قانداق قىلغاندا تىرىنى ياخشى ئاسرىغىلى بولىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5793:ئادەم ئۆگەندى
كۈندىلىك تىرىنى ئاسراش تەرتىپلىرى

Step 1
يۈزنى يۇيۇش


    نۇرغۇن خانىم-قىزلار، ئورنىدىن تۇرغاندىن كىيىن، ئەڭ ئالدى بىلەن يۈزىنى يۇيىدۇ. ئادەتتە كۈندۈزدە يۈزىمىز يۇيغان ۋاقىتتا يۈز يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىپ يۇساق بولىدۇ؛ ئەمما كەچتە، ئالدى بىلەن گىرىملىرىمىزنى پاكىزە چىقىرۋەتكەندىن كىيىن ئاندىن يۇيىشىمىز كىرەك.
Step 2
تىرە ئاسراش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىش


    پاختىلىق پالكۇچىنى تىرە ئاسراش سۇيۇقلۇقىغا تەككۈزگەندىن كىيىن، پاختىلىق پالكۇچ بىلەن يۈزىمىزنى سۈرتىمىز؛ بۇنىڭدا يۈزنى ئىككىنچى قېتىم يۇيۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئەگەر نەملىك ساقلاش قىلماقچى بولساق، ئۇنداقتا تىرە ئاسراش سۇيۇقلۇقىنى بىۋاستە ئالقىنىمىزغا سۈرگەندىن كىيىن، ئالقانلىرىمىز بىلەن يۈزىمىزنى يىنىك ئۇرۇپ بەرسەك بولىدۇ.
Step 3
جەۋھىرى سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىش


    ئالدى بىلەن قوللىرىمىزنى ئۇۋلاپ ئىسسىتقاندىن كىيىن، جەۋھىرى سۇيۇقلۇقىنى يۈزىمىزگە تەكشى سۇۋاپ، كەينىدىن قولىمىزدا ئاستىدىن ئۈستىگە، سىرتتىن ئىچىگە قارىتىپ يىنىك ئۇۋلاپ، جەۋھىرى سۇيۇقلۇقىنىڭ يۈز تىرىمىزگە پۈتۈنلەي سۈمۈرلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. ئاخىرىدا بارماقلىرىمىز بىلەن يۈزىمىزدىكى مۇسكۇللارنى يىنىك چىكىپ بەرسەك بولىدۇ.(100قېتىم ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق).
Step 4
نەملىك ساقلاش


    ئۆزىمىزنىڭ تىرىسىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا ئاساسەن، نەملىك ساقلاش كىرەك بولغان ئورۇنلارمۇ ئوخشاش بولمايدۇ؛ كۈز ۋە قىش كۈنلىرى تىرە ئاسانلا قۇرغاقلىشىپ قالىدۇ، شۇڭا بۇ مەزگىلدە مەلھەم ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ(كەچلىك مەلھەم ۋە كۈندۈزلۈك مەلھەم دەپ ئايرىلىدۇ). ئەتىياز ۋە ياز پەسىللىرىدە بولسا، تىرە نىسبەتەن نەمخۇش كىلىدىغان بولغاچقا، سۇيۇقلۇق ئىشلەتسەكلا بولىدۇ.
Step 5
ئاپتاپتا كۈيۈشتىن ساقلىنىش


     ئاپتاپتا كۈيۈشتىن ساقلىنىش مەلھىمىنى ئۆزىمىزنىڭ ئىھتىياجىمىزغا قاراپ تاللشىمىز لازىم؛ ئاپتاپتا كۈيۈشتىن ساقلىنىش مەلھىمىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ساقلىنىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن قىسىقىلىقى، ئۇنىڭ SPF قىممىتىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە باغلىق(ئەسكەرتىش: ئەگەر سىز ئۆي سىرتىدا ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان بولمىسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ يۇقىرى ھەسسىلىكنى ئىشلىتىشىڭىز تەۋسىيە قىلىنمايدۇ).

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号