نۇرغۇن ۋاقىتلاردا، بەزى ئىشلارنى، يەنى سۆزلەشكەن پاراڭلارنى، باشتىن ئۆتكۈزگەن كەچمىشلەرنى، پەقەت ئەر-خوتۇن ئىككەيلانلا بىلىشكە ماس كىلىدۇ. بولۇپمۇ، توي قىلغاندىن كىيىن، ئەر-خوتۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتى باشتىن-ئاخىرى بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇشى كىرەك بولۇپ، مەيلى قانداق ئىش يۈز بىرىشىدىن قەتئىنەزەر، سىزنىڭ بىرىنچى بولۇپ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىڭىز، جۈپتىڭىزگە يان بېسىپ ئۇنى قوغداشتۇر. چۈنكى، ئاتا-ئانىڭىزدىن باشقا، بۇ دۇنيادىكى سىزگە ئەڭ يېقىن ھىسابلىنىدىغان ئادەم ئاشۇ جۈپتىڭىزدۇر.
تويلىشىش، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ بىر سەپكە ئۆتكەنلىكىدىن دىرەك بىرىدىغان بولۇپ، ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىدا بەزىبىر مەخپىيەتلىكلەرنىڭ بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ؛ ئەمما بۇ مەخپىيەتلىكلەر ئەر-خوتۇن ئىككىڭلارغىلا تەۋە بولۇپ، سىرتتىكى كىشىلەرگە سۆزلەپ يۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ.
ھىسي كۆرسەتكۈچى تۆۋەن، دۆت ئاياللار، توي قىلغاندىن كىيىن، سىرتتىكىلەرگە بۇ تۆت خىل مەخپىيەتلىكنى سۆزلەپ بىرىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە، بۇنداق قىلىشنىڭ باشقىلارنىڭ ئۇلارنى ياراتماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

"قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە"
ئەگەر ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى مۇھەببەت ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇپ، ئەتراپىڭلاردىكىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئۈلگىلىك ئەر-خوتۇنلارغا ئايلانغان بولساڭلار، ئۇنداقتا بۇ خىل ھالەتنى سىلەر سىرتتىكىلەر بىلەن تەڭ بەھىرلەنمىگەن تەقدىردىمۇ، سىرتتىكىلەر سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارنىڭ چوڭقۇرلىقىغا زوقلىنىپ كىتىشىدۇ.
بىراق، ئەگەر ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ياخشى بولمىسا، ئۇنداقتا سىز بۇنى مەخپى ساقلاپ، نائىلاج قالىدىغان ئەھۋالغا ئۇچرىمىغان ئەھۋال ئاسىتدا، ئاسانلىقچە سىرتتىكى كىشىلەرگە بىلدۈرمەسلىكىڭىز كىرەك. چۈنكى، سىزنىڭ ئۆزىڭىزدىن باشقا، ھېچقانداق ئادەم سىزنىڭ تۇرمۇشتىكى ھىسياتىڭىزنى سىزگە ئوخشاش ھىس قىلالمايدۇ؛ كۈنلىرىڭىزنىڭ قانداق ئۆتىۋاتقانلىقىنى، نىمىشقا شۇنداق بولغانلىقىنى، پەقەت ئۆزىڭىزلا يىپىدىن يىڭنىسىگىچە ئىنىق بىلىسىز. باشقىلارغا ھەرقانچە تەپسىلى سۆزلەپ بەرگىنىڭىز بىلەنمۇ، سىزگە ئوخشاش ھىسياتتا بولىشى ناتايىن.
شامال ئۆتۈشمەيدىغان تام بولمايدۇ. سىز ئەر-خوتۇن ئىككىڭلارنىڭ مۇھەببەت مەخپىيەتلىكىنى سىرتتىكىلەرگە سۆزلەپ بەرگەندىن كىيىن، سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلار ئىنىقلا ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ. چۈنكى، ئۆزىمۇ ساقلىيالمىغان مەخپىيەتلىك، ھەرگىز مەخپىيەتلىك بولالمايدۇ.

ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى مال-مۈلۈك مەسىلىسىنى سىرتتىكىلەرگە ئاشكارىلىماسلىق
بۇ ھەقتە، ھەقىقى يۈز بەرگەن مىسالدىن بىرنى كەلتۈرەيلى:
مىنىڭ بىر خوشنام بار بولۇپ، ئۇ ھەرقېتىم يۇرتىغا قايتقان ۋاقتىدا، ئايالى سىرتتا ئىرىنىڭ بىر يىلدا نەچچە پۇل تاپىدىغانلىقى، ئائىلسىنىڭ ئىقتىسادى شارائىتىنىڭ قانچىلىك ياخشى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ھارمايدۇ...
قىسقىسى، ئۇ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى شارائىتىنى كۆز-كۆز قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچكە ۋە مۇۋەپپىقىيەت تۇيغۇسىغا ئىرىشمەكچى بولىدۇ؛ مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇنداق ئايال كىشى شۆھرەتپەرەس بىر ئايال كىشى ھىسابلىنىدۇ.
بىراق، بۇ ئېيتقانلىرىنىڭ باشقىلار بىلەن نىمە ئالاقىسى بولسۇن دەيسىز؟
بەلكىم، سىزنىڭ سۆزلىگىنىڭىز بەك كۆپ بولسا، بەزىبىر يامان نىيەتلىك ئادەملەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويۇشى مۇمكىن؛ كۆپچىلىك ئالدىڭىزدا ھە دىگەن بىلەن، كەينىڭىزدە ئاللبۇرۇن سىزنى نەزىرىدىن چۈشۈرۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، ھەقىقى تۈردە مۇۋەپپىقىيەت قازانغان كىشىلەرنىڭ، ئۆزىنىڭ ئىرىشكەن نەتىجىلىرىنى باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىشى بىھاجەت؛ پەقەت شۆھرەتپەرەس كەلگەن كىشىلەرلار، ئاندىن ھەممە يەردە ئۆزىنىڭ ئازراق ئىقتىسادىنى كۆز-كۆز قىلىشىپ يۈرىدۇ.
ئىرىڭىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئالدىدا، ئىرىڭىزنىڭ ئەيىبىنى سۆزلىمەڭ
بەزى ئاياللارنىڭ ھىسىي كۆرسەتكۈچى تۆۋەن، كاللىسى ئىشلىمەيدىغان بولۇپ، مۇنداق بىر ۋەزىيەتنى باشتىن-ئاخىرى چۈشىنىپ يىتەلمەيدۇ: ئىرىڭىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، تۇققانلىرى، تەبىئىلا ئىرىڭىزغا تېخىمۇ يېقىن تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاندىن ھەقىقى تۇغقانلار. ئەمما ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر ئىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بولمىسا، بۇ ئادەملەر بىلەن ئەسلىدە قىلچىلىك ئالاقىسى يوق بولىدۇ.
بىراق بەزى ئاياللار، توي قىلغاندىن كىيىن، ھەمىشە قېيىنئانا-قېيىنئاتىسىنىڭ ئالدىدا ۋە ئىرىنىڭ تۇغقانلىرى ئالدىدا ئىرىنىڭ ئەيىبلىرىنى سۆزلەپ يامان گېپىنى قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئىرىڭىزنىڭ يۈزى تۆكۈلۈپلا قالماي، ئىرىڭىزنىڭ بۇ تۇغقانلىرى سىزنى نەزىرىدىن چۈشۈرۋىتىدۇ.

باشقىلاردىن ئاڭلىۋالغان مەخپىيەتلىكنى ھەممىلا يەردە سۆزلەپ يۈرمەسلىك
بىر ئايال كىشى توي قىلغاندىن كىيىن، ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۆزىنىڭ ئېغىزىنى ياخشى باشقۇرۇپ يۈرۈشتۇر. ئەگەر سىزنىڭ گېپىڭىز بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ئۆزىڭىزنىڭ قارىشىنى ئىپادىلەشكە بەك ئامراق بولۇپ كەتسىڭىز، باشقىلار سىزدىن زىرىكىش ھىس قىلىپ قېلىشى مۇمكىن.
بەزى ئاياللار ئارىسىدا، بىر-بىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىدىن تەڭ بەھىرلىنىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ؛ ھىسي كۆرسەتكۈچى يۇقىرى، ئەقىللىق كەلگەن ئاياللار، ببۇ مەخپىيەتلىكلەرنى كۆڭلىدىلا ساقلاپ قالىدۇ، ياكى ئاڭلاپ بولۇپ ئۇنتۇپ كىتىدۇ. پەقەت ھىسي كۆرسەتكۈچى تۆۋەن، نادان ئاياللارلا، بۇ مەخپىيەتلىكلەرنى ھەممىلا يەردە سۆزلەپ يۈرىدۇ.
ئەگەر بۇ ئەھۋالنى قارشى تەرەپ بىلىپ قالسا، ئۇنىڭ يەنە سىزنى ھۆرمەتلىشى مۇمكىنمۇ؟ ئەلۋەتتە سىزنى تۆۋەن كۆرۈپ ياراتمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.