بەزى ئاياللار نىمە ئۈچۈن تۇغۇتتىن كىيىن تىزلا قېرىپ كىتىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5829:ئادەم ئۆگەندى
    ھامىلدار بولۇپ بالا تۇغۇش، ئاياللارنىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ مۇھىم مەزگخللەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ھەم ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭمۇ بىر قېتىم يىڭىدىن تۇغۇلۇشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. بەزى ئاياللار تۇغۇتتىن كىيىن تېخىمۇ ياشىرىپ چىرايلىق بولۇپ كىتىدۇ، ئەمما يەنە بەزى ئاياللار تۇغۇتتىن كىيىن نەچچە ياش قېرىپ كەتكەندەك بولۇپ قېلىپ، ئىلگىرىكى ياشلىقىدىن ئەسەر قالمايدۇ.
    بىر ئادەمنىڭ ياش ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا، چىراي قىسمى تىرىسىنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىر ئادەم ئۆزىنى ھەرقانچە ئاسراپ كۈتۈنۈش قىلسىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىسىنى يەنىلا تۈپتىن ئۆزگەرتەلمەيدۇ؛ بىر ئادەمنىڭ تىرىسى، ئۇنىڭدىكى روھى بېسىم بىلەن ئاندىن زىچ باغلىنىشلىق كەلگەن بولىدۇ.
ئاياللارنىڭ ياش ھەم چىرايلىق ھالىتىنى ساقلىشىنى، نىمە ئۈچۈن روھى بېسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەيمىز؟
    بالىلىق بولغاندىن كىيىن، ئاياللار زور روھى بېسىمغا ئۇچرايدۇ؛ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قورسىقىدىكى بالىنىڭ يىتىلىشىنىڭ ياخشى بولالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، بالا تۇغۇلۇۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ تەربىيىلىنىشى ۋە ئۆسۈپ-يىتىلىشى جەھەتتە ئەنسىرەشكە باشلايدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بالىنىڭ تۇغۇلۇشى ئائىلىگە ئاز بولمىغان ئىقتىسادى بېسىم ئېلىپ كىلىدۇ. بۇنداق مەسىلىلەرگە قارىتا، بەزىلەر بىر كىچىدە نەچچە ياش قېرىپ كەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ ھەمدە بالىلىق بولۇپ نەچچە يىل بولابولمايلا چاچلىرىغا ئاق كىرىپ، روھى ھالىتى چۈشكۈن بولۇپ قالىدۇ؛ 30-20ياشلىق ئايال كىشىگە ئەمەس بەلكى 40نەچچە ياشلىق ئايال كىشىگە ئوخشاپ قالىدۇ.
    تۇرمۇشتىكى ھەر تۈرلۈك چوڭ-كىچىك ئىشلار ۋە قىيىنچىلىقلارغا قارىتا، ئايال كىشى ئەگەر ئۈمىدۋار روھى ھالەت بىلەن ئۇلارنى قوبۇل قىلىپ، ئاغرىنىپ قاقشىماي ئۆتسە ھەمدە ئۆزىگە بەك چوڭ روھى بېسىم ھىس قىلىۋالمىسا، ئۇنىڭ كىشىلىك ھاياتقا تۇتقان پوزۇتىسىيسى تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇپ ئۆزگىرىپ، بۇ خىل روھى ھالەت ئۇنىڭ چىرايىدا ئىپادىلىنىپ چىققان ۋاقىتتا، ئۇ تېخىمۇ ياش ھەم چىرايلىق كۆرۈنىدۇ.
ئانىلار قانداق قىلغاندا ئۆزىدىكى روھى بېسىمنى تېخىمۇ يىنىكلىتەلەيدۇ
    ئەگەر روھى بېسىمنى يىنىكلىتىمەن دىسەك، ئۇنداقتا بىز ئالدى بىلەن قورسىقىمىزنى كەڭرى تۇتىشىمىز كىرەك؛ ھەرقانداق ئىشتىن ئاغرىنىپ قاقشىماي، بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن ھەممە ئىشنى كەڭ قورساقلىق بىلەن قوبۇل قىلىشىمىز لازىم. بالىنىڭ كەپسىزلىك قىلغىنىنى بايقىساق، ئۇنى ئەيىبلەپ تىللاشقا ئالدىرماي، سەۋرچانلىق بىلەن ئۇنىڭغا داۋلى چۈشەندۈرۈشىمىز كىرەك؛ ئەگەر ئىرىڭىز ئۆينىڭ ئىشلىرىغا ياردەملەشكىلى ئۇنىمىسا، ھەر قېتىمدا ئۇنىڭ بىلەن بۇ سەۋەپلىك جىدەللىشىۋەرمەڭ. بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى تۈپ مەقسىتىمىز، پۈتكۈل ئائىلىنى ياخشى قىلىشتۇر؛ ئەگەر سىز بالىڭىزغا ۋە ئىرىڭىزگە قارىتا كەڭ قورساق بولمىسىڭىز، ئۇنداقتا كۈنلىرىڭىز بارغانسىرى ناچارلىقتا ئۆتىدۇ.
    روھى بېسىمنى يىنىكلىتىشتە، ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۈمىدۋار روھى كەيپىيات بار بولۇشى كىرەك. ئادەم ئۈمىدۋرا روھى كەيپىياتتا بولغاندا، ھەرقانداق نەرسە گۈزەل كۈرۈنىدۇ؛ گۈزەل مۇھىت ئىچىدە ياشىغاندا، ئانىلار تېخىمۇ ياش ھەم چىرايلىق بولۇپ كىتىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号