ئاياللاردىكى ھەيىز كۆرۈش ۋە بالىياتقۇ ساغلاملىقى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6477:ئادەم ئۆگەندى
    ھەيىز كۆرۈش، ھەر بىر ئايال كىشى باشتىن كەچۈرۈشكە تىگىشلىك فىزىلوگىيىلىك ھادىسە بولۇپ، ئاياللارنىڭ ياشلىق دەۋرىدىن باشلىنىپ، ياشانغان مەزگىلدىكى كىلىماكتىرىيە دەۋرىگىچە داۋاملىشىدۇ. ھەيىز كۆرۈش، بالىياتقۇ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بالىياتقۇ ئۈچۈن بەدەندىكى ئارتۇق زەھەرلىك ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا ھەيدەپ چىقىرىدۇ؛ ئەكسىچە، بالىياتقۇ ساغلام بولسا، ھەيىز كۆرۈشنىڭ نورماللىقىنى ساقلاشقا كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئاياللارنىڭ كۆپىيىش سېستىمىسىنىڭ نورماللىقىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. ھەيىز مەزگىلىدە ئاياللارنىڭ بەدىنى ئىنتايىن ئاجىز كىلىدۇ، ئازراقلا دىققەت قىلمىغاندا، بالىياتقۇغا سۇغۇق تىگىپ كىتىش، بۇزۇق قانلارنى بەدەن سىرتىغا ھەيدەپ چىقىرىش راۋان بولماسلىق قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئەگەر زەھەرلىك ماددىلار بالىياتقۇ ئىچىدە قېپ قالسا، بالىياتقۇنىڭ ساغلاملىقىغا ئىنتايىن پايدىسىز بولىدۇ. ئۇنداقتا، بالىياتقۇنىڭ ساغلام ياكى ئەمەسلىكىنى قايسى نوقتىلاردىن بىلىشكە بولىدۇ؟ ئادەتتە، بالىياتقۇسى ساغلام بولغان ئاياللاردا، ھەيىز مەزگىلىدە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئالاھىدىلىك بولىدۇ؛ ئەگەر سىز بۇ ئالاھىدىلىكلەرگە ماس كەلسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ سىزنىڭ بالىياتقۇڭىزنىڭ ساغلام ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
ھەيىز دەۋرى قانۇنىيەتلىك كىلىدۇ
    ھەيىز بىنورماللىشىش كۆرۈلگەندە، ئالدى بولۇپ ئويلىشىشقا تىگىشلىك بولغىنى، تۇخۇمدان ئىقتىدارىدا بىنورماللىق كۆرۈلگەن ياكى كۆرۈلىمىگەنلىكى بولۇپ، ئەگەر تۇخۇمدان ئىقتىدار بىنورماللىشىپ، ئىچكى ئاجرىلىشتا قالايمىقانلىشىش كۆرۈلسە، ھەيىز كۆرۈش ۋاقتىنى ئاسانلا كەينىگە سوزىۋىتىدۇ؛ ئادەتتە ھەمىە كىچىسى ئۇخلىمايدىغان ياكى روھى بېسىمى بىرقەدەر ئېغىر بولغان كىشىلەر توپىدا، بۇنداق ئەھۋال كۆپ كۆرىلىدۇ. نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ھەيىز دەۋرى 36-21كۈن ئارىسىدا بولىدۇ، ئاياللارنىڭ ئوتتۇرچە ھەيىز كۆرۈش دەۋرى بولسا 28كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. ھەيىز كۆرۈش ۋاقتى 7-3كۈن ئەتراپىدا داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئادەتتە ئۆزىڭىزنىڭ ھەيىز دەۋرى ۋاقتىنى ياخشى تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ھەيىز كۆرۈش ۋاقتى مۇقىم ئەمەس، بەزىدە ئىلگىرى كەتكەن، يەنە بەزىدە كىيىنىگە سۈرۈلۈپ كەتكەن ئەھۋاللار كۆرۈلسە ھەمدە ھەيىز مىقدارىمۇ مۇقىم بولماي، نورمال دائىردىن ھالقىپ چىقىپ كەتسە، ئۇنداقتا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش لازىم بولىدۇ، بولمىغاندا بالىياتقۇ ساغلاملىقىغا تەسىر يىتىدۇ.
مەڭزى قىزىل، تىرىسى يۇمران ھەم نۇرلىنىپ تۇرىدىغان كىلىدۇ
    ئادەتتە، ھەيىز دەۋرى ۋە ھەيىز كۆرۈشى نورمال بولغان ئاياللارنىڭ مەڭزى قىزىل، تىرىلىرى يۇمران ھەم نۇرلىنىپ پاقىراپ تۇرىدىغان كىلىدۇ. ئەگەر ئاياللارنىڭ چىرايى ئۆڭگەن ھەمدە تىرىلىرى يىرىك بولسا، بۇ كۆپىنچە بالىياتقۇغا سۇغۇق ئۆتۈپ قالغانلىقتىن ياكى سۇغۇقى ئېشىپ كىتىش سەۋەبىدىن، زەھەرلىك ماددىلار ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلەلمەي، بالىياتقۇ ئىچىدە يېغىلىپ قالغانلىقىدىن بولىدۇ.
ھەيىز ئاغرىتپ كىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدۇ
    ھەيىز ئاغرىتىپ كىلىدىغان ئەھۋال ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ھورمۇن مىقدارىنىڭ ئىنتايىن تەڭپۇڭ ھالەتتە بولۇپ، شۇڭا ئۇلاردا ھەيىز ئاغرىتىپ كىلىش سىزىم تۇيغۇسى بولمايدۇ. ھورمۇنلارنىڭ ئاجرىلىشى كۆپىنچە تەڭپۇڭ ھالەتتە ماسلىشىپ كىلىدۇ ياكى قارشى تۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆز-ئارا باغلىنىش بار بولغاچقا، ئانىلىق ھورمۇنىلا ئەمەس، بەلكى بەدەندىكى باشقا ھورمۇنلارنىڭ مىقدارىمۇ نىسبەتەن ئۆلچەملىك بولىدۇ. بۇنداق ئاياللار ئادەتتە، ئاسانلىقچە غەيرى ۋىروس تۈرىدىكى ئاياللار كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالمايدۇ. ئاياللار ھەيىز مەزگىلىدە روھى ھالىتىنى ياخشى تەڭشەپ، ئىمكان قەدەر خۇشال كەيپىياتنى ساقلىشى، جىددى كەيپىياتتا بولۇشتىن ساقلىنىش كىرەك. جىددى ھەم بېسىلىشقا ئۇچرىغان كەيپىيات، ھەيىز كۆرۈش مەزگىلىدىكى بۇزۇق قاننىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ھەيىز ئاغرىتىپ كىلىشنى پەيدا قىلىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号