باش سۈيى تىشىلىش ۋە كىچىك تەرەت تۇتالماسلىقنى پەرقلەندۈرۈش
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6238:ئادەم ئۆگەندى
   ئىشىنىمەنكى، كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار، دوختۇلارنىڭ مەيلى قانداق ۋاقىتتا ۋە قانداق يەردە بولۇشتىن قەتئىنەزەر، ئەگەر باش سۈيى تىشىلىش ھادىسىسى كۆرۈلسە دەرھال دوختۇخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كىرەكلىكى ھەققىدە قىلغان جىكىلىشىنى ئاڭلىغان. بىراق، ئەگەر ھامىلدار ئايالدا ئاز مىقداردىكى باش سۈيى ئېقىپ چىقىپ كىتىش ھادىسىسى كۆرۈلسە، بۇنى سۈيدۈك تۇتالماسلىق بىلەن پەرقلەندۈرۈش بىرقەدەر قىيىنغا توختايدۇ. ئۇنداقتا، باش سۈيى تىشىلىپ كىتىش بىلەن، سۈيدۈك تۇتالماسلىقنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كىرەك؟
باش سۈيى تىشىلىپ كەتسە، مىقدارى كۆپ بولىدۇ ھەمدە كونتىرول قىلغىلى بولمايدۇ
   باش سۈيى، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە ئەگىشىپ ئۆزلۈكسىز تۈردە كۆپىيىپ بارىدىغان بولۇپ، ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىگە بارغاندا، تەخمىنەن 1000مىللىلىتىر ئەتراپىغا يىتىدۇ. ئادەتتە، باش سۈيى تىشىلىپ كەتسە، ھامىلدار ئايال ئىككى پۇتىنىڭ ئارلىقىدىن زور مىقداردا سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىققانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كونتىرول قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئاياللار داۋاملىق ھەرىكەتلەنسە، باش سۈيى يەنە داۋاملىق ئېقىپ چىقىشى مۇمكىن.
باش سۈيى رەڭسىز ھەم پۇراقسىز كىلىدۇ
    نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار، باش سۈيى تىشىلىپ كەتكەندىن كىيىن، سۈيدۈكنى تۇتالماي ئېقىپ چىققان ئوخشايدۇ دەپ قالىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە، باش سۈيى بىلەن سۈيدۈكنىڭ يەنىلا پەرقى بار. باش سۈيى، رەڭسىز ھەم پۇراقسىز كىلىدىغان بولۇپ، ناھايىتى سۈزۈك ھەمدە تىمپۇراتۇرسى ئىلمان كىلىدۇ. ئەمما سۈيدۈك بولسا، ئادەتتە سارغۇچ رەڭدە كىلىدۇ ھەمدە سېسىق پۇرىقى بار بولىدۇ.
رەڭلىك باش سۈيى
   ئادەتتە، باش سۈيى ئايغا توشۇشتىن بۇرۇن تىشىلىپ كەتسە، بۇ ۋاقىتتىكى باش سۈيىنىڭ رەڭگى سۈزۈك بولىدۇ؛ ئەمما ئاي توشقاندىن كىيىن تىشىلىپ كەتسە، بۇۋاقىتتا ئۇنداق سۈزۈك بولمايدۇ. ھامىيلە يىتىلىپ ئايغا توشقاندىن كىيىن، تىرىدىن بەزىبىر موي-تۈكلەر، ھۈجەيرىلەر، ھامىيلە مېيى قاتارلىقلار ئاجراپ چۈشىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا باش سۈيى تىشىلىپ كەتسە، ئۇنىڭ رەڭگى سۈترەڭدە كىلىدۇ ھەمدە ئىچىدە ئاق رەڭلىك چۆكمە ماددا ئارىلاش كىلىدۇ.
   ئەگەر باش سۈيى يىشىل رەڭدە ياكى شىلىمشىق كەلسە، بۇ باش سۈيىنىڭ بىنورماللىقىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، ھەر ۋاقىت ھامىيلىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يىتىش ئىھتىماللىقى بار بولىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ھامىلدار ئايال دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىشى كىرەك.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号