ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىنىڭ ساغلام بولماسلىقىنىڭ ئىپادىلىرى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5839:ئادەم ئۆگەندى
    بالىياتقۇ، ئاياللار بەدىنىنىڭ مۇھىم بىر تەشكىلى قىسمى بولۇپ، ئاياللارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم؛ بالىياتقۇ ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بالىياتقۇ ساغلام بولمىغاندا، ھەر خىل ئاياللار كىسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە ئاياللارنىڭ مۇدەەتتىن بۇرۇن قېرىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر، ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى ساغلام بولمىسا، تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئۆزگىرىش كۆرۈلىدۇ.
چىرايى سارغىيىپ قالىدۇ
    بىز ئادەتتە، ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىنى يىلتىزغا، سۈت بېزىنى يۇپۇرمىقىغا، چىرايىنى بولسا گۈلگە ئوخشىتىمىز؛ شۇڭا، ئايال كىشىنىڭ چىرايىغا قاراپ، ئۇنىڭ بالىياتقۇسىنىڭ ساغلام ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىۋىلىشقا بولىدۇ. ئەگەر بالىياتقۇ ساغلام ياكى قۇۋۋەت ماغدۇر يىتەرلىك بولسا ۋە ھەيىز نورمال بولسا، ئادەمنىڭ چىرايى قىزارغان ساغلام ھالەتتە تۇرىدۇ. بىراق بالىياتقۇ ساغلام بولالماي قالسا، چىرايى سارغىيىپ كىتىپلا قالماي، يەنە ھەيىز ئاغرىتىپ كىلىش، ھەيىز بىنورمال كىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال، بالىياتقۇدىكى بۇلغانغان قانلارنىڭ ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرتىلەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن، بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلار كۆپىيىپ، بەدەندە قۇۋۋەت ۋە ماغدۇرنىڭ كەمچىل بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن بولىدۇ. شۇڭا، ئەگەر چىرايى سارغىيىپ قېلىش ئۇزۇنغىچە ياخشىلانمىغان ئەھۋالدا، بالىياتقۇ ساغلاملىقىدا مەسىلە كۆرۈلدىمۇ يوق دىققەت قىلىش كىرەك.
ھەيىز ئاغرىتىپ كىلىدۇ
    نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ھەيىز مەزگىلىدە، قورسىقى چىدىغۇسىز ئاغرىپ كىتىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇ ئادەتتە ھەيىز ئاغرىتىپ كىلىش دەپ ئاتىلىدۇ. ھەيىز ئاغرىتىپ كىلىشنى، بالىياتقۇ ساغلاملىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغان بولۇپ، بولۇپمۇ ئاستى قورساق قىسمى ئاغرىپ كىلىش بولسا، بالىياتقۇ ئېغىر دەرىجىدە سۇۋۇپ كەتكەنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەگەر بالىياتقۇ ساغلام بولمىسا، ھەيىز مەزگخلىدە ئاستى قوساق قىسىم مۇزلاپ ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ، شۇڭا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ باققىنىڭىز ياخشى.
يوتا قىسىم سېمىرىپ كىتىدۇ
   ئاياللارنىڭ تۇيۇقسىز سېمىرىپ كىتىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى ۋە ھەرىكەت قىلىشتىن باشقا، يەنە ئاياللار كىسىلى بىلەنمۇ بەلگىلىك مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. مەسىلەن بالىياتقۇ سۇۋۇپ كىتىش؛ ئەگەر بالىياتقۇ سۇۋۇپ كەتسە، ئۇ ئەتراپىدىكى مايلاردىن پايدىلىنىپ سۇۋۇپ كىتىشكە تاقابىل تۇرۇشقا ئىھتىياجلىق بولىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ساغرا قىسىم ۋە يوتا قىسىمدا ماينىڭ يېغىلىپ بارغانسىرى كۆپىيىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىچ كىيىمى سارغىيىپ كىتىش
    كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئەگەر ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى ساغلام بولسا، زەھەر ھەيدەش، ئىچكى ئاجرالما قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نورمال بولىدۇ، شۇڭلاشقا ئىچ كىيىمنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدۇ. ئەمما، ئەگەر بىر مەزگىل ئىچىدە ئىچ كىيىمىڭىزنىڭ سارغىيىپ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز، ئۇنداقتا بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىچكى ئاجرىلىش قالايمىقانلىشىپ، ئاجرالما ماددىلارنىڭ ئىچ كىيىمگە چاپلىشىۋالغانلىقىدىن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كىرەك.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号