پىيازنىڭ ھامىلدار ئاياللارغا بولغان پايدىلىق تەرەپلىرى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6039:ئادەم ئۆگەندى
   بۈگۈن ھامىلدار ئاياللارغا تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، قىش پەسىللىرى كۆپ ئۇچرايدىغان، باھاسى ئەرزان بولغان كۆكتات—پىيازدۇر. پىيازدا سۇغۇق سەي تەييارلاشقىمۇ، قورۇما قورۇشقىمۇ بولىدۇ؛ مەيلى تەم ياكى ئۇزۇقلۇق جەھەتتىن بولمىسۇن، ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى يىمەكلىكنىڭ بىرى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە پىياز يىيىشكە بولامدۇ؟
    بولىدۇ. مەيلى ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان مەزگىل ياكى ھامىلدارلىق مەزگىلى بولسۇن، ھەتتا تۇغۇتلۇق مەزگىلىدىمۇ پىياز يىسە بولىدۇ. پىيازنىڭ تەمىنىڭ تەم سىزىم ئەزالىرىنى غىدىقلاش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ. بىراق شۇنى ئۇنتۇپ قالماڭكى، پىيازنى بەك كۆپ يەۋىتىشكە بولمايدۇ؛ چۈنكى، ھەرقانچە ياخشى نەرسە بولسىمۇ، كۆپ يەۋەتسە ئادەمگە بېسىم بولۇپ قالىدۇ.
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە پىياز يىيىشنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟
بەدەندىكى زەھەرنى ھەيدەيدۇ
    پىيازنىڭ تەركىبىدە ھەرخىل ئامىنو كىسلاتالار بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنى ھەيدەپ چىقىرىشقا پايدىسى بار. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە پىياز يەپ بەرسە، بەدەندىكى ئېغىر مىتاللارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆزى ۋە قوساقتىكى ھامىيلىگە قارىتا پايدىلىق بولىدۇ.
قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ
    پىيازنىڭ تەركىبىدىكى تالا ماددىلىرى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ ھەمدە ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇپ تەرەتنى راۋان قىلىدۇ.
ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ
    پىياز تەركىبىدە ھەرخىل ۋىيتامىنلىق ماددىلار كۆپ، بولۇپمۇ ۋىيتامىن C، بۇ خىل ۋىيتامىننىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولىدۇ ھەمدە قوساقتىكى ھامىيلىنىڭ ساغلام يىتىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.
قان بېسىمنى تەڭشەيدۇ
    پىياز تەركىبىدە كۆپ خىل مىنرالنى ئىلمىنتلار بار بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كالىي ماددىسى، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى قان بېسىمنى كونتىرول قىلىشقا پايدىلىق بولىدۇ. بىراق، گەرچە پىيازنىڭ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى بار بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى دورىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ.
ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى دىئابىت كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
    پىياز تەركىبىدىكى خروم ماددىسى، بەدەندىكى ئىنسولىننىڭ تەڭپۇڭلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، قاندىكى شىكەر مىقدارىنى كونتىرول قىلىپ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى دىئابىت كىسەللىكىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.
بەدەن ئېغىرلىقىنى كونتىرول قىلىدۇ
    پىياز بولسا، بىر خىل تۆۋەن ئىنىرگىيىلىك ھەم تۆۋەن مايلىق يىمەكلىك؛ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە پىياز يەپ بەرگەندە، تويۇنۇش تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بولىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.
ئېغىز بوشلۇقىنى ساغلام قىلىدۇ
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، بەدەندىكى ھورمۇن مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەپلىك، ھامىلدار ئاياللارنىڭ چىشى ئاسانلا يۇقۇملىنىپ قالىدىغان بولۇپ، چىش مىلىكى ياللۇغى ۋە چىش مىلىكى قاناش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پىيازنىڭ باكتىرىيە ۋىروسقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، باكتىرىيە ۋە ۋىروسلارنى ئۈنۈملۈك يوقىتىپ، ھامىلدار ئايالنىڭ ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ساغلام بولۇشىغا پايدىلىق بولىدۇ.
كاناي ئىششىپ ئاغرىشنى پەسەيتىدۇ
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ئەگەر كانىيىڭىز ئىششىپ ئاغرىيدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە ياكى ئۈستى نەپەسلىنىش يولىدا يۇقۇملىنىش كۆرۈلسە، بۇ ۋاقىتتا ئازراق پىياز يەپ بەرسىڭىز بولىدۇ. پىياز شەربىتىنىڭ ۋىروس يوقىتىپ ياللۇغ قايتۇرۇش ئۈنۈمى بار بولۇپ، كاناي ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىئارامچىلىقنى پەسەيتىش رولىنى ئوينايدۇ.
ھامىلدارلىق مەزگىلىدە پىيازنى كۆپ يەۋالغاندا قانداق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ؟
    پىيازنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى كۆپ ئىستىمال قىلىۋەتسەكمۇ بولمايدۇ. ئەگەر ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، پىيازنى زىيادە كۆپ يەۋالساق، ئاشقازان ئېچىشىش، ئىچى سۈرۈش، رىئاكسىيە قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号