تۇغۇتىڭىزدا ياخشى كۈتۈنمىسىڭىز، بۇ كىسەللىكلەردىن قۇتۇلالمايسىز
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5803:ئادەم ئۆگەندى
    بالا تۇغۇپ ئانا بولۇش، ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق بىر ئىش؛ ئەمما يىڭى تۇغۇتلۇق ئاياللار ئۆزىنى چوقۇم ياخشى كۈتۈشى كىرەك، بولمىغاندا ھەرخىل كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، كىيىنچە داۋالاپ ساقايتىش تەسكە توختايدۇ. ئەگەر يىڭى تۇغۇتلۇق ئاياللار ياخشى كۈتۈنمىسە، تۆۋەندىكىدەك ئەگەشمە كىسەللىكلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
بەل ئاغرىش
   كۆپ قىسىم ئاياللار، يىڭى تۇغۇتلۇق مەزگىلىدىمۇ بالىسىغا ئۆزى قارايدۇ؛ بىراق يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالغا نىسبەتەن، ئەڭ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىش چارچاپ قالماسلىق بولۇپ، ئىمىتكەن ۋاقىتتا بالىنى كۆتۈرگەندىن سىرت، باشقا ۋاقىتلاردا بالىنىمۇ كۆتەرمەسلىكى، ئۇزۇن ۋاقىت ئۆرە تۇرۇش ياكى ئۇزۇن ۋاقىت يېتىۋىلىش ھەمدە بەل قىسمىغا سۇغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم.
   يىڭى تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ بەدىنى ئاجىز، بالىياتقۇ تېخى تۇلۇق ئەسلىگە كىلىپ بولالمىغان بولۇپ، داس سۆڭەك بوغۇملىرىمۇ نىسبەتەن بوشاشقان ھالەتتە تۇرىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا ئەگەر زىيادە ھېرىپ-چارچاپ كەتكەندە، ئاسانلا بەل ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
تۇغۇتتىن كىيىنكى قان ئازلىق كىسىلى
   يىڭى تۇغۇتلۇق ئاياللاردا، ئەگەر باش قېيىپ ماغدۇرسىزلىنىش، چىرايى ئۆڭگەن، ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار، پۇت-قوللىرى مۇزلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بۇ بەلكىم قان ئازلىق كىسەللىكى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن. تۇغۇتتىن كىيىنكى قان ئازلىق كىسىلىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبلىرى ھەر خىل بولىدۇ؛ مەسىلەن، تۇغۇتتا قان كۆپ كىتىش، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ماغدۇردىن كىتىش، تۇغۇتتىن كىيىنكى بالا ئىمىتىش قاتارلىقلار. بۇنداق ئەھۋالدا، قان تۇلۇقلاشقا چوقۇم دىققەت قىلىش كىرەك؛ ئادەتتە، يىمەكلىك ئارقىلىق تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ۋە ياكى دورا ئارقىلىق تۆمۈر ماددىسى تۇلۇقلاش ئۇسۇلى قوللىنىش ئارقىلىق، قان ئازلىق كىسىلىنى ياخشىلاشقا بولىدۇ.
بالىياتقۇ نورمال ئورنىدىن يۆتكىلىپ كىتىش
   نۇرغۇن ئاياللار، يىڭى تۇغۇتتىن كىيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئۆزىنى يامان ئەمەس ئەسلىمگە كەلدىم دەپ قاراپ، دوختۇرخانىغا بېرىپ قايتا تەكشۈرۈش قىلغۇزمايدۇ، ئەمما بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن بىنورماللىقنى بايقايدۇ. ئىلگىرى بىر تۇنۇشۇم، بالىسى 6ئايلىق بولغاندىن كىيىن، ئاندىن بالىياتقۇسىدا ئېغىر دەرىجىدە ئورنىدا يۆتكىلىپ كىتىش كۆرۈلگەنلىكىنى بايقاپ، دوختۇرخانىدا خېلى ئۇزۇن يېتىپ داۋالانغاندىن كىيىن ئاندىن ئەسلىگە كەلگەن. شۇڭا، يىڭى تۇغۇتلۇق ۋاقىتتا، ياخشى ھەم يىتەرلىك ئارام ئېلىش ۋە كۈتۈنۈشكە سەل قارىماڭ.
باش ئاغرىش
    نۇرغۇن ئاياللار، تۇغۇتتىن قوپقاندىن كىيىن، بېشى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ بۇ بەلكىم، يىڭى تۇغۇتلۇق مەزگىلىدە بېشىغا سۇغۇق ئۆتۈپ قالغانلىق سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号