ھەممە ئايال كىشى گۈزەللىككە ئىنتىلىدۇ، ئۆزىنىڭ مەڭگۈ ياشلىقىدەك تۇرالىشنى خىيال قىلىشىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇش جەريانىدا، كۆپ قىسىم ئاياللار ھەممىسى ئۆزىنىڭ سىرتقى كۈرنىشىگە ئەھمىيەت بىرىدۇ؛ بولۇپمۇ چىرايىغا يىتەرلىك "مەبلەغ" سالىدىغان بولۇپ، نۇرغۇن گىرىم بۇيۇملىرىنى سېتىۋىلىپ قاش-كۆزلىرىنى تۈزەيدۇ. بىراق، گىرىم قىلىش بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ؛ بىزنىڭ تېنىمىز تىگى-تىگىدىن ساغلام بولغاندىلا، ئاندىن رەڭگى-روھىمىز تېخىمۇ ياخشى كۆرىنىدۇ. تۇرمۇشىمىزدا، تۆۋەندىكى بەش خىل ناچار ئادەت، ئاياللارنى تىز قېرىتىۋىتىدىغان بولۇپ، ئەگەر سىز ئادەتتە بۇ نوقتىلارغا دىققەت قىلالىسڭىز، قېرىپ كىتىشىڭىزنى ئاستىلىتالىشىڭىز مۇمكىن.

ئاپتاپتا كۈيۈشنىڭ ئالدىنى ئالماسلىق
ياز پەسلى بولمىغان تەقدىردىمۇ، بىر يىل ئىچىدىكى باشقا ئۈچ پەسىلدىمۇ، قۇيۇاش نۇرى تەركىبىدىكى ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ ئادەمنىڭ تىرىسىگە قارىتا بەلگىلىك دەرىجىدە كۆيدۈرۈش تەسىرى بار بولىدۇ؛ شۇڭا، ئاياللارغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ئاپتاپتا كۈيۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر. ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر، ئاياللارنىڭ تىرىسىنىڭ قېرىپ كىتىشى، قورۇقچىلار پەيدا بولۇش ۋە داغ پەيدا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەپتۇر؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر ئاياللار قېرىپ كىتىشنى ئاستىلىتىمەن دىسەك، بىر يىل تۆت پەسىلنىڭ ھەممىدە، ئاپتاپتا كۈيۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشمىز لازىمدۇر.
پاسسىپ كەيپىياتلىرى كۆپ بولۇش
كەيپىياتنىڭ بىزنىڭ تەن ساغلاملىقىمىزغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن زور. ئەگەر ھەمىشە كەيپىياتىمىز تۆۋەن، ئۈمىدسىز بولغان ھالەتنى ساقلاپ ئۆتسەك، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ روھى بېسىمى زىيادە ئېغىر بولۇپ، ۋاقتىدا قويۇپ بىرىشكە ئىرىشەلمىسە، ئاياللار ئاسانلا خامۇشلىشىش كىسلىگە گىرىپتار بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى قېرىپ كىتىشىمۇ تىزلىشىپ كىتىدۇ.
كىچىسى ئۇخلىماسلىق
ھازىر نۇرغۇن ئاياللار ھەمىشە كىچىسى ئۇخلىمايدىغان ئادەت يىتىلدۈرۋالغان بولۇپ، بۇ ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئۆزىنى تۈزىشى ۋە زەھەر ھەيدىشىگە پايدىسىز بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى ئاسانلا كۆز ئەتراپى قارىداپ قېلىش، كۆز خالتىسى پەيدا بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەرقانچە كۆپ گىرىم بويۇملىرى ئىشلەتكەن بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا، ئاياللار قېرىپ كىتىشنى ئاستلىتىمەن دىسە، ئەڭ ياخشىسى بالدۇر ئۇخلاپ، بالدۇر ئۇخلايدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرۈپ، كۈندىلىك ئۇخلاش ۋاقتنىڭ يىتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
تاتلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپ يىيىش
كۆپ قىسىم ئاياللار تاتلىق يىمەكلىكلەرنى يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ بولۇپمۇ ئاياللار كۆڭلى يېرىم ۋاقتىدا ئازراق تاتلىق يىمەكلىكلەر يەپ بەرسە، ئۇلارنىڭى كەيپىياتىنىڭ ئوڭشىلىشىغا پايدىلىق بولىدۇ. بىراق، تاتلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپ يەۋالغاندا، ئادەم ئاسانلا سەمىرىپ كىتىدىغان بولۇپ، بۇندىن باشقا يەنە تېخى ئىچكى ئاجرىلىشىشنىڭ بىنورماللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىپ، ئاياللارنىڭ تىرىسىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى تىزلەشتۈرۋىتىدۇ.
ئۇزۇن ۋاقىت مىدىرلىماي ئولتۇرۇش
ھازىر، نۇرغۇن ئاياللار ئاساسلىقى ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدۇ؛ ئۇزۇن ۋاقىت كومپىيوتىر ئالدىدا مىدىرلىماي ئولتۇرغاندا، ئادەمنىڭ مىتابولىزىمى ۋە قان ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئاياللار ئەگەر قېرىپ كىتىشنى ئاستىلىتىمەن دەيدىكەن، ئەڭ ياخشىسى بىر ئولتۇرغانچە مىدىرلىماي ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرىدىغان ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ بىرىشى كىرەك.