېقىنلاشقاندا، ھامىيلە، باش قىسمى ئانىنىڭ داس سۆڭىكىگە تىگىشكەن ھالەتتە كىلىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا ھامىلدار ئايال يول مېڭىپ بەرسە، ھامىيلىنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىنى غىدىقلاشقا بولىدۇ. ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلى، ھامىيلىنىڭ چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىش مەزگىلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەزگىلدە ھامىيلىنىڭ سىزىمچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك كىلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدە، كۈندە يول مېڭىپ سەيلە قىلىپ بىرىش، ھەربىر ھامىلدار ئايال قىلىشقا تىگىشلىك ئىشتۇر. بۇنىڭدا، ھامىيلىنىڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىنى غىدىقلاپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ داس سۆڭىكىگە بېسىم چۈشۈرۈپ، تۇغۇتىنىڭ ئاسان بولۇشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتالايدۇ.

بەدىنىدىكى ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش
ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدە، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشى تىزلەشكەندىن كىيىن، ھامىلدار ئايالنىڭ ئۇزۇقلۇققا بولغان ئىھتىياجىدىمۇ ئېشىش كۆرىلىدۇ. ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدە، نۇرغۇنلىغان ھامىلدار ئاياللار قالايمىقان ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلايدىغان بولۇپ، ئەمىلىيەتتە بۇ مەزگىلدە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش بىھاجەت، ھامىلدار ئاياللار پەقەت ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلسىلا بولىدۇ.
ھامىيلە قوساقتىكى ۋاقىتتا، ئۇالرغا نىسبەتەن بەدىنىنىڭ ھەممە قىسىملىرى يىتىلىشنى ساقلاۋاتقان ياكى باشتىن كەچۈرۋاتقان ھالەتتە بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئۇزۇقلۇق تەڭپۇڭ بولۇشقا مۇھتاج؛ چۈنكى شۇنداق بولغاندا، ھامىيلىننىڭ يىتىلىشى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئەگەر ئۇزۇقلۇقنى قالايمىقان تۇلۇقلاۋەرسەك، بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن كىسەلچان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ھامىيلىنىڭ سۈمۈرۈش قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش
ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدە ھامىيلىنىڭ يىتىلىشى تىزلىشىدىغان بولغاچقا، ئۇزۇقلۇقنى سۈمۈرۈپ قوبۇل قىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىملىشىپ كىتىدۇ. ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە، بەزى ھامىلدار ئاياللارنىڭ قورسىقىدىكى ھامىيلىنىڭ ئۇزۇقلۇق سۈمۈرۈپ قوبۇل قىلىشى ئاستىلاپ كىتىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال، ھامىلدار ئايالنىڭ مىتابولىزىم ئىقتىدارىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن كىلىپ چىقىدىغان بولۇپ، بەك تويۇنۇپ تاماق يىيىش، ئىسسىقى ئېشىپ كىتىش، تۇرمۇشى تەرتىپلىك بولماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھامىيلىنىڭ ئۇزۇقلۇقنى سۈمۈرۈپ قوبۇل قىلىشىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ خىل ناچار ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىپ، تاماقنى كۆپ قېتىمغا بۆلۈپ ئاز-ئازدىن يىيىشم سۇنى كۆپرەك ئىچىش، ۋە كۆپ ھەرىكەتلىنىپ بىرىش كىرەك؛ بۇنىڭدا ھامىيلىنىڭ ئۇزۇقلۇقنى سۈمۈرۈپ قوبۇل قىلىشى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.